ئۇيغۇرلاردا پۇل بارمۇ؟

ۋاقتى: 2012-08-17 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوبزور,مۇھاكىمە / كۆرۈلۈشى:793 قېتىم ئوقۇلدى /

‹‹ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ›› ( ئۇيغۇرچە 2002 – يىلى 18 – يانۋار ) سانىدا مۇنداق بىر مەلۇماتمۇ بار : ” يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇش بەدەل پۇلى ئارقا ئارقىدىن ئۆرلەپ ، يىلىغا 4000 – 6000 يۈەنگىچە بولغان، بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ 9000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستۇتىدىلا نەچچە يىلدىن بۇيان ، ئۇقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان نامرات ئۇقۇغۇچى 4000 دىن ئاشقان.
ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بۇيىچە ، 20 دىن ئارتۇق ئۇنۋېرستىت ۋە ئىنىستۇتتا نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئاشىدىكەن … “
بېليارتچى قاسىم تۇرسۇن ئەنگىلىيەدە نىمە كۈنلەرنى كۆردى؟ ”پەلەك شاھى“ ئادىلجان ھۇشۇرنىڭ كەچمىشلىرىدىن قانچىلىك كىشى خەۋەردار؟ غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى 16ياشلىق گۈلباھار ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستۇتى قارىمىغىدىكى 1-دوختۇرخانىدا 7 ئاي داۋالىنىپ ( ھەر ساھە مېھرىبانلىغىنى يەتكۈزۈپ 200مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىپ) بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كېيىن غۇلجىغا قايتقان ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. بۇنداق ئىشلار ئاز بولدىمۇ؟ …. نەچچىلىگەن سەرۋى قامەتلىك قىزلىرىمىز پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ قانچىلىك دەپسەندە قىلىندى؟ ئەجداتلار توغرا ئېيتىدۇ”پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ “”پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا“ دەپ. مېنىڭ يۇقارقى بايانلىرىم ھەرگىزمۇ پۇلنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ ئىپپەت نۇمۇسىنىمۇ پۇلغا تېگىشىۋاتقانلارغا مەدەت بېرىش ئەمەس! بىزنىڭ نۇزۇگۇم كەبى پاكلىقنى، ئىپپەتنى پۇل-بايلىقتىن ئۈستۈن بىلىدىغان ساپ نىيەت، ئىمان ئېتىقاتلىق خۇتۇن قىزلىرىمىز سانسىز. گېپىمىزگە قايتساق پۇلنىڭ قۇدرىتى چەكسىزدۇر، ئۇ مۈشكشلۈڭنى ئاسان قىلغۇسى.
ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن شۇنچە نامرات ئۆتتىمۇ؟ ياق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېيىغانلارمۇ بولدى، ئەمما باي بولغاندىن كېيىن ماڭغان يولى ئوخشاش بولمىدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلاردىن پۇل تاپقانلار پۇلىنى قانداق خەجلىدى؟


خوتەنلىك ساخاۋەتچى، مەرىپەتپەرۋەر دېھقان كېرەم ئىمىن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ مەكتەپ، دوختۇرخانا، كۆۋرۈك سالدى.
غۇلجىلىق ئابلىمىت خالىس ھاجىم ئۆزى 400مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن مۇھەممەت ئىمىن قارىھاجىم، سادىقجان، ئابدۇرېشىت قادىر، دىلشات سابىت قاتارلىق ئەل ئوغلانلىرىنىڭ 100مىڭ يۈەندىن پۇل قۇشۇشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان غۇلجا مىللى مائارىپ خالىس فوندى جەمئىيىتى 1مىليون 500مىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن قۇرۇلۇپ نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىنىڭ قايتا ئۇقۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم سۆيەر روھىنى نامايەن قىلدى.
غۇلجىدىكى نۇرتاي ھاجىم 1مىليون 500مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ يىتىم يىسىرلار مەكتىۋى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ساخاۋەتلىك روھىنى نامايەن قىلدى.
ئۈرۈمچى قىران بۈركۈت شېركىتىنىڭ لىدىرى قۇدرەت ھاجى ئاتۇشتا جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن 1مىليون 500مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ ساۋاپ تاپتى.
ئاتۇشتىن ساۋۇت ھاجىم ۋە پەرزەنتلىرى 2مىليوندىن كۆپ پۇلىنى جامائەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلدى.
قەشقەردىن ئەسقەر ئابدۇللا 1مىليون يۈەن پۇل چىقىرىپ مەكتەپ سېلىپ مەرىپەت نۇرىنى چاچتى.
ئۈرۈمچىلىك قاسساپ يۈسۈپ ئىمىن ئۆز يېنىدىن نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى.
مەرھۇم مامۇتجان داۋۇت 500 مىڭ يۈەن چىقىرىپ يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزار مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان.
بۇنداق مىساللار خېلىلا كۆپ بۇلۇپ خەلقنى سۆيۈندۈرىدۇ، بەزىلەر ئۇيغۇرلارنى يەھۇدىلارغا ئوخشاش سودىدا ماھىر دەپ تەرىپلەيدۇ، ئەمما مەن يۇقارقىلارغا ئوخشاش ساخاۋەت ئىگىلىرىنىلا يەھۇدىلارغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. چۈنكى يەھۇدىلار ئەنە شۇنداق مىللەتپەرۋەرلىك ھەم ئىلىمپەرۋەرلىك بىلەن نۇرغۇن قانلىق كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆز مەۋجۇتلىغىنى ساقلاپلا قالماي يەنە دۇنيادا ئالاھىدە بىر مىللەتكە ئايلانغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا دۇنيادا نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ %17 تى ئاران 14مىليوندەك نۇپۇسقا ئىگە يەھۇدىلار ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك بولسىمۇ تېخىچە بىرەر ئادەم بۇ شەرەپلىك مۇكاپاتقا نائىل بولالمىدى. ئامېرىكىدا ھەر بەش ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىنىڭ بىرى يەھۇدى ئىكەن، ئۇيغۇرلاردىنچۇ؟
ياپۇنىيەدە ئۇقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن دوكتۇر ئاشتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرستۇتىنىڭ پېروفىسورى مەمتىمىن غېنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشكەندە پەن تەخنىكا تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تەجرىبىخانە قۇرۇشقا خىراجەت بولمىغاچقا ئۆزى 300مىڭ يۈەن چىقىرىپ تەجرىبىخانە قۇرۇپ تەتقىقات ئۈچۈن شارائىت ياراتقان.
دوكتۇر ئاشتى خالمۇرات غۇپۇر ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئورنىغا ئادەم لازىم بولغاندا ئۆزى 10مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ خادىم يۆتكەپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولغان. ئالىمنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىرىدىن خەۋەر تاپقان ئەنگىلىيە ۋە باشقا چەتئەل شېركەتلىرى ئۇنى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن تەكلىپ قىلسىمۇ ۋەتەننى، مىللەتنى دەپ پۇل، يۇقۇرى تۇرمۇشتىن كېچىپ ۋەتەنگە قايتقان.
ئەنگىلىيەدە ئۇقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن مائارىپشۇناس ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم ئۇقۇش داۋامىدا قەرز بۇلۇپ قېلىپ ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت ئىشلەپ قەرزلىرىنى تۈگۈتۈپ ئاندىن ۋەتەنگە قايتقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ياشلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلدى، غەرپ دۇنياسىنىڭ يۇقۇرى مۇئاش، يۇقۇرى ئىستىمال جەمئىيىتىدە ئالدى 3- 4يىلدىن كەينى 8-10 يىلغىچە ئۇقۇدى، ئۇلار تۇرمۇشىنى قانداق قامدىدى؟ ئۇقۇش پۇللىرىنى قانداق تۆلىدى؟ ئۇقۇش يەنى چەتئەللەردە جوڭگۇغا، ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ھالدا ئۇقۇش شۇنچە ئاسانمىدۇ؟ ياق، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىدى. مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا ياپۇنىيەدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ېرىشكەن ئۇيغۇرلار باشقا مەملىكەتلەردە ئۇقۇغان ئۇيغۇر دوكتۇرلاردىن خېلى كۆپ، ئۇنداقتا ئۇلار ئۇقۇغان توكيو قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى قانداق؟ خەنزۇچە》پايدىلىنىش خەۋەرلىرى《 گېزىتىنىڭ 2000-يىللىق 15-سىنتەبىر سانىدا ” شىۋىتسارىيە بىرلەشمە بانكىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: دۇنيادىكى شەھەرلەر ئىچىدە توكيودا كېتىدىغان تۇرمۇش خىراجىتى ئەڭ يۇقۇرى بۇلۇپ نېۋيۇرك، سىتوكھولېم، سۇلىشلاردىن كۆپ يۇقۇرى تۇرىدىكەن …. يىمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39خىل توۋارنىڭ 58 شەھەردىكى باھاسىنى سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرىچە باھاسى 310 ئامېرىكا دوللىرى بولسا مۇشۇ توۋارلارنىڭ توكيودىكى ئوتتۇرىچە باھاسى 765ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن…“. يازغۇچى ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ياپۇنىيە يۇقۇرى ئىستىمالىنى تېتىپ كۆرگەنلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ئۇنىڭ يېزىشىچە 200 گرام تاتلىق ياڭيۇ خەلق پۇلىدا 24يۈەن، ئىككى باش پىياز 14يۈەن، ئىككى باش سەۋزە 9يۈەن، بىر كىلوگىرام گۈرۈچ 20يۈەن ئىكەن، يۇقارقىلار خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇلغان باھا بۇلۇپ سىز تاماق يىيىشىڭىز ئۈچۈن چۇقۇم يېتەرلىك پۇلىڭىز بۇلىشى كېرەك. دىمەك چەتئەلگە چىققان ھەر بىر ئۇقۇغۇچى جان تىكىپ ئىشلەپ جاپالىق ئۇقۇپ ئاندىن دوكتۇر- پەنلەر ئالىملىرىدىن بۇلۇپ چىققان. ئەگەر سىز چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇماقچى بولسىڭىز ئامېرىكىدا ھەر بىر ئۇقۇش يىلىغا 30 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق بۇلۇپ يىلىغا تەخمىنەن 250 مىڭدىن 300 مىڭغىچە خەلق پۇلى كېتىدىكەن. ئەنگىلىيىدە ھەر ئۇقۇش يىلىغا كەم بولغاندا 200 مىڭ يۈەن كېتىدىكەن. ياپونىيەدە بىر مىليون ياپونىيە يىنىدىن ئارتۇقراق پۇل كېتىدىكەن، 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل بولغاندىلا ئاندىن بىر يىل ئۇقۇغىلى بولىدىكەن. گېرمانىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كېتىدىغان يىللىق خىراجەت 100 مىڭ يۈەندىن كەم بولمايدىكەن. سىز ئۇ چەتئەل، لېكىن ئېلىمىز سوتسىيالىستىك جوڭگۇدا پۇل ئۇنچە مۇھىم ئەمەس دېيىشىڭىز مۈمكىن، ئۇنداقتا ئېلىمىزگە نەزەر ئاغدۇرايلى: يېقىندا شىنجاڭ ئۈچۈن خوشاللىنارلىق بىر ئىش بولغان بۇلۇپ سىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنۇستۇتىغا MBAيەنى سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىلمى ماگېستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھۇقۇقى بېرىلگەن بۇلۇپ بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەرنىڭ كارخانىلاردىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقۇرى بۇلۇپ مۇئاش تەمىناتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىكەن، جۈملىدىن مۇشۇ ئۇنۋانغا ئېرىشىشتىن بۇرۇنقى يىللىق مۇئاشى 33مىڭ يۇەن بولسا، ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ تۇنچى يىلىلا 88مىڭ يۈەن بولغان. ئۇنداقتا مۇشۇ ئۇقۇش ئۈچۈن قانچىلىك خىراجەت كېتىدۇ؟ ئۇقۇش پۇلىنىڭ ئۆزىلا چىڭخۇا ئۇنۋېرستۇتىدا 60 مىڭ يۈەن، بېيجىڭ ئۇنۋېرستۇتىدا 50مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. بولدىلا پۇلىمىز بولمىغاندىكىن ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇيلى، ئالى مەكتەپلەر قانداق بولار؟ 2000- يىللىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئۇقۇش پۇلى》بايىنغۇلىن گېزىتى《 نىڭ شۇ يىلى 6- نويابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ چىڭخۇا ئۇنۋېرستۇتى 4800يۈەن، شىمالى جوڭگۇ قاتناش ئۇنۋېرستۇتى 5500يۈەن، توڭجى ئۇنۋېرستۇتى 6500يۈەن، ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭمۇ 3000يۈەن ئەتراپىدا بولغان. بولدىلا ئاۋۋال ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئويلايلى ، بالىلىرىمىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسە ھېچ بولمىغاندا موزدۇز ياكى بىرەر ھۈنەرۋەن بۇلار ؟ ‹‹ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ››نىڭ 2001 – يىلى 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىكى سانىدا ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ 2001 – يىللىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پۇل يىغىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەۋسۈملۈك ئۇقۇش پۇلى 600 يۈەن ، دېھقان چارۋىچىلىق رايۇنىنىڭ 400 يۈەن بۇلۇپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نۇقتىلۇق ئوتتۇرا مەكتىۋى %50 ئەتراپىدا ئۆرلىتىپ يىغسا بۇلىدىكەن. پىلان سىرتىدىكى ئۇقۇغۇچىلاردىن 2500 يۈەن ھەق ئېلىنىدىغان بۇلۇپ نۇقتۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەلەر %50 ئۆستۈرۈپ ئالسا بۇلىدىكەن. رايۇن ئاتلاپ ئۇقۇش ھەققى 1000 – 600 يۈەنگىچە بۇلىدىكەن ››. دېھقانلىرىمىزنى قۇيۇپ ئۆزلىرىنى باي چاغلاۋاتقان مۇئاشلىقلارنىڭ مۇئاشىدىن يىللىق ئېشىنچە پۇلى 3000يۈەن ئەتراپىدا، ئۇنداقتا پەرزەنتلىرىمىز ئۇقۇشقا بارسا ئۇقۇش پۇلىدىن باشقا پۇلىنى قانداق ھەل قىلارمىز؟؟؟ بالىلىرىمىز بىر ياقىدىن ئىش تېپىپ ئىشلەپ بىر ياقىدىن ئۇقۇپ جان باقارمۇ ية؟ مەن ” يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن“ۇپ ئۇقۇتمايمىكىن دەيمەن، ھېچ بولمىسا دەسمايە ئاز كېتىدىغان موزدۇز بۇلۇپ جان باقار، ھەممە ئادەم يالاڭغىداق ماڭىدىغان خوتەن دېھقانلىرى بولمىغاندىكىن؟


ئۇيغۇرلارنىڭ قولى راستىنلا پۇل كۆرمىدىمۇ؟ ئۇنداق دىسەك قەتئى بولمايدۇ، دېھقانلىرىمىز ئىلگىرى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يۇقۇرى چاغلاردا ئاز تولا بېيىغان. كادىرلىرىمىزنىڭ مۇئاشى كۈندىلىك تۇرمۇشنى قامدىغان، ئەمما ئازراق ئېشىنچە پۇل خېلى بىر قىسىم ئادەملىرىمىزنى ھەرخىل ئويلارغا، دۆلەتكە، پارتىيىگە، خەلققە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارغا راۋان قىلدى. بەزى بىر ئىشلار ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىنى خورىتىدىغان مۇھىم ۋاستىلەرگە ئايلاندى.
تاماكا: تېخى دۆلەت تەرىپىدىن چەكلەنمىگەن زەھەر دەرىجىسى دەرھال كۆرۈنمەيدىغان زەھەرلىك چېكىملىك. ئۇيغۇر ئائىلەلىرىدە مۇتلەق كۆپ ”ئۆپكىسى بار ئەرلەر“ تاماكا چېكىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى دادىلىرىدىن ئۈگۈنۈپ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ چېكىشنى ئۈگۈنىدۇ، بۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ئېيىغا 100-150يۈەن بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان سالىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە تاماكا چەككەندە ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك ھەتتا ئۇستىخانغىچە كۆپ ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بىر يېرىم قاپ تاماكا چەككەندە ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلغان زىيانلىق ماددىلار 300قېتىم رېنتىگېن ئاپراتىدا تەكشۈرگەنگە باراۋەر كېلىدىكەن. بىر تال تاماكىنى چەككەندە چەككۈچى 4000خىلدىن ئوشۇق خېمىيىلىك ماددىنى سۈمۈرۈۋالىدىكەن…توكيودا بىر ئالىمنىڭ 91مىڭ ئايالنىڭ كېسەل خاتېرىسىنى تەتقىق قىلىشىچە ئەرلىرى تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكىغا گېرىپتار بۇلىشى چەكمەيدىغانلارنىڭ ئايالىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقۇرى بولىدىكەن …. شۇڭا دۆلەت ھازىرچە گەرچە تاماكا ئىشلەپ چىقىرىشقا يول قويسىمۇ قېپىغا ” تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق“ دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى چىقىرىش بەلگىلەنگەن. تاماكا چەككۈچىلەر ئۆزلىرى زەھەرلەنگەندىن سىرت %53.5 ئادەم ۋاستىلىك زەھەرلەنمەكتە، جۈملىدىن ئىشخانىدا ئىشداشلار، ئائىلىدە خوتۇن – بالىلىرىمىز ۋاستىلىك زەھەرلەنمەكتە. ھازىر ئېلىمىزدە يىلىغا بىر مىليون، كۈنىگە 2000ئادەم تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلماقتا ئىكەن. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ %32.22 تاماكا چېكىدىكەن.
ھاراق: ھازىر ھاراقنى سىزمۇ، مەنمۇ، ئۇمۇ ئىچىۋاتىمىز، ئەرلەرلا ئەمەس خوتۇن قىزلىرىمىزمۇ ئىچىدىغان بولىۋالدى. ئۇلار ” قەھرىمانلىق جاسارىتى “ بار ئۇيغۇرلاردۇر بەلكىم ( مەن بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ نەچچە توننا ھاراق ئىچىپ بولغانلىغىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىگىنى ئاڭلىدىم ، تۇرمۇشىنىڭمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىغىنى كۆكتاتتىن تارتىپ ئاچچىقسۇلارغىچە باشقىلاردىن پات – پات سوراپ خۇلۇم خوشنىلىرىنىمۇ زېرىكتۈرگەنلىگىدىنمۇ خەۋەر تاپتىم). ھاراققا خەجلەيدىغان پۇلىمىز ئېيىغا يۈز يۈەن ئەتراپىدا بۇلىۋاتىدۇ، ھاراقمۇ خۇددى تاماكىغا ئوخشاش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك زىيانلىق بولسىمۇ شۇنداق بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەكىللەنگەنكى كىمىكى ھاراق ئىچمىسە ئۇ ئەر ئەمەس، ھەر قانداق ئىشى ئالغا باسمايدىغان، ھاراقسىز ئۆز ئارا ئىزلەشمەيدىغان، دوستلار يىغىلسا ھاراقسىز كۆڭۈللۈك سۆھبەت قۇرالمايدىغان ئىجتىمائى مۇھىت شەكىللەندى. ئۆز ئارا كىنايە قىلىشىپ ” ئۇيغۇر بولغاندىكىن ھاراق ئىچمەي نىمە قىلىمىز “ دىيىشىدىغان بولدۇق. راستىنى ئېيتقاندا نىمە ئۈچۈن مۇنداق بىر بىرىمىزگە زورلاپ ئەقىلدىن ئېزىپ ھاراق ئىچىدىغانلىغىمىزنى بىلگىلى بولمايدۇ، بىز ئەشۇ رېستورانلاردا قان تەرىمىزدىن كەلگەن پۇلىمىزغا بىر بىرىمىزنى زورلاپ ھاراق ئىچىپ مەس ئەلەس يۈرگۈنىمىمىزدە قۇلى قىسقا