ماتېرىيالى: يەرلىك مانتا كاۋىسى ،بۇغداي ئۇنى، باش پىياز، كۆكمۇچ-قىزىلمۇچ
خۇرۇچلار: تۇز،سۇ،قارامۇچ،سۇ مېيى،شېكەر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: كاۋىنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ ، دانچە قىلىپ توغرايمىز، خېمىر
يۇغىرىدىغان داسقا بۇغداي ئۇنىنى تۆكۈپ سۇ قۇيۇپ، تۇزدىن ئاز مىقداردا سېلىپ،
ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ تەييارلايمىز. دانچە قىلىپ توغرالغان كاۋىنى باش
پىياز، كۆك مۇچ (قىزىل مۇچ)، شېكەر، قارامۇچ قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن
چۈچۈتىلگەن سۇ مايدىن ئازراق قۇيۇپ،قىيمىنى تەييار قىلىۋالىمىز،
ئاندىن يۇغۇرۇلۇپ بولغان خېمىرنى يۇمىلاق قىلىپ ئۈزۈپ جىلىتە ئېچىپ
تەييارلايمىز.

ئېتىش ئۇسۇلى: ئېچىپ تەييار قىلىۋالغان جىلىتىنىڭ ئۈستىگە كاۋا قىيىمىسىنى ئېلىپ ئىخچام قىلىپ تۈگۈپ تەييارلايمىز، ئاندىن قاسقاننىڭ ئۈستىنى سۇ مايدا مايلاپ
تۈگۈلگەن كاۋا مانتىسىنى رەتلىك تىزىپ ، يۇقىرى ئوتتا قايناۋاتقان قازانغا (كورا)
قاسقاننى قويۇپ ،تەخمىنەن 25 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە دۈملەپ پىشۇرۇپ،
ئىستىمال قىلىمىز.