*. بەرگەننى چىشلىگەندىن تەر ئاققۇزۇپ كىشنىگەن ياخشى.
*. ئېشەك ئاز يەپ رىيازەت چەككەن بىلەن ئەقىللىق بۇلۇپ قالمايدۇ.
*. بىكار يۇرمەڭ لاغايلاپ، پۇلنى خەجلەڭ ئاۋايلاپ.
*. ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ ئاڭلىدى، بىلدى، ئەقىلسىزگە گەپ قىلساڭ ئاڭلىدى، كۈلدى.
*. بايلار ئاقچىسى بىلەن، قانۇن ساقچىسى بىلەن.
*. مېلى يوق دەپ ئەردىن قاچما، چۆپى يوق دەپ يەردىن قاچما.
*. قابىليەتلىككە تەربىيە بېرىش نىجاسەتكە چۈشۈپ كەتكەن گۆھەرنى يۇيغانغا ئوخشىشىدۇ.
*. يالغانچىنىڭ سۆزىدىن بىل، سۆزىدىن بىلمىسەڭ كۆزىدىن بىل.
*. كەمبەغەلگە پوش-پوش، باي غوجامغا خوش-خوش.
*. قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ، خوتۇنىغا(ئېرىگە)ئامراق بالىغا ئۆچ.
*. كوچىدىن دەككىسىنى يىگەن ئەخمەق، ئۆچىنى خوتۇنىدىن ئالار.
*. ئۇخلاشنى رەت قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىپ ئۆلۈۋالىدىغان بىرمۇ ئادەم بولمايدۇ.
*. بەش بارماق بىرىكمىسە ئورغاقنى تۇتقىلى بولماس.
*. يايرىڭنى گۈل ئارسىدىن ئىزدە، ئەركىڭنى ئەل
ئارسىدىن.
*. ۋاپا قىل، يىگىتلىك بوستانى ھەمىشە گۈزەل ۋە كۆڭۈللۈك بۇلىۋەرمەيدۇ.
*. ئادالەت بىر ئاپتاپدۇركى، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قاراڭغۇلۇق يۇرىغاي.
*. بىلىمدىن لاپ ئۇرۇش ئەسلى نادانلىق، نادانلىق-بىلسەڭ شۇ بىلىمدانلىق.
*. ئايرىلمىغىن ئېلىڭدىن، قۇۋۋەت كېتەر بېلىڭدىن.
*. ئۆز ئېلىڭنىڭ غىمىنى يە، ھالال ئىشلەپ نېنىنى يە.
*.توخۇنىڭ تۈگمىنى يوق دان يەيدۇ، بۆرىنىڭ قازىنى يوق خام يەيدۇ.
*. ساق بۇلاي دىسەڭ گېلىڭنى يىغ، تىنىچ بولاي دىسەڭ تىلىڭنى يىغ.
*. ھېساپنىڭ سىرتىدا ئىش يوق، كالپۇكنىڭ سىرتىدا چىش يوق.
*. نادانغا يېقىنلاشما، دىققەت قىلغىنكى، ئاق نەرسىگە قارا تىزيۇقىدۇ.
*. جاھىللارنىڭ جاھىللىقىغا ئۇنىڭ ھەسەتخورلىغى سەۋەپچىدۇر.
*. بۇيۇن گۈشى ئوبدان گۆش، يىيىشكە ئەپسىز-ئويمان گۆش.
*. دوزاق نەدە؟-ئىككى ئادەم تاماق يەپ، بىرى قاراپ تۇرغان يەردە.
*. خوتون كىشىنىڭ پاكىزلىغىنى ئېرىنىڭ ياقىسىدىن كۆر.
*. ئالما يەپ سۇ ئىچمەڭ ، ئاغرىيسىز، جىگەر يەپ سۇ ئىچمەڭ، سەمرىيسىز.
مەنبەسى: خەلق