يەنە شۇ ئالىم خالىق ھەققىدە پاراڭ

ۋاقتى: 2012-08-21 / ئاپتور: / سەھىپە: مۇھاكىمە / كۆرۈلۈشى:695 قېتىم ئوقۇلدى /

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

مېنىڭ بىكار بولۇپ قالساملا كىتابخانىلارغا، كۈتۈپخانىلارغا قاتىرايدىغان بىر ئادىتىم بار. كىتابخانىلاردىن كىتاب سېتىۋالمىساممۇ، يېڭى چىققان كىتابلارغا قاراپ بولسىمۇ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كىتابلار ئۇچراپ قالسا، گۆش يەيدىغان پۇلۇمنىڭ كۆزىگە قارىمايلا سېتىۋالىدىغان ئىشىممۇ بار تېخى.
لېكىن، ھەر قانداق ئىشنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزنى خۇشال قىلالىشى ناتايىن ئىكەن. مەن ئىزچىل ھالدا كىتابخانا ۋە كۈتۈپخانىلارنى ئارىلاپ يېڭى چىققان كىتابلارغا ھېرىسمەنلەرچە قاراپ خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمۈپ كەلگەن بولغاچقا، ئەسلىدە، مۇشۇ ئۇلۇغ روزا ھېيتىمىز كېلىش ھارپىسىدا تۇرىۋاتقان پەيتتە، يېڭى كىتابلارنى كۆرسەم، خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇلۇپ، كۆڭلۈم تېخىمۇ يايراپ كېتەرمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم، ئەمما مەن بۇ قېتىم يېڭىدىن چىققان كىتابلارغا بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، قەتئىي خۇشاللىنالمىدىم.


تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانىغا بارغان ئىدىم، ئادىتىم بويىچە يېڭى كىتابلار جازىسىغا كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم. يېڭى كىتابلارغا كۆز يۈگۈرتتۈميۇ، «كاۋاپچى ئالىم» ناملىق كىتابقا كۆزۈم چۈشۈشى بىلەن بۇ كىتاب تېزلا دىققىتىمنى تارتتى-دە، قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاپ باقتىم. مېنىڭ يېڭى كىتابتىن كۈتكەن خۇشاللىقىم دەل مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە يوقالدى. نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ چۈنكى مەن بۇ كىتابنى قولۇمغا ئالغاندا بۇ كىتابنىڭ مەن ئالدىنقى قېتىملىق «ئالىم خالىققا ئوچۇق خەت» ناملىق يازمامدا دەپ ئۆتۈپ كەتكەن «ئېسىل ئىبارىلەر بىلەن تولغان كىتاب» تىن تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.

تەرجىمە قىلىنسا نېمە بوپتۇ؟ بۇنىڭغا نېمە دەپ كۆڭلۈڭ غەش بولدى دەپ سورىۋاتامسىز؟ ھەي، مەن شۇنداق بىنورمال ئىكەنمەن قاراڭ، تەرجىمە قىلىنسىغۇ ھېچقىسى يوق، ئەمما مېنىڭ ماۋۇ پوقباش كاللامنى غىدىقلاپ قويغىنى، بىر ئويغۇرنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىق كىتابى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا ۋۇجۇد كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىغانمۇ ياكى بۇنىڭغا سەل قارىغانمۇ ئىشقىلىپ، بۇ كىتاب ئەڭ ئاۋۋال باشقا تىلدا ناھايىتى تېزلا ۋۇجۇدقا كەلدى.
مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرگەندىلا، كۆڭلۈمدە بىر خىل بولۇپ قالغان، قاچانمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىز بۇ ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى يازار دەپ (دىققەت، كەمىنە ئالدىنقى قېتىملىق «ئالىم خالىققا ئوچۇق خەت» ناملىق يازمىنى يېزىشتىن بۇرۇن، يەنىلا بۇ ئادەمگە بىر خىل ھۆرمىتىم بار ئىدى، شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ ھەققىدىكى ئىش-ھادىسىلەرگە خېلى دىققىتىمنى قويغان ئىدىم، ئەمما ئالدىنقى قېتىملىق دىيارىمىزدا، رامىزاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا كاۋاپخانا ئاچقاننى ئازدەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئانا تىلغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقتەك بىر قاتار ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىپ ئاشۇ چولتا قەلەم بىلەن پىشمىغان خام پىكىرلىك ئوچۇق خەتنى بلوگىمدا ئېلان قىلىشقا مەجبۇرى بولدۇم.) ئويلىغان ئىدىم ھەمدە بۇمۇ كېيىنچە رىئاللىققا ئايلىنىپ قالار دېگەن خىيال بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما بۇ قېتىم بۇ كىتاب ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئىجادىي ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلمەي، ئەكسىچە، خەنزۇچە نەشردىن تەرجىمە قىلىنىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۇپتۇ. شۇڭا كۆڭلۈم سەل غەش بولدى ھەمدە تۆۋەندىكىدەك سۇئاللار خىيال كەپتىرىگە ئەگىشىپ مېڭەمدە تېزلا پەيدا قىلدى:
بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز زادى نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار مۇشۇنداق ئىشلارغا سەل قاراۋاتامدۇ ياكى نېمە سەۋەب بار؟
نېمە ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان، خەلقئارا دەرىجىلىك نامدار شەخسنىڭ تەرجىمىھالى ياكى ئىش ئىزلىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ چىقىلمايدۇ؟
ئۇيغۇر نامدار كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خەنزۇ قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ يېزىپ چىقىشى بىزگە ئۇدۇممۇ؟
ئەگەر بۇ قېتىم ئالىم خالىقنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدىكى كىتاب ئاۋۋال ئۇيغۇر يازغۇچىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلسە نەتىجىسى قانداق بولار ئىدى؟

بۇ بىزگە نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن؟
……
ۋەھاكازلار….
بەلكىم مەن بەك ئارتۇق ئويلىۋالغاندىمەن، بەلكىم بەك ساددىلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزگەندىمەن… ئەمما شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇنىڭدەك ئىشلار داۋاملىق يۈز بەرسە بۇ ھەرگىز ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى بولماسلىقى، كەلگۈسىدە مۇشۇ ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىشىمىز مۇمكىن.

مەنبە: ئىلقۇت بلوگى

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro