گەندى ئىدىيىسى

ۋاقتى: 2013-07-20 / ئاپتور: / سەھىپە: تارىخ,خەزىنە,داڭلىق شەخىسلەر,چەتئەل داڭلىقلىرى / كۆرۈلۈشى:1,734 قېتىم ئوقۇلدى /

گەندىنىڭ ئىدىيىسى: ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستاننى ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گەندى  ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى قۇرال كۈچى بىلەن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي ئىگىلىكى ۋە ئارمىيە كۈچى تولىمۇ ئاجىز، شۇنداقلا خەلقى تولىمۇ چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى ھىندىستانغا نىسبەتەن  مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلىقىنى داھىيانە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تونۇپ يەتكەن-دە، ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىق سىياسىتىنى قوللانغان. بۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1-ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق(بايقۇت قىلىش)
2- ئەنگىلىيىلىكلەر ياللىغان خىزمەتنى قىلماسلىق، ئەگەر كىم بۇنداق خىزمەتنى ئۆزى خالاپ قىلغان بولسا ئۇنى بىر ھىندىستانلىق دەپ قارىماي «دۆلەت خائىنى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش، ئۇنداق كىشىنىمۇ بىر ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىسى سۈپىتىدە كۆرۈپ ئۆز ئارىسىغا ئالماسلىق كېرەك.
3- ھىندىستانلىقلار ئۆزى ماتا -رەخت توقۇپ كىيىم-كېچەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.
4- ئاچلىققا چىداش. يەنى«ھىندىستان شېركىتى»نىڭ پېچىنە-پىرەنىكلىرىگە كۆز قىرىنى سالماي كۈندە بىرەر ۋاخ ئوماچ ئىچىش…

گەندى بىر داھى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىدىيىسىنى پۈتۈن ھىندىستانلىقلارغا تارقىتىشتا نۇتۇق سۆزلەش، ماقالە يېزىشتىنمۇ بەكرەك ئەمىلىي ئوبرازى بىلەن ئۈلگە يارىتىشنى ئەلا بىلگەن. گەندىنىڭ ئوبرازى يۇقۇرىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك.
نەتىجىدە ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى ھىندىستاننى تېرىتورىيەلىك مەقسەت جەھەتتىن بىر مەزگىل بېسىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن گەندى ئىدىيىسى بىلەن ئويغانغان ھىندىستان خەلقىنىڭ روھىنى بېسىشقا قۇربى يەتمىگەن. يەنە بىر ھېساپتا  ھىندىستان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراپ بايلىققا ئېرىشىش غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، بەلكى زىيان تارتقان-دە، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىپ يۇرتىغا قايتقان.

گەندىنىڭ بۇ ئىدىيىسى دۇنيادىكى يېڭىدىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ئىنتايىن ئېسىل بىر ئۆرنەك. لېكىن كېچىككەنلەرگە ئانچە ئۈنۈم بەرمەيدۇ ھەتتا ئەكس ئۈنۈم بېرىشى مۇقەررەردۇر.

گەندىنىڭ ئوبرازى: ۋىجىك، ئوتتۇرا بوي ياكى پاكارراق، تاقىرباش، مېھرىبان چىراي بىر ئادەم. ھەمىشە يېڭى دېھلىدىكى ئادەم ئەڭ كۆپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كوچىدا بىر ئولتۇرغۇدەك جاينى تېپىپ يىپ ئىگىرىدىغان ياغاچ ئۇرچۇقتا ماتا توقۇپ ئولتۇرىدۇ، ئۈستۈنكى بەدىنى قەدىمقى ھىندى دىنى مۇرىتلىرىدەك يالىڭاچ. يالىڭاچ بەدىنىدىن قوۋۇرغىلىرى ۋە تۆش سۆڭەكلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشسىزلىكى سەۋەبىدىن قوۋۇزلىرى ئولتۇرۇشقان، كۆزلىرى پولتايغان، ھارغىن، لېكىن ئىنتايىن ئۈمىتۋار.

قۇتادغۇبىلىك تورىدىن ئەنۋەر جۇلا تەييارلىغان.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro