ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)

ۋاقتى: 2012-08-13 / ئاپتور: / سەھىپە: ساھابىلار / كۆرۈلۈشى:779 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاللاھ

ئائىشەنىڭ ھاياتى بىزگە ئاياللارنىڭمۇ ئىلىمدە ئالىم ئۆلىمالارغا ئۇستاز بۇلالايدىغان ھالەتتە ئەرلەردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتەلەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئائىشە ناھايىتى ياش ۋاقتىدىلا مول ۋە چوڭقۇر بىلىملەرنى ئىگەللىگەن ئىدى. ئۇ بالىلىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا كەڭ بىلىمى، ئېسىل ئەخلاقى ۋە خۇشخۇي مۇئامىلىسى بىلەن قۇرەيش ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دادىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ تەربىيىسىدە بولدى. ئەبۇ بەكرى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپ، رەسۇلۇللا پەيغەمبەر بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا ئەبۇڭ بەكرىنىڭ ئۆيىگە پاتـ پات كېلىپ تۇراتتى.

ئائىشە ياشلىق دەۋرىدە ئۆزىنىڭ كىيشىنى جەلىپ قىلىدىغان گۈزەللىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ دىققىتىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى. رەسۇلۇللانىڭ ئايالى ۋە يېقىن ساھابىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىشە رەسۇلۇللادىن ھېچبىر ئايال ئىگىلىيەلمىگەن بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئىدى.

ئائىشە 10 ياشقا كىرەي دېگەندە مەككىدە رەسۇلۇللاغا نىكاھلاندى. ئەمما ھىجرەتنىڭ 2ـ يىلى ئائىشە 14ـ15 ياشلارغا كىرگەندە ئاندىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەيلى نىكاھتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ـ ئۇنىڭ ساھابىلىرى، ھەتتا ئۆز ئاتاـ ئانىسىمۇ مۇھەببەت باغلىغان، ئۇلۇغلاپ ئىخلاس قىلىۋاتقان پەيغەمبەرگە ياتلىق بولغانلىقىدىن ھېيىقىش ۋە تارتىنىش يوقتەك، ئىلگىرىكىدەكلا بالىلارچە غەمسىز، خۇشالـ خۇرام تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئائىشە ئۆزىنىڭ توي كۈنى توغرىلىق ئەسلەپ، ئاتاـ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغان چاغدا يولدا كېتىۋاتقان بىر دوستى بىلەن ئويناش ئۈچۈن، ئاتاـ ئانىسىغا تۇيدۇرماستىن قۇرۇغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:

ـ مەن لىڭگىرتاقتاق ئويناۋاتاتتىم ، ـ دەيدۇ ئۇ، ـ ئۇزۇن چاچلىرىم شامالدا چۇۋۇلۇپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار كېلىپ مېنى ئويۇنۇمدىن توختىتىپ ياساندۇردى.

ئۇلار ئائىشەگە بەھرەيننىڭ قىزىل يوللۇق رەختىدىن تىكىلگەن توي كېيىمىنى كەيگۈزدى. ئاندىن ئانىسى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. ئەنسارلاردىن بەزى ئاياللار ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇلار ئائىشەگە:

ـ اﷲ ساڭا ياخشىلىق ۋە خۇشالـ خۇراملىق ئاتا قىلسۇن، ـ دەپ سالام بېرىشتى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا چىقىپ كەلدى. بىر قاچا سۈت كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللا سۈتتىن ئىچىپ، ئاندىن ئائىشەگە بەردى.ئائىشە ئىزا تارتىپ ئىچىشكە ئۇنىمىغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللانىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن سۈتتىن ئىچىپ، ئاندىن قاچىنى يېنىدا ئولتۇرغان ئاچىسى ئەسماغا ئۇزاتتى، باشقىلارمۇ سۈتتىن ئىچىشتى. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تويىدىكى ئاددى، ئەمما كاتتا بىر ئىش بولدى. ھېچقانداق توي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلمىدى.

پەيغەمبەرگە ياتلىق بولۇشـ ئۇنىڭ بالىلارچە خۇشالـ خۇراملىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋەتمىدى. دوستلىرى دائىم ئۇنىڭ ھوجرىسىغا ئۇنى يوقلاپ كېلىپ تۇراتتى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: “ مەن دوستلىرىم بىلەن قونچاقلىرىمنى ئويناۋاتقاندا رەسۇلۇللا كېلىپ قالسا، دوستلىرىم ئۆيدىن غىپپىدە چىقىپ كېتەتتى، ئاندىن رەسۇلۇللا چىقىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىرەتتى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ دوستلىرىم بىلەن بىللە بولۇشۇمدىن خۇشاللىناتتى ”. بەزى چاغدا رەسۇلۇللا ئائىشەنىڭ دوستلىرىنىڭ قايتىدىغان ۋاقتى بولمىسىلا: “ ئويۇنۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار “ دەيتتى ۋە قۇشۇلۇپ بىللە ئوينايتتى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: “ بىر كۈنى مەن قونچاقلىرىمنى ئويناۋاتسام رەسۇلۇللا كىرىپ كەلدى ۋە:

ـ ئى ئائىشە، بۇ قانداق ئويۇن؟ ـ دەپ سورىدى.

ـ بۇ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى، ـ دېدىم، رەسۇلۇللا كۈلۈپ كەتتى.

بەزى چاغلاردا ئائىشە ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئويناۋاتقاندا كىرىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ رىداسى بىلەن ئۆزىنى تۇسۇۋېلىپ ئۈتۈپ كېتەتتى.

ئائىشەنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى

بىر قېتىم ئائىشەنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئىككى ساھابە مەدىنىدە مەلۇم ئايلاردا بولىدىغان قاتتىق قىزىتما بىلەن ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بىر ئەتتىگنى ئائىشە ئۇلارنى يوقلاپ باردى. ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاجىز ۋە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقانلىغىنى كۆرۈپ، تۇلىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتى. ئائىشە دادىسىدىن ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا شېئىرغا ئوخشاش بەزى چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇردى، قالغان ئىككەيلەنمۇ ئوخشاشلا چۈشىنىكسىز بىر نېمىلەرنى دېيىشتى. ئۇ ناھايىتى تىت ـ تىت بولۇپ، ئۆيىگە قايتىپ رەسۇلۇللاغا:

ـ قىزىتمىنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار كاللىسىدىن ئادىشىپتۇ، پەلىپەتىش جۆيلۈپ ياتىدۇ، ـ دېدى. رەسۇلۇللا ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى سورىدى. ئۇ گەرچە ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكلىرىنى تۇلۇق چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن ئەينەن سۆزمۇـ سۆز قايتىلاپ ئېيتىپ بەردى. بۇ ئائىشەنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ رەسۇلۇللانىڭ كۆپلىگەن قىممەتلىك ، بىباھا ھەدىسلىرىنى ئەستە قالدۇرغان ناھايىتى كۈچلۈك تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى.

رەسۇلۇللا مەدىنىدىكى ئاياللىرى ئچىدە ئائشەنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. بىرقىسىم ساھابىلەر رەسۇلۇللادىن بەزىدە سورايتتى:

ـ ئى رەسۇلۇللا، سەن دۇنيادا ھەممىدىن كىمنى ياخشى كۆرىسەن؟

رەسۇلۇللا بۇ سۇئالغا ھەر قېتىمدا ئوخشاش بىر خىللا جاۋاپ بەرمەيتتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىزلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى، ئەبۇ بەكرىنى، ئەلىنى، زەيىدنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇسامەنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئاياللىرى توغرىلىق سورالغاندا، ئۇنىڭ تىلغا ئالغىنى پەقەت ”ئائىشە“ بولدى. ئائىشەمۇ رەسۇلۇللانى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ۋە دائىم رەسۇلۇللانىڭ ئۆزىنى قايسى دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى بىلىش ئارقىلىق كۆڭلى تەسكىن تاپاتتى. بىر قېتىم ئائىشە رەسۇلۇللادىن:

ـ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قانداقراق؟ ـ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللا كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك دېگەن مەنىدە:

ـ ئارغامچىنىڭ تۈگۈنچىسىدەك، ـ دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئائىشە پاتـ پات ”تۈگۈن قانداقراق؟“ دەپ سورايتتى. رەسۇلۇللامۇ ”ئىلگىرىكىدەكل“ دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى.

ئائىشە پەيغەمبەرگە بولغان مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورققانلىقتىن، رەسۇلۇللانىڭ ئۆزىگە قارىغاندا باشقا ئاياللىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۈلۈپ كېتىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى، بىر قېتىم ئۇ رەسۇلۇللادىن:

ـ ئى رەسۇلۇللا، ئەگەر سەن تاغ باغرىدا بىرى پادىلار كىرىپ ئوتلىغان، يەنە بىرى تېخى پادا كىرىپ باقمىغان ئىككى يايلاققا كەلسەڭ، پادىلىرىڭنى قايسىسىدا يايلىتىسەن؟ ـ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللا:

ـ تېخى پادا كىرىپ باقمىغان يايلاقتا يايلىتىمەن، ـ دەپ جاۋاپ بەردى. ئائىشە:

ـ گەرچە شۇنداق بولسىمۇ مەن سېنىڭ باشقا ئاياللىرىڭغا ئوخشىمايمەن، مەندىن باشقا ھەممىسىنىڭ سەندى ئىلگىرى ئەرلىرى بار ئىدى، ـ دېدى، رەسۇلۇللا كۈلۈپ قۇيۇپ، باشقا ھېچنىمە دېمىدى. ئائىشە ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتى توغرىلىق كېيىن مۇنداق دەيدۇ: ”مەن رەسۇلۇللانىڭ ئاياللىرىنىڭ ھېچبىرىگە خەدىچىگە ھەسەت قىلغاندەك ھەسەت قىلمايمەن. چۈنكى، رەسۇلۇللا اﷲ نىڭ ئۇنىڭغا جەننەتتە ياقۇتتىن ياسالغان بىر ئىمارەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىشكە بۇيرىغانلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. رەسۇلۇللا قاچانلا قوي قۇربانلىق قىلسا، دائىم خەدىچىنىڭ يېقىن دوستلىرىغا ئۇنىڭدىن ئەۋەتىپ بېرەتتى. مەن نۇرغۇن قېتىم رەسۇلۇللاغا:

ـ جاھاندا خەدىچىدىن بۆلەك ئايال يوقتەك قىلىپ كېتىدىكەنسەن، ـ دېگەن ئىدىم.“

بىر قېتىم ئائىشە رەسۇلۇللادىن ”بىر قېرى قۇرەيش ئايالى“ نى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ كۆرۈپ كېتىدىغانلىغىنى سورىغاندا، ئۇ ئاچچىقلىنىپ:

ـ ئۇ باشقىلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىگىمنى ئىنكار قىلغاندا ماڭا ئىمان ئېيتقان ئايال، باشقىلار مېنى يالغانغا چىقارغاندا، ئۇ مېنىڭ راستلىقىمنى چىن كۆڭلىدىن ئىتىراپ قىلدى، مەن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ مالـ دۇنياسىنى سەرپ قىلىپ، مېنىڭ قايغۇـ ھەسرىتىمنى يەڭگىللەتتى، ـ دېدى.

ئائىشە ناھايىتى قولى ئۇچۇق، سەۋرچان ئايال ئىدى. ئائىشە رەسۇلۇللانىڭ نامرات ئائىلىسىدىكى جاپالىق تۇرمۇشقا ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدىغان ئاچلىققا سەۋر قىلاتتى. رەسۇلۇللانىڭ ئازغىنا بىسات بار ئۆيىدە تاماق ئىتىش ۋە نان پىشۇرۇش ئۈچۈن ھېچنىمە بولمىغاچقا، نەچچە كۈنلەپ ئۇچاققا ئوت يېقىلمايتتى، پەقەتلا خورما ۋە سۇ بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزەتتى. تۇرمۇشتىكى كەمبەغەلچىلىكتىن ئائىشە قىلچىمۇ رەنجىمىدى ۋە ئىزا تارتىپ كەتمىدى.

بىر قېتىم رەسۇلۇللانىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭدا يوق نەرسىلەرنى سوراپ ئۇنى خاپا قىلغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن بىر ئاي ئايرىلىپ تۇردى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خەيبەر غازىتىدا نۇرغۇن غەنىمەت ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىش ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن رەسۇلۇللا بىرىنچى بولۇپ، ئائىشەنىڭ ھوجرسىغا باردى، ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام اﷲ نىڭ ئايەت نازىل قىلغانلىقىنى، ئائىشەنىڭ ئايەتتە دېيىلگەن ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئاندىن ئايەتنى ئوقۇدى:

ـ ”ئى پەيغەمبەر! ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنى زىبۇـ زىننەتلىرىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، ئاندىن سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي، ئەگەر سىلەر اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كاتتا ساۋاپ تەييارلىدى“. ئائىشە:

ـ مەن ئەلۋەتتە اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلىمەن، ـ دەپ جاۋاپ بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللانىڭ باشقا ئاياللىرىمۇ ئائىشە بەرگەن جاۋاپنى بېرىشتى. ئۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھايات ۋاختىدا بولسۇن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ شۇ ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇردى. كېيىن مۇسۇلمانلار نۇرغۇن غەنىمەت ئالغان چاغدا، ئۇنىڭغا غەنىمەتتىن 100مىڭ دىرھەم تەگدى. ئۇ پۇلنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا روزا تۇتۇۋالغان ئىدى، پۇلنى شۇ چاغدىلا پېقىرـ ھاجەتمەنلەرگە تەقسىملەپ بېرىۋېتىپ، ئۆزىگە ئىپتار قىلغۇچىلىكمۇ بىر نەرسە قالدۇرمىدى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇنىڭ بىر چۆرىسى ئۇنىڭغا:

ـ بىر دىرھەم قالدۇرۇپ قويۇپ، ئىپتار قىلىش ئۈچۈن گۆش سېتىۋالساڭ بولمامدۇ؟ ـ دېدى.

