خام ماتىرىيالى: توخو گۆشى، كەرەپشە
قوشۇمچە ماتىرىيال: كۆك قىزىل مۇچ، سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز
تەم خۇرۇچلار: تۇز، تىتىتقۇ، ئاقمۇچ ، قاقمۇچ ، پۇرچاق بۇتقىسى، كىراخمال،،ماي، كاۋاۋىچىن ، كۇنجۇت.
قۇشۇمچە تېتىتقۇلار: لوگەنما، شاڭلاجاڭ، كاۋۋاۋىچىن مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ ، كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملەندۇرۋالىمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ ماي قىزىغاندا مايغا سېلىپ پىشۇرۇپ سۈيى قاشقاندا مايدىن سۈزۈپ تەييارلاپ قويمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ كاۋاۋىىچن دانچىسى سىلىپ ئاندىن پۇرچاق بۇتقىسى
قاقمۇچ، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل، سىلىپ قورۇپ خۇش پۇراق تەمى چىققاندا توغرالغان، كەرەپشە،
كۆك- قىزىلمۇچ لارنى توخۇنى سىلىپ قورۇيمىز، ئاندىن تۇز، تىتىتقۇ، ئاقمۇچ قاتارلىق
تىتىتقۇلارنى سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئۇستىگە كۇنجۇت سېپىپ قورۇپ تەخسگە ئۇسۇمىز.
ئالاھىدىلكى: قۇرۇق پارقىراق، رەڭگى چىرايلىق، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، مىزىلىك يىيىشلىك بولدۇ.
مەنبە: ئاشپەز تورى