شەھەر باشلىقىنىڭ ۋېلىسپىتى

ۋاقتى: 2013-02-07 / ئاپتور: / سەھىپە: ئەدەبىيات,ھىكايە / كۆرۈلۈشى:1,491 قېتىم ئوقۇلدى /

سەي جوڭفېڭ

بىر ئاي بۇرۇن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئىشقا چۈشكەن تۈنجى كۈنۈملا ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى جاڭ مۇدىر مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ: 
- يېقىنقى بىر مەزگىلدەھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئىشقا كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىزگە بىر ئالاھىدە ۋەزىپە تاپشۇرىمەن!،- دېدى. 
مەن دەككە – دۈككە ئىچىدە : 
- ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشتۈم، ئىشنىڭ ئىپى – جىپىنى بىلىپ كەتمەيمەن ، ئالاھىدە ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمەنمۇ؟ – دېدىم.
- ھۆددىسىدىن چىقالايسىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشقا چۇقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىز لازىم. بۇ بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا سىياسىي ۋەزىپە! – دېدى جاڭ مۇدېر. 
ـ ئۇنداقتا ئورۇنلاشتۇرۇڭ، – دېدىم مەن.
- مۇنداق ئىش، -دەپ گەپ باشلىدى جاڭ مۇدىر،- ۋاڭ شەھەر باشلىقىنىڭ شەھىرىمىزگە باشلىق بولۇپ كەلگىنىگە نەچچە كۈنلا بولدى. تۈنۈگۈن چۈشتە ئۇ ماڭا ئاستاغىنا ئۆزىنىڭ تېخى گېزىتلارغا يېزىلىپ، تېلىۋىزۇرغا چىققۇدەك بولمىغانلىقىنى، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تۇنىمايدىغانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋېلىسپىت بىلەن چوڭ – كىچىك كوچىلارنى ئايلىنىپ، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىپ ئاۋامنىڭ ھال – كۈنىنى بىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى،- جاڭ مۇدىر تۈكرىكىنى يۈتىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،- تۇنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەن ئوپئوخشاش ۋېلىسپىتتىن ئۈچنى سېتىۋالدىم. ئۇنىڭغا سېلىنىدىغان قولۇپمۇ ئوپئوخشاش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن بۇ قۇلۇپلارغا ئاز- تولا ھۈنەر ئىشلەتتىم. شەھەر باشلىقىنىڭ قولىدىكى ئاچقۇچ بىلەن بۇ ئۈچ قۇلۇپنى ئوخشاشلا ئاچقىلى بولىدۇ، – دېدى. 
- نېمىشقا ئۈچ ۋېلىسپىت سېتىۋالىمىز؟ ۋاڭ شەھەر باشلىقى يالغۇز تەكشۈرىدىغان تۇرسا، بىرنىلا سېتىۋالساق بولاتتىغۇ؟ – دەپ سورىدىم مەن.
- بۇ مۇنداق ئىش، شەھەر باشلىقىغا ۋېلىسپىت سېتىۋالىدىكەنمىز، ئاز دېگەندىمۇ 2000 يۈەنلىكتىن يۇقىرى بولغان نوچىراق ۋېلىسپىت سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەپسۇس، بىزنىڭ بۇ يەردە نوچى ۋېلىسپىتنى ئۈچ كۈنگە قالماي ئوغرى ئېلىۋالىدۇ. بۇنداق ئىشنى ئەمدىلا كەلگەن ۋاڭ شەھەر باشلىقىغا بىلىندۈرۈپ قويساق ھەم بولمايدۇ. شۇڭا ئۈچتىن ئارتۇق ۋېلىسپىت سېتىۋېلىشىمىز لازىم.
مەن تازا ئاڭقىرالماي: 
- لېكىن ، ۋېلىسپىتتىن ئۈچنى سېتىۋالساقمۇ ۋاڭ شەھەر باشلىقى بىر نۆۋەتتە ئۈچىلىسىنى مىنىپ كېتەلمەيدۇ، مىنگەن ۋېلىسپىتى ئوغۇرلانسا ئۇ بەرىبىر بىلىپ قالىدۇ،- دېدىم 
