خۇرۇچىلىرى: بۇغداي ئۇنى 500گىرام، خېمىيتۇرۇچ 8گىرام، تۇز 1گىرام، يۇمغاقسۈت 50گىرام، تەرخەمەك 100گىرام، ئاچچىقسۇ 5 گىرام،لازا يېغى 15گىرام،
كۈنجۈت قىيامى 10 گىرام، كۈنجۈت يېغى5گىرام، قىچا يېغى 3 گىرام، سامساق شىرىسى 15 گىرام،
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئۇننى ئىلمان سۇدا خېمىي قىلىپ،سەل قاتتىقراق يۇغۇرمىز،30مىنىۇتتەك تىندۇرۇپ،ئاندىن سۇدا خېمىي تىرپىسى قالغۇچە يۇيمىز،خېمىينىڭ سۈينى 2سائەتتەك تىندۇرۇپ،ئۈستىدىكى سۈزۈك سۇنى تۈكۋېتىمىز،تىنغان شىرنىنى ياخشى ئارلاشتۇرۇپ،مايلاپ تەييار قىلغان داسقا تۈكىمىز،ئاندىن يىنىك سىلكىپ تەكشى يېيىتىمىز،داسنى قايناۋاتقان قازاندا 5مىنىۇت قىزدۇرۇپ،يېيىلما يۈزىدە يوغان كۈپۈكچىلەر پەيدا بولغاندا،ئالىمىز،ئاندىن 1-2سانتامىتىر كەڭلىكتە ئۇزۇنسىغا توغرايمىز،قالغان خېمىي تىرپىسىگە خېمىي تۇرۇچ ئارلاشتۇرۇپ،ياغلانغان داستا 20مىنۇت تىندۇرمىز،ئاندىن قاسقاندا 30مىنۇت دۈملەپ پىشۇرمىز،پىشقاندا تۆت چاسا توغرايمىز، تەييار بولغان شىرنە قىسماقنى ۋە ئاچچىق ھېسىپنى بىر تەخسىگە سالىمىز. تەرخەمەك.ئاچچىقسۇ، لازا يېغى، كۈنجۈت قىيامى، كۈنجۈت يېغى، قىچا يېغى، سامساق شىرنىسى، يۇمغاق سۈتلەر بىلەن ھەر كىم ئۆز مىجەزىگە ئاساسەن تەڭشەپ تەييارلىسا بۇلىدۇ.
مەن بۇ تاماقنى قىلىشنى ئۇقمايمەن،ماتىريالدىن كۆرۈپ،كۈچۈرۈپ قويدۇم،كەسىپداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن يپللاپ قويدۇم.
مەنبە: ئاشپەز تورى