كانادا تەسىراتلىرى

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئامېرىكا قىتئەسى,مەكتەپ ھاياتى / كۆرۈلۈشى:808 قېتىم ئوقۇلدى /

1.تۈنجى تەسىرات كانادا دىسە ۋەتەندىكى كۆپ قېرىنداشلار ئىنتايىن تەرەققى قىلغان دۆلەت ،خىلمۇ -خىل چەتئەللىكلەر بار دەپ تەسەۋۇر قىلشىپ قالىدۇ.مەنمۇ شۇ ئويدا ئىدىم. ئايرىپىلاندا بۇ يەرگە كىلدىغان چاغدا ئايرىپىلان ئىچىگە قارىسام ساپلا خەنلەر بولغاچ ئۆزىمىنى ۋەتەندىن بېيجىڭغا كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلدىم.ئايرىپىلاندىن چۈشۈپ تورونتو ئايرىدۇرۇمدا سومكامنى ئالاي دەپ تۇرسام :«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىز ئەرەپمۇ ؟»_دىدى بىر خادىم.«ياق ،ئۇيغۇر .»_دىدىم.«تۈرىكلەرنىڭ بىر تۈرى»_دەپ شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ چۈشەنمىگەن بۇ ئەرەپكە ئۇيغۇرنى شۇنداق چۈشەندۈرۈپ ئىشىمغا ئالدىردىم،مونتىريالغا ئۇچتۇم .كىيىممۇ ئادەمنىڭ پاسپورتىدەك مۇسۇلمانلارنى بىلدۈرۈپ ،ئۆز ئارا قېرىنداشلىق مىھرى سالىدۇ ھە دەپ ئويلاپ كەتتىم ئايرىدۇرۇمدا كۈلۈمسىرەپ ماڭا سالام قىلغان ياغلىقى بار مۇسۇلمان ئايرىپىلان خادىمىغا قاراپ.ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراپتۇ مانا.بۇ خادىملارنىڭ بەزىلىرى خەن مىللىتى، بەزىلىرى ھىندى ،بەزىلىرى قارا تەنلىك، بەزىلىرى ئەرەپ، بەزىلىرى فىرانسۇس ،بەزىلىرى ئىنگىلىس……راسلا ئەبجەش دۆلەتكەن بۇ! تاكسىدا سىرتقا قاراپ ماڭدىم،تەرەققى قىلغان جاينى ئوبدان كۆرىۋالاي دەپ،نە ئىگىز بىنالار نە گۈزەل رەسىلەردىكى ئاغزى ئىچىلىپ قالغۇدەك مەنزىرىلەر كۆرىنمەيتى.ئىگىز _پاكار قالايمىقان بىنالار……ئىمارەتلەرمۇ ئاددى . 2.ئاددى _ساددا تۇرمۇش مونتىريال فىرانسۇسلار كۆپ شەھەر .تولا ئاڭلىغان رومانتىك فىرانسۇسلار،يېقىملىق فىرانسۇس تىلى بۇ دەل« يىراقتىكى موللام دا موللام ،يىقىندىكى موللام جا موللام »-دىگەن ماقالنى ئەسلەتتى.بۇ فىرانسوس قىز _ئاياللىرى بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەر ئادىملىرى بولسۇن ھەممىسى دىگۈدەك بەك ئاددى، بەك ئاددى كۆرىنەتتى.چىرايى ئادەتتىكىچە.كىيىنىشى شۇنچە ئاددى،ياسىنىشىمۇ شۇنچە ئاددى.چاقماق يوپكا ، كاستىيۇم كىيگەن ساقاللىق بوۋايمۇ،بىر پۇتىغا قىزىل پايپاق يەنە بىرگە سېرىق پايپاق كىيگەن ،كونا خەيلىرىنى ئاز دەپ،يۇرتۇق پادچىلار شىمى كىيۋالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ھىچكىمىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىمايدىغان بۇ دۆلەتتە ئادەملەرنىڭ كىيىنىشىتىلا ئەمەس، ھەر بىر ئىشلىرىدا نەقەدەر ئاددى _ساددىلىقىنى ئويلاپ خىيالىڭىزدىكى چەتئەللىكلەرگە باشقىچە باھا قويۇسىز. مىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچۇم 60 قا يىقىن ئايال ،دادىسى ئىنگىلىس ئاپىسى فىرانسۇس دائىم سىرتتىن باشقىلار ئەچىقىپ قويغان بىكارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئەكىرۋالدىغىننى ئېيىتقان ئىدى.(بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئادىتى ئۆزىدە ئىشىنچە ياكى لازىم بولمىغان كىچىكى دەپتەردىن تارتىپ چوڭى كومپىيۇتىر، سافالارغىچە ……نەرسىلەرنى تورغا كىمگە لازىم دەپ ياخشى- يامان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رەسىملىرنى چىقىرىپ ياكى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتمەي ئۆي ئالدىغا ئەچىقىپ قويدۇ. ئەخلەتنىمۇ ئىشلەتكىلى بولدىغان بولمايدىغىنى بويىنچە خالتىسىغا سىلىپ ئايرىپ تاشلايدۇ.(كۆپچىلىكى شۇنداق قىلىشقا ئادەتلەنگەن)ھەر ھەپتىدىمۇ ئۆي ئالدىغا تاللا بازاردىكى باھاسى چۈشكەن ماللارنىڭ تىزىملىك ئىلانلىرى خالتىلىق گىزىت شەكلدە قويۇپ قويۇلدۇ. زىياپەتلەردىمۇ تىز تاماقخانىلارنىڭ بولكا ،ئىچىملىك ،ئاقۋالداق دىگەندەك يىمەكلىكلىرى…… مەن تونۇيدىغان بەزى ئۈنۋىرسىتتىكى مۇسۇلمان قىزلارمۇ تەنتەربىيە ئىشتانلىرى ياكى پادىچىلار ئىشتانلىرى ئۈستىگە نىپىز قىلىن يوپكىلارنى ماس كەلسۇن_كەلمىسۇن كىيىپ يۈرىيدۇ.ھىچكىممۇ ئاددى كىينىپتۇ تاقۇ_تۇقۇ كىيىپتۇ دەپ مەسخىرە قىلىپ يۈرمەيدۇ. كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ ئالدىرايدىغىنى ئوقۇش ۋە پۇل تېپىش…… 3.فىرانسۇسلار قانداق مىللەتتۇ؟ سىز ئاپتۇبۇستا ياكى يولدا دىگەندەك ئاددى ئىشلاردىمۇ فىرانسىۇسلارغاياردەم تىلەپ گەپ قىلسىڭىز كۆپىنچىسى:«سەن بۇ يەردە نىمىشقا فىرانسۇسچە ئۈگەنمىدىڭ؟مەكتەپلەرگە بېرىپ ئۈگەن!»-دەپ ئىنگىلىزچە جاۋاپ بېرىدۇ ياكى فىرانسۇسچە ئاچچىغلاپ كىتىدۇ.ئۇلار ئىنگىلىزچە سۆزلىگەن كىشىلەرگە ئۆچ بولۇپ« فىرانسۇسچىنى سۆزلە!»-دەپلا تۇرۋالدۇ. بۇ شەھەردە فىرانسۇسچە ئۈگىندىغان كۆچمەنلەرگە ھۆكۈمەتتىن پۇل بېرىدۇ.ئۇلار پۇل بېرىپئانا تىلى فىرانسۇسچىنى ئۈگىتىدۇ. (ئىيىغا 400 نەچچە دوللار ئەتراپىدا بولسا كېرەك.تونۇشلىرىمدىن ئاڭلىغىنىم تازا ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ.) فىرانسۇسچە مىنىڭ قۇلىقىمغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ،مەن يەنىلا ئىنگىلىس تىلنى چىرايلىق ۋە ئاددى تىل دەپ ئويلايمەن. 4.«چىركاۋ»دىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇ شەھەردە چىركاۋ تولا ئۇچرايدۇ.چىركاۋلار ھەيۋەت سىلىنغان.بەزى چىركاۋلار خىراجىتىنى تۆلەپ بولالماي ،يەرلىرنى مەكتەپكە ئۆتكۈزگەچكە ،بەزى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇنداق چىركاۋلاردا دەرىس ئاڭلىغان تۈنجى كۈنى غەلىتىلىك ھىس قىلىدۇ ،بىراق ئۇ دىگەن تىشى چىركاۋ، ئىچى دەرىسخانا بولغان مەكتەپتە! 5.ساراڭمۇ ياكى دىن تارقاتقۇچىمۇ؟ بىر كۈنى ،ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ ئۆيۇمگە ئاز قالغاندا بىر قېرى قار تەنلىك ئايال ئورنىدىن تۇرۇپلا :«پەرۋەردىگار بىزگە نۇرغۇن نىممەت بەرگەن……»_دەپ سۆزلەپ كەتتى،گىپىگە شۇنچە زەن سالساممۇ، يەرلىك شىۋىسى بەك كۈچلۇك بولغاچ ،قايسى دىن توغۇرلىق نىمە سۆزلىگىننى بىلەلمىدىم،باشقا ھىچكىم پەرۋا قىلماي ئولتۇردى.بىكەتتە چۈشكەندە تەڭ چۈشتۇق ،ئۇ ئايال ماڭا ئەگىشىپ بىر نىمنى دەپ ماڭدى،قىزى قولىدىن تارتىپ ئۆيىنى كۆرسىتىپ كىتىپ قىلىشتى.مەن بۇ ئايالنىڭ شۇ سورۇندا ھىچ ئىكلەنمەي ۋاقىراپ تۇرۇپ، شۇنداق ھاياجاندا پەرۋەردىگار دەپ سۆزلىگىنىگە بەك ،بەك ھەيران قالدىم…… يەنە بىر ھەيران قالارلىق ئىش ،بىر كۈنى دادام_ئاپاملار بىلەن كومپىيۇتىردا قىزغىن كۆرىشۋاتسام،ئىشىك چىكىلدى.بىرى قارا، بىرى ئاق تەنلىك ئايال كۈلۇپ :«سىزنىڭچە غەلبە نىمىگە مۇناسىۋەتلىك ؟»-دەپ سورىدى.مەن مۇھىم ئىشىمغا ئالدىراپلا :«دىن!»_دىسىەم ،مىنىڭ مۇسۇلمانلىقىمنى قاراپلا بىلىپ ،:«سىز مۇسۇلمانكەنسىز،ئەيسا پەيغەمبەر دىگەنگە ئىشىنسىز شۇنداقمۇ؟»-دىدى.«ھە!»_دىدىم.ئۇلار :«خالىسىڭىز بۇ« غەلبە» توغرىسىدىكى كىتاپنى كۆرۈپ بېقىڭ ،بىز كىلەر ھەپتە كىلىپ مۇشۇ توغرىسىداپاراڭلاشساق .»-دىدى.«ھە!»_دىدىم .تۇغقانلارنى كۆرۈشكە ئالدىراپ،كىيىن قارىسام خىرستىياننىڭ كىتابىكەن…… ئۇلار ئۆيمۇ _ئۆي ئىشىك چىكىپ، «غەلبە»نى تەنقىدتىن قورۇقماي كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە ئالدىرايتى.ئۇلاردىكى بۇ روھ……ھەي ئىسىت !مۇشۇ روھ بىلەن مۇسۇلمان بولساڭچۇ؟ھەممە مۇسۇلمانلاردىمۇ مۇشۇ روھ بولسا قانداق بولار ئىدى_ھە؟! مەن بىر قىىزدىن بىر كورىيەلىك ئوقۇغۇچى قىزنىڭ قەشقەرنىڭ چەت جايىدىكى ئۆيىگە بېيجىڭدىن بىللە كىلىپ ،ئۆيىدىكى ئۈچ جانغا ئۈچ تال «ئىنجىل»نى بەرگىننى ئاڭلىغان ئىدىم.بۇ روھ……مۇسۇلمانلار- توغرا دىن ئۈستىدىكى ئادەملەر ،بىراق بۇ روھ بىزدە نىمشقا بۇنچە كۈچلۈك ئەمەستۇ؟!….. 6. ئۇيغۇر قىزى ئۆيىدە مۆجىزە كۆردۇق! بىر ئۇيغۇر خوشنامنىڭ ئۆيىدە مۆجزنىڭ گىپى بولۇپ ئاغزىمىز بىسقماي سۆزلەۋاتقاندا :«مۆجىزە مانا بۇ يەردە! »_دىدى قارىساق بىر قارا تەنلىك قىز _خوشنامنىڭ ساۋاقىدىشى .بۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ زېرىكمەي ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئىسلامنى چۈشەندۈرىشىدە، بۇ قىز نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ ،ئاڭلاپ مۇسۇلمان بوپتۇ!ناماز ئوقۇپتۇ،روزا تۇتۇپتۇ،ھىجاپلىنىپتۇ،ئۆيدىكىلەر قاتتىق قارشىلىشىۋىرىپ ئۆزى ئايرىم ئۆي ئىلىپ، بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئۈنۋىرسىتنى ئوقۇشىنى داۋام قىپتۇ،بۇنى قىلىپ بولالمىغان ئادەملەر ئۈچۈن بۇ قىز نىمە دىگەن كاتتا مۆجىزە -ھە!بۇ تېرىك مۆجىزىنى كۆرۈپ ئاياللار شۇ قىز بىلەن دەۋەتچىسى بولغان خوشنامغا ئاپرىن