- دەل شۇنداق بولغاچقا سىز ھەر كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 5 لەردە ، ئىشقىلىپ شەھەر باشلىقى ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن  ئۇنىڭكىگە ئوخشاش ۋېلىسپىتنى مىنىپ ، ئاۋال ئۇ تۇرىۋاتقان ئولتۇراق رايۇنغا بېرىپ تىڭ – تىڭلاپ باقىسىز. مۇبادا شەھەر باشلىقىنىڭ ۋېلىسپىتى كۆرۈنمىسە سىز دەرھال ئۆزىڭىز مىنىپ بارغان ۋېلىسپىتنى شەھەر باشلىقى ئالدىنقى كۈنى كەچتە ۋېلىسپىت قويغان جايغا قويۇپ قۇيىسىز. قىلچە بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، ناۋادا شەھەر باشلىقى ۋېلىسپىتلىك تەكشۈرۈشكە بارسا سىزمۇ ئوخشاش ۋېلىسپىتنى مىنىپ يىراقتىن ئۇنىڭغا ئەگىشىسىز، شەھەر باشلىقى ھەرگىز سىزنى بايقاپ قالماسلىقى كېرەك، ھەرگىزمۇ!
- سىز مېنى ئۇنىڭغا قوغدىغۇچى بول دېمەكچىمۇ؟- سورىدىم مەن.
- ياق . مۇبادا شەھەر باشلىقى ۋېلىسپىتنى توختىتىپ قويۇپ باشقىلار بىلەن ھال – مۇڭ بولسا ياكى ۋېلىسپىتنى تاللا بازىرى، مېھمانسارايلارنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويسا، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا ۋېلىسپىتنى ئوغرى ئېلىۋالىدۇ!
- راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا  مەن سۈرەن سالغىنىمچە ئۇ ناكەسنى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرىمەن، – دېدىم مەن ھاياجانلىنىپ. 
جاڭ مۇدىر جىددىيلىك بىلەن دېدى: 
- مۇتلەق ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! سىز ئوغرىنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ ۋېلىسپىتىنى ئوغۇرلىۋالغانلىقىنى كۆرسىڭىزمۇ داۋراڭ سالماسلىقىڭىز لازىم. داۋراڭ سالدىڭىزمۇ شەھەر باشلىقى ۋېلىسپىتنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ دېگەن گەپ. ئوغرى ۋېلىسپىتنى ئوغۇرلاپ بولغاندىن كېيىن سىز دەرھال ئۆزىڭىز مىنگەن ۋېلىسپىتنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ قۇيىشىڭىز كېرەك . شەھەر باشلىقى بۇنى سىزىپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ ، – جاڭ مۇدىر بىر ئاز توختىۋېلىپ مۇرەمگە شاپىلاقلاپ ، كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ :
- بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟ بۇ تەشكىلنىڭ سىزنى سىنىغىنى! ۋاڭ شەھەر باشلىقى سىز بىلەن ئەسرا بولۇپ باقمىدى. شۇڭا، بۇ ۋەزىپىنى سىزگە تاپشۇردۇق ، – دېدى. مەن مەيدەمگە مۇشتلاپ تۇرۇپ: 
- تەشكىل تاپشۇرغان ۋەزىپىنى بىجاندىل ئورۇندايمەن! چۇقۇم شەھەر باشلىقىغا سەزدۈرۈپ قويمايمەن! – دېدىم. 
ئەتىسىدىن باشلاپ، مەن ھەر كۈنى كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ ھەر ۋاقىت ۋاڭ شەھەر باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىگە كۆز قۇلاق بولدۇم. ھەر قېتىم ۋاڭ شەھەر باشلىقىنىڭ ۋېلىسپىتى ئوغۇرلانسا مەن چاندۇرماستىن ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ قويدۇم. ۋېلىسپىت يېتىشمىسە جاڭ مۇدىر يېڭىنى ئەكىلىپ بەردى. بىر ئاي جەريانىدا مەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ۋاڭ شەھەر باشلىقىغا 10 دانە ۋېلىسپىت سەپلەپ بەردىم. 
بۈگۈن ئىشقا چۈشۈشىمگە جاڭ مۇدىر مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ :
- ۋاڭ شەھەر باشلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشى ئاياغلاشتى. ۋەزىپىنى قالتىس ياخشى ئورۇنلىدىڭىز. تۈنۈگۈن ئېچىلغان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت يىغىنىدا ۋاڭ شەھەر باشلىقى شەھرىمىزنىڭ ئامانلىق ئەھۋالىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختىدى ، – دېدى.

« تاللانغان ھېكايىلەر» ژورنىلىنىڭ 2011 – يىللىق 4- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
“小说选刊” 2011年第四期

تەرجىمە قىلغۇچى: باغداش مۇنبىرىدىن sadaqat

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro