قۇشقاچ تىلى سۇيۇقئېشى
خام ماتىرىيالى: ئۇن، مۇۋاپىق مىقداردا،سۆڭەكلىك قوي گۆشى، ئازراق ياغ، غولپىياز بىر تال، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، سامساق بىر باش. كاپوسكا.
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارىمۇچ.
تەييارلاش ئۇسۇلى: چىڭراق خېمىر يۇغۇرۇپ تەييارلاپ، يېيىپ، ئۇنى بارماق ئۇزۇنلىقىدا ئۈچ بۇرجەك قىلىپ كېسىپ، ئۈستىگە ئۇن سېپىپ قويۇلىدۇ.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ، بىر-ئىككى قېتىم قورۇپلا ئۈستىدىن پەمىدۇر سېلىپ تېز قورۇپ، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ماتىرىياللار ئاساسەن پىشقاندا، كېسىلگەن خېمىرنى سېلىپ، بىر-ئىككى قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇمغاقسۈت، سامساقلانى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،دەرھال قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ،
دىققەت:
ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ئاش قۇيۇلۇپ قالىدۇ. ئاچچىقسۇ، ياغ، لازىلار ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: ئاش سۈيى سۈزۈك، ئىچىشلىك، رەڭدار بولىدۇ.
مەنبە: ئاشپەز تورى