ـ ئەگەر ئىپتار قىلىش ئېسىمدە بولغان بولسا ئىدى، شۇنداق قىلغان بۇلاتتىم، ـ دەپ جاۋاپ بەردى ئائىشە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشەگە بولغان مۇھەببىتى ئاخىرىغىچە سۇسلىشىپ قالمىدى. رەسۇلۇللانىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلىشىپ قالغاندا، باشقا ئاياللىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنىڭ ھوجرىسىدا تۇردى ۋە بېشىنى ئائىشەنىڭ كۆكرىكىگە ياكى يۇتىسىغا قويۇپ ياتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاك سورىدى، ئائىشە قېرىندىشىدىن بىر مىسۋاك ئەكىلىپ، چايناپ يۇمشىتىپ، ئاندىن رەسۇلۇللاغا بەردى. رەسۇلۇللا ئۆزىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكىنىگە قارىماي، ئۇنى كۈچ بىلەن چىشىغا سۈركەپ چىشىنى تازىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي رەسۇلۇللا ھۇشىدىن كەتتى. ئائىشە رەسۇلۇللانى ۋاپات بولدى دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ كۆزىنى ئاچتى، ئائىشە اﷲ نىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىنىڭ سەكراتتىكى مىنۇتلىرىنى بىزگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە كۆزىنى ئاچقاندا، ئائىشە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلىدى: ”اﷲ ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرسەتمىگىچە ۋە ياشاش ياكى قەبزى روھ بولۇش ئىختىيارلىغىنى بەرمىگىچە، ئۇنى قەبزى روھ قىلمايدۇ“، ”ئۇ ھازىر بىزنى تاللىمايدۇ“ دېدى ئائىشە ئۆزىگە، ئاندىن ئۇ رەسۇلۇللانىڭ پەس ئاۋازدا:

ـ ”اﷲ ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى چۈشۈرگەن پەيغەمبەرلەر، شەھىدلار ۋە سالىھلار بىلەن جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا بىللە بولۇشنى ئۈمىت قىلىمەن “ دېگەنلىكىنى، ئاندىن يەنە پەس ئاۋازدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانلىغىنى ئاڭلىدى:

ـ ”ئى رەببىم، مېنى جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا……“.

ئەنە شۇ رەسۇلۇللانىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بولدى. ئائىشەنىڭ كۆكرىكىگە قويغان بېسى ئاستاـ ئاستا ئېغىرلاشتى. ئۆيىدىكىلەر ئېغىر قايغۇغا چۆمدى، ئائىشەمۇ بېشىنى ياستۇققا قويۇپ چوڭقۇر ھەسرەتلىنىپ كەتتى. بارچە كائىنات، تاغلار، دېڭىزلار، دەلـ دەرەخلەر، قۇشلار… ھەسرەتلىنىپ كەتتى، پۈتۈن دۇنيا مۇسىبەت قايغۇسىغا پاتتى. ئائىشەنىڭ ھوجرىسىدىكى رەسۇلۇللا ياتقان كارىۋاتنىڭ يېنىغا بىر قەبرە كولاندى. قاتتىق گاڭگىراش ۋە ئېغىر قايغۇ ئىچىدە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، شەرەپلىك، بۈيۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەپنە قىلىندى. اﷲ ئۆزىنىڭ سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن، امين!

ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 50 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆردى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قىسقىغىنا 10 نەچچە يىل بىللە بولدى. شۇ ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى اﷲ نىڭ مۇھىم ئىككى كۆرسەتمىسى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلدى. ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئەستە قالدۇرغان ئۈچ ئايالىنىڭ بىرى بولدى (قالغان ئىككىسىنىڭ بىرى ھەفىسە، يەنە بىرى ئۇممۇ سەلەمە). ھەفىسەگە ئوخشاش، ئائىشەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن قۇرئان كەرىمنى قوليازما قىلىپ يېزىپ چىقتى. رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسلىرى توغرىلىق گەپ بولسىلا ئائىشە 2000 دىن كۆپرەك ھەدىس رىۋايەت قىلغان تۆت ئادەم ( قالغانلىرى ئەبۇ ھۇرەيرە، ئابدۇللا ئبنى ئۆمەر، ئەنەس ئىبنى مالىك ”اﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن“) نىڭ بىرى بۇلۇپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى، ئائىشەدىن باشقا ئادەم ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئەرـ ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردۇر. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ھەدىستىن ئىگەللىگەن بىلىملىرى ساھابىلەردىن كىيىنكى ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان جىيەنى ئۇرۋەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى تەرىپىدىن يىزىق شەكلى بىلەن بىزگە يىتىپ كەلگەن.