ئۇرۇق – تۇققان ، ئاتا – ئانا ، قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرقىسىمىنىڭ بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن خارۇ – زار ، قان يىغلاپ مۇھتاجلىق ئىلكىدە تۇرغىنىنى قەتئىي ئويلاپمۇ قويمايمىز. قانچىلىغان بالىلارنىڭ مۇھتاجلىق تۈپەيلى قولى ئەگرى بۇلۇپ قالدى، دوستلار ئويلىنىپ كۆرەيلى، توپ توپىمىز بىلەن ھاراقكەشلىكتىن قول ئۈزەيلى ، ئۇيغۇرلۇق يولىغا قايتايلى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە 25مىليون توننا ھاراق ئىشلەپ چىقىرىلغان. شىنجاڭدا ھازىر 120دىن كۆپ ھاراق زاۋۇدى بار بۇلۇپ 80 نەچچىسى ئاق ھاراق ئىشلەپ چىقىرىدۇ. پىۋا زاۋۇدى 18، ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇدى 17، سېرىق ھاراق زاۋۇدى 3 بۇلۇپ يىللىق ئۇمۇمى مەھسۇلاتى 550مىڭ توننا، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق ھاراق 150مىڭ توننا ئىكەن ( ئۇيغۇرلار قانچىلىگىنى ئىستىمال قىلىدىغاندۇ؟). بىر كىلو ئاق ھاراق ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن 2.5كىلوگىرام ئاشلىق، بىر كىلوگىرام پىۋىغا 150گرام ئاشلىق كېتىدىكەن. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئاق ھاراق خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بولسا مانا تېلۋىزورلىرىمىزدا كۈنىگە نەچچە قېتىم ئاق ھاراق ئېلانى بېرىلىپ كەڭ تۈردە ھاراق ئىچىش تەشۋىق قىلىنماقتا…
زىنا: دىنى ئىسلامدا ئىنتايىن قاتتىق چەكلىنىدىغان زىنا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن پالاكەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە (زىناخورلارنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ قانداق؟)ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى 《 دە يېزىلىشىچە مۇسۇلمان بولمىغان دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىدىن بولمىش قارلۇقلار زىنانى ئىنتايىن قاتتىق چەكلىگىنى ئۈچۈن زىنا يۈز بەرمەيدىكەن، ناۋادا يۈز بەرسە ئۆلۈملا ئۇلارنى گۇناھدىن خالاس قىلىدىكەن). ئەيدىز شۇنداقلارغا بېرىلگەن جازا بۇلۇپ كەلمەكتە، ئېلىمىزدە 1999- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بايقالغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار 500مىڭ بۇلۇپ% 83 ئەرلەر ئىكەن. 1995-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بايقالغان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار 9 بولسا، 1996-يىلى 370 كة، 1998-يىلى 1087گە، 1999-يىلى 3656گە، 2000-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە 4436كە، 2001-يىلى9- ئايدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 5755 كە يەتكەن بۇلۇپ بەزى مۇتەخەسىسلەر بۇ سان ئەمىلى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ دىيىشمەكتە. گېزىت خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاغان شىنجاڭلىقلار مەملىكەتتىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %20نى ئىگەللەيدىكەن ، بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان شىنجاڭلىقلارنىڭ سانى 1109 بۇلۇپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنىش ھازىر ئادەتتىكى ئامما ئىچىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە ئىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئۇرۇندا (يۈننەن 1- ئۇرۇندا) تۇرىدۇ، ئەمما تارقىلىش سۈرئىتى – يۇقۇملانغۇچىلار كۈنىگە 4- 5 ئادەم يۇقۇملىنىش سۈرئىتىدە كۆپەيگەن بۇلۇپ بۇ جەھەتتە مەملىكەت بويىچە شىنجاڭ ”چىمپىيون“. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ھازىر 15ۋىلايەت ئوبلاستتىكى 68 ناھىيە، شەھەر، تۇەن مەيداندا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالغان بۇلۇپ بۇ كېسەلگە گېرىپتار بولغۇچىلارنىڭ% 92 ئەرلەر ئىكەن، 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغانلار %73 ئىگەللىگەن بۇلۇپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ %70 زىنا ئارقىلىق يۇقىدىكەن، 2001 – يىلى 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستاسىسى ‹‹ كۆڭۈلدىكى سۆز ›› پېرۇگىراممىسىدا دىيىلىشە شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ % 80 تىن كۆپرەگىنى ئۇيغۇرلارئىگەللەيدىكەن. ئەلۋەتتە يۇقارقىلار ھازىرچە ئېنىقلانغان سان بۇلۇپ ئېنىقلانمىغانلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئەمما بىر ھەقىقەت ئايدىڭكى ئەدەپ قائىدە ۋە ئىمان – ئېتىقاتىدىن كەچكەن بىر بۆلۈك زىناخورلىرىمىزغا ئانچە ياخشى كۈن قالمىغاندەك! ( ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە زەھەرنى ئۇكۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارا يۇقتۇرۇش ۋە قان بىلەن يۇقۇش قاتارلىقلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز) ئەمما زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۇلارنىڭ بىغۇبار، سەبى، پاك پەرزەنتلىرى ( ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ھازىر دۇنيادا 13مىليۇن 400 مىڭ بالا ئەيدىز سەۋەۋىدىن يىتىم قالغان بۇلۇپ بۇ سان 2010 – يىلىغا بارغاندا كۆپۈيۈپ 25 مىليۇنغا يېتىدىكەن ) ھەم پاك دىيانەتلىك خوتۇنلىرىدۇر. ‹‹ بايىنغۇلىن گېزىتى ›› (2001 – يىل 21- دىكابىر ) ئېلان قىلغان تەرجىمە ماقالىدە يېزىلىشىچە ‹‹ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يىللىق بالنىستا يېتىپ داۋالىنىدىغان ( ئوتتۇرىچە قېتىم سانى ) 14 قېتىمغا ، كۈن سانى 89.6 كۈنگە يەتكەن. ئوتتۇرىچە ھەر يىلى ھەر بىر ئادەمنىڭ داۋالىنىش راسخوتى 54 مىڭ 549 يۈەنگە يەتكەن…. مۇبادا كىسەلگە قارشى ۋىرۇس بۇيىچە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلسا ، بىر بىمار ھەر يىلى 23 مىڭ 857 يۈەن راسخوتنى قايتىدىن قۇشۇپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ راسخوتلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلىساق 78مىڭ 406 يۈەن بۇلىدۇ. مۇتىخەسىسلەرنىڭ ھېساپلىشىچە ، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئازايسا ئوتتۇرىچە بىر ئادەم جەمئىيەت ئۈچۈن 370 مىڭ يۈەن ئىجتىمائى بايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىكەن ››
ئاق ئالۋاستى خىروئىن: ئارتۇقچە سۆزلەش نە ھاجەت، ئىنسانلار ئۇنىڭغا بەرگەن سىمۋول نامى ئاق ئالۋاستى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ؟ گېتار ماھىرى ئەخمەتجان ۋە باشقا خۇلۇم – خوشنا دوست بۇرادەرلىرىمىزنى يۇتۇپ ئەلنى غەمناك قىلغانلىغى، ھېلىھەم ياۋۇزلىغى بىلەن بىزگە سايا تاشلاپ تۇرغانلىغى ھەممىگە ئايانغۇ؟
ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ بىباھا ئەسىرى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نىمە دىگەنلىگىنى يەنى مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن نىمە دىگەنلىگىنى ئۇقۇپ كۆرۈڭ ھەم ئويلىنىپ بېقىڭ :
1337. مەي ئىچمە ، زىنادىن سەن ئەيلە ھەزەر ،
بۇ ئىشلار گادايلىق تونىن كەيدۈرەر.
1338. ھاراق مىڭ گۇناغا پاتۇرغاي سېنى ،
قاچار بەخت زىنادىن، يۈزۈڭ تۆكۈلەر.
ئۇيغۇر خەلقىدە قايسى زاماندىن قالغىنى نامەلۇم ” 15كۈنلۈك ئالەمدە ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا“ دەيدىغان ماقال بار بۇلۇپ خەلقىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر ئەجدادىدىن قالغان بۇ ئۇدۇمغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ كۈنىنى ئۇيۇن تاماشا بىلەن ئۆتكۈزمەكتە. ئىشەنمىسىڭىز كوچىدىكى بىليارتخانىلارغا بېرىپ قاراپ بېقىڭ، خەنزۇ يولداشلار پۇل تېپىش ئۈچۈن بېليارت تاختىسى ئاچىدۇ، ئەمما ئوينايدىغانلارنىڭ تولىسى ئۇيغۇر، ناۋادا ئۇلارمۇ قاسىم تۇرسۇندەك مۇۋەپپەقيەت قازانغان بولسىدى ئۇلارغا رىغبەت بېرىش كېرەك ئىدى، ئەپسۇس…ئۇلار بىرىنچىدىن ۋاقىت ئىسراپ قىلسا يەنە بىر جەھەتتىن پۇل تىكىشىپ قىمار شەكىللەندۈرۈدۇ ھەم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل قەرتقا مەستانە بولغان بولسا مانا ئەمدى ماجاڭ ئارقىلىق قىمار ئوينايدىغان بولدى. ئۇندىن باشقا ھەر خىل قىمارلار ئۇيغۇرلاردا راۋاج تاپماقتا. ئۇمۇمەن قانداق بىر ئويۇن تاماشا تۈرى بولسا ئۇيغۇر ئەرلىرى باشچىلاپ كىرىدىغان بۇلۇپ كەتتى. ئاپىرىن ئۇيۇنچى ئەرلىرىمىزگە! 21- ئەسىرنى مانا داۋاملىق ئويناپ كۈلۈپ خوشال خورام ئۆتكەي!
سۆزلەپ كەلسە گەپ تولا، پاكىت تولا، مانا ئەمدى تەكلىۋىم ھەممەيلەن ئۆزىمىزگە، باشقىلارغا قاراپ باقايلى، ئويلىنايلى، بىزنىڭ باشقىلاردىن نەرىمىز كەم نەرىمىز ئارتۇق ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ باقايلى، ئەمدى ھەممىگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارايلى، چۈنكى ئەجداتلىرىمىز دانالىق بىلەن”كۆز كۆرسىمۇ ئەقىل كۆرمىسە بىكار“ دەيدۇ ئەمەسمۇ! بۇ ”بۇ بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس“ ” ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ھەم مۇقەددىمىسى“ بىزمۇ ئادەم! باشقىلارمۇ ئادەم، بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئادەملىگىمىزنى دۇنياغا نامايەن قىلايلى، دۇنيادا ئۇيغۇر دەيدىغان بىر مەدەنىي مىللەتنىڭ دۇنيادا مەۋجۇتلىغىنى بىلدۈرەيلى. ئادەملىگىمىزنى تونۇيلى، ئۇيغۇر دىگەن قەدىم مەدىنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ تەندۇرۇس ۋارىسلىرى ئىكەنلىگىمىزنى، ئۇلارنىڭ تارىختا دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقانلىغىنى مۇندىن كېيىنمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قۇشىدىغانلىغىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ئىلىم پەن دۇنياسىغا يۈرۈش قىلىپ پەن تەخنىكىدىكى باراۋەرلىك بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىغىمىزنى نامايەن قىلايلى! پەن تەخنىكا ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى باراۋەرلىك ھەممە باراۋەرلىكنىڭ مۇقەددىمىسى، لېكىن پەن تەخنىكا ۋە ئىقتىسادى باراۋەرلىك ھەممە كىشىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىغى بىلەنلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بىز ”ئۇيغۇر – يەڭگۈچى، ئەقىللىق، كۈچلۈك“ ئەمەسمۇ؟

مەنبە-ئورخۇن تورى.      رەسىملەر بىلىم دۇنياسى تورى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro