ھاشارەتلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بىر كىشى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ:
ئۇ بۈرگىنى ئېغىزى ئوچۇق بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە سالغاندا، بۈرگە دەرھال سەكرەپ چىقىپ كەتمەكچى بوپتۇ. ئۇ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋالغاندا، بۈرگە يەنىلا كۈچىنىڭ بارىچە بوتۇلكىنىڭ ئىچىدىن سەكرەپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، توختىماي بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە سوقۇلۇپ يۈرۈپتۇ. بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا ئاۋالقىدەك سەكرەپ تۇرۇپتۇ. ئۈچ سائەت ئەتراپىدا بولغاندا، ئۇ يەنىلا سەكرەپ تۇرۇپتۇ. بىراق، ئۇ بوتۇلكا ئېغىزىغا پەقەت سوقۇلماپتۇ. سەكرەش ئېگىزلىكى بوتۇلكا ئېغىزىغا بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا قاپتۇ ھەمدە ھەر قېتىم شۇنداق سەكرەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوتۇلكا ئېغىزى ئېچىلىپتۇ، بىراق بۈرگە ئاۋالقىدەك ئېگىزلىكىنى ساقلاپ قېلىپ چىقىپ كېتەلمەپتۇ.
شۇنداق، تۇرمۇش ئەمەلىيەتتە ئېغىزى يوق بوتۇلكىغا ئوخشايدۇ. سىز قانچە ئېگىز سەكرىسىڭىز بولىدۇ. بىراق سەكرەپ چىقىپ كېتەلەيدىغان كىشىلەر تولىمۇ ئاز، چۈنكى، ئۇلار ئىزچىل بىرلا ئېگىزلىكتە سەكرەيدۇ. «پۇرسەت بىر قېتىملا» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى