شىياڭگاڭلىقلار ئاددىي خەنزۇچە خەتلىك قورۇما تىزىملىكىگە ناھايىتى سەزگۈر

ۋاقتى: 2012-08-21 / ئاپتور: / سەھىپە: خەۋەر / كۆرۈلۈشى:695 قېتىم ئوقۇلدى /

4-ئاينىڭ 6-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭ بىلەن جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت توقۇنىشى بىر مەزگىل تىنجىپ قالغاندىن كېيىن يەنە پەيدا بولغان. تەيۋەن «ۋونت گېزىتى» نىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە Agnes b قەھۋاخانىسى شىياڭگاڭدا يېڭىدىن تارماق دۇكان ئاچقاندا ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنسۇچە خەتتە قورۇما تىزىملىكى قىلغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن شىياڭگاڭ ئاممىسى ئېنتىرنېتتا قاتتىق تەنقىت قىلغان. خەلق رايى ۋەكىلى ئەرز قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە شېركىتى دەرھال كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە قورۇما تىزىملىكىنى مۇرەككەپ خەنسۇچە خەتكە ئالماشتۇرغان، ۋەقە ئاندىن تىنجىپ قالغان.

ۋەقە شىياڭگاڭنىڭ جىيۇلوڭدىكى بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن. يېڭىدىن ئېچىلغانAgnes b قەھۋاخانىسى ئاسقان چوڭ قورۇما تىزىملىكىدە ئېنگىلىزچە يېزىلغاندىن سىرت، ئاددىي خەنسۇچە خەت بىلەن قورۇما ئىسىملىرىنى ئاتىغان. شىياڭگاڭ «سىڭتاۋ گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، سايگون رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى فەن گوۋېي يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەنقىت قىلىپ، Agnes b نىڭ قورۇما تىزىملىكى ئاددىي خەنسۇچە خەت شەكلى ئىشىلتىپلا قالماي، يەنە ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ئىشلىتىدىغان سۆزلەر بولۇپ قالغان، مەسىلەن شىياڭگاڭلىقلار ئادەتلەنگەن «沙律» قورۇما تىزىملىكىدە «色拉» بولۇپ قالغان؛ شىياڭگاڭلىقلار دائىم دەيدىغان «冻饮» قورۇما تىزىملىكىدە «冰饮» بولۇپ قالغان؛ كاكائودا ياسىلىدىغان «朱古力» بولسا جۇڭگو قۇرۇقلىقىغا ئوخشاش «巧克力» بولۇپ قالغان. فەن گوۋېي سۈرەتلەرنى دەرھال ئېنتىرنېتتا ئېلان قىلغان ھەمدە Agnes b قەھۋاخانىسىدىن ئاددىي خەنسۇچە خەتلەرنى دەرھال مۇرەككەپ خەت شەكلىگە ئۆزگەرتىپ، 7 مىليون شىياڭگاڭلىقنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ:«بۇ ۋەقەدە شىياگاڭلىقلارنى كەمسىتىدىغان ئامىللار بار. سودا سارىيىغا يېقىن رېستۇران تىجارەت باشلاي دەپ قالدى، Agnes b جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەرنى ئاساس قىلدى، شۇڭا شىياڭگاڭلىقلار بىلەن كارى بولمىدى. ئەمما قەھۋەخانا شىياڭگاڭدا تىجارەت قىلىدۇ، ئەگەر مۇرەككەپ خەت شەكلىدە يازمىسا، سودىگەرنىڭ پەقەت جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن بولىدۇ» دېگەن. Agnes b قەھۋەخانىسى تېزلىكتە ئېنتىرنېتتا ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان. شېركەتنىڭ قەستەن شىياڭگاڭلىقلارنى كەمسىتمىگەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە موشۇ ھەپتە ئىچىدە بارلىق تاماق تىزىملىكىنى ئېنگىلىزچە ۋە مۇرەككەپ خەنسۇچە خەتتە يېزىپ چىقىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

Agnes b شىياڭگاڭدا داڭقى بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى ماركا بولغاچقا، نۇرغۇن شىياڭگاڭلىق خىزمەتچىلەر ئېستىمال قىلالايدۇ، شۇڭا ۋەقە قىسقىغىنا نەچچە كۈن ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ كەتكەن. جىيۇلوڭ رايونىدىكى لىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەر نېمىلا بولمىسۇن شىياڭگاڭلىقلارنىڭ يېرى بولۇپ، مۇرەككەپ خەت شەكلىنى ئىشلىتىشى كېرەك، گەرچە نۇرغۇن شىياڭگاڭلىقلار ئاددىي خەنسۇچە خەت شەكلىنى كۆرۈپ چۈشەنسىمۇ، يەنىلا مۇرەككەپ خەت شەكلى ياخشى ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېقىندا «تۇغۇتلۇق ئاياللار» ۋە گۇاڭدوڭ-شىياڭگاڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋەقەلىرى شىياڭگاڭلىقلارنىڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇق مەدەنىيىتىدىن خېلى بىزار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. داڭلىق مەدەنىيەتچى زات چېن يۈن ماقالە يېزىپ، شىياڭگاڭ شىياڭگاڭلىقلارنىڭ يېرى، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەرنىڭ ئەمەس. جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ناھايىتى چوڭ، مەدەنىيىتىمۇ كۈچلۈك، ئەگەر جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەر شىياڭگاڭ مەدەنىيىتىگە كۆنەلمىسە شىياڭگاڭغا كەلمىسىمۇ بولىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى مەجبورلىمايدۇ، دېگەن. بىراق، بىر قىسىم كىشىلەر شىياڭگاڭ مەدەنىيىتى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولىشى كېرەك دەپ قارىغان. شىياڭگاڭ رادىئو پىروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى فەن دېۋېينى جاھاننى قالايمىقان قىلدى ،دەپ تەنقىت قىلغان. ئۇ نۇرغۇن رېستۇرانلاردا ئېنگىلىزچە تاماق تىزىملىكى ئىشلىتىدۇ، ئەمىسە نېمىشقا بۇ رېستۇنلارنلار شىياڭگاڭلىقلارنى كەمسىتكەن بولمايدۇ؟ دېگەن. بىر قىسىم ئاخباراتلار باھا بېرىپ، بۇ ۋەقە شىياڭگاڭلىقلارنىڭ سەزگۈر مەدەنىيەت توقۇنىشى نېرۋىسىنى يەنە قوزغاپ قويدى، شىياڭگاڭلىقلار مۇرەككەپ خەت شەكلى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن، دېگەن.

(نەپرەت)

مەنبە: ئوكيان تورى

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro