▲گېزىت-ژۇرناللاردىكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن شېئىر، قىسقا ماقالە، ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كېسىۋىلىپ، بىر دەپتەرگە چاپلاپ بېقىشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىۋىلىڭ، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن ئىچ-پۇشۇقىدىن قۇتۇلالايسىز.
▲ئېرىڭىزنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى سۆزلەپلا ئولتۇرماڭ. دۇنيادا كامالەتكە يەتكەن ئادەمنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ، ئەگەر ئۆزىڭىزنى غەمدىن خالاس قىلىمەن دىسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.
▲قولۇم-قوشنىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈڭ. قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتسىڭىز، يالغۇزلۇق ھېس قىلمايسىز، زېرىكمەيسىز.
▲كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەتىكى ئىشلارنى ئالدىن پىلانلىۋىلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، ئەتىسى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز ھەم چارچاش ھېس قىلمايسىز.
▲ئۆي ئىشى بىلەن چارچىغاندا دەرھال پۇت-قولىڭىزنى سوزۇپ يېتىپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ئاپپاق بۇلۇتلارنى، كۆپكۈك ئاسماننى، شىرىلداپ ئېقىۋاتقان ئېرىق سۇلىرىنى خىيال قىلىڭ.
مەنبە: شىنجاڭ رادىئو تورى
رەسىم بىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى.