ئۇزۇن بوپتۇ، تارىخى رەسىملەرگە مۇناسىۋەتلىك تېما يوللىمىغىلى. شۇڭا بۈگۈن تۇيۇقسىز ۋېنگىريىلىك لۇئىس لېگتىنىڭ“بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا“ناملىق كىتاپىنىڭ تۈرۈكچىسىنى ئۈچىرىتىپ قالدىم. بۇ كىتاپ تۈركىيەدە 1986-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، بىزدىن 20نەچچە يىل بۇرۇن تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان ئىكەن. بىزدە بۇ كىتاپنى توختى ھاجى تىللا ئاكىمىز تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلىپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن 2009-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغىنىدا بۇنداق قىستۇرما رەسىملەر يوق ئىكەن. شۇڭىلاشقا، بۇ كىتاپتىكى بىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
ئىچكىي ئاسىيانىڭ ئومۇمىي خەرىتىسى
تۇرپان مۇرتۇق بۇددا تېپىلمىلىرى
تۇرپاندىكى بۇددا مۇنارى
نىيە خارابىلىكى
مىرەندىكى بۇددا تېپىلمىلىرى
دەندان ئۆيلۈك خارابىسى
دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر
مەنبە: لوپنۇرى بلوگى