مەزكۇر كىتابنى تەمىنلىگەن قۇتلان ئەپەندى بىلىك كۇلۇبىدا مۇنداق دەيدۇ: كىچىك چاغلىرىمدا مومامنىڭ نۇرغۇن ”خوراپىي“ ئىشىلىرىنى ئۇچرىتاتتىم، چوڭ ئانام قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ ”خۇراپىي“لىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەسلىمىلا بولۇپ قالدى، ئەپسۇس كىچىك چاغلىرىمدىكى مائارىپ ماڭا كونا ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خوراپاتلىق دەپ ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاكى 2003 – يىلىغىچە مىراس ژورنىلىدا ئاشۇ ”خوراپاتلىق“لارنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى، ئاشۇ سۆيۈملۈك ”خوراپاتلىق“لارنى خاتىرىلەپ قويمىغانلىقىمنى، ھىچ بولمىغاندا ياخشىراق دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەستە ساقلىۋالمىغانلىقىمنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانىسى ھايات بولغان تەلەيلىك تورداشلارنىڭ مومىلارلا قىلىپ كىلىۋاتقان ئاشۇنداق ”خوراپات“لىقلارغا سەل قارىماسلىقىنى، خاتىرلەپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىپ، مىراس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ئەسەرنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم.
كىتاپنى ئوقۇش ياكى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەربنى بېسىڭ : چۈشۈرۈش