رەسۇلۇللانىڭ نۇرغۇن بىلىملىك ساھابىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئائىشەنىڭ بىلىمىدىن مەنپەئەتلەنگەن ئىدى. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى بىر قېتىم:

ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىرەر مەسىلىدە گاڭگىراپ قالساق، ئۇ توغرىلىق ئائىشەدىن سورايتتۇق، ـ دېگەن ئىدى. ئائىشەنىڭ جىيەنى ئۇرۋە ئۇنىڭ فىقھى بىلىملىرىگە پىششىق بۇلۇپلا قالماي، تىبابەتچىلىك ۋە شېئىرىيەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. رەسۇلۇللانىڭ نۇرغۇنلىغان پىشقەدەم ساھابىلىرى يۇقۇرى ماتىماتىكىلىق كاللا تەلەپ قىلىدىغان مىراسخورلۇققا ئائىت مەسىلىلەردە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۇن كىلەتتى. ئۆلىمالار ئائىشەنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەلى ۋە ئابدۇللا ئبنى ئابباسلارغا ئوخشاشلا ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى فىقھىشۇناسلىرىنىڭ بىرى دەپ ھىساپلىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مول بىلىملىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى:

ـ بۇ قىزىل رەڭلىك ئايالدىن دىنىڭلارنى ئۈگىنىڭلار. ”قىزىل رەڭلىك“ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ”ھۇمەيرە“ ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە بەرگەن نام ئىدى.

ئائىشە چوڭقۇر بىلىملەرنى ئىگەللەپلا قالماي يەنە مائارىپ، جەمىئەت ئىسلاھاتىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئۇ خۇددى ئوقۇتقۇچىدەكلا ناھايىتى ئوچۇق ۋە قايىل قىلارلىق ھالەتتە پىكىر قىلاتتى. ئەھنەف ئائىشەنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى ئاتالغۇلار بىلەن تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:

ـ مەن ھازىرغا كەلگىچە ئەبۇ بەكرى، ئۈمەر، ئوسمان ۋە ئەلىنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدىم، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئېغىزىدىن ئائىشەنىڭكىدەك قايىل قىلارلىق ۋە گۈزەلراق بولغان سۆزنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

ئۇنىڭ بىلىمىدىن ئوزۇق ئېلىش ئۈچۈن، يىراق جايلاردىن ئەرـ ئاياللار كېلىپ تۇراتتى. ئېيتىلىشىچە ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاپ بەرگەندىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى يىتىم قىزلار ۋە ئوغۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيى مەكتەپكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كاتتا بىلىمى بىلەن نام چىقارغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ جىيەنى ئۇرۋەنىڭ داڭلىق ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئۇمرە بىنت ئابدۇرراھمان ئىسىملىك بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۆلىمالار ئۇنى ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئۆمرە ئائىشەنىڭ كاتىۋىدەكلا، ئائىشەگە كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ۋە جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بۇلاتتى. ئائىشەنىڭ مائارىپنى يۈكسەلدۈرىشى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىسلام قانۇنى ۋە ئىسلام مائارىپى بىلەن تەربىيىلىنىشىـ چۇقۇم داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش بولۇپ قالدى.

خەدىچە كۇبرا، فاتىمە زەھرادىن كېيىن، ئائىشە سىددىق ئسلامدىكى ئەڭ ياخشى ئايال دەپ تەرىپلەندى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەبىئىتى بىلەن ئىلىمـ پەن، جەمئىيەت، سىياسى ۋە ئۇرۇش ساھەلىرىدە يىتەكچە رول ئوينىدى. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قالغانلىغىغا قاتتىق پۇشايمان قىلاتتى، ئەمما ئوزۇن يىل ياشاپ، ئۆزىنىڭ شۇ دەۋىردىكى ”ئەڭ ھۆرمەتلىك ئايال“ لىق نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ ھىجرەتنىڭ 58ـ يىلى رامىزان ئېيىدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۆزىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىساالامنىڭ ساھابىلىرى دەپنە قىلىنغان ”جەننەتۇل بەقىي“ غا دەپنە قىلىندى.

مەنبە: نۇر ئىسلام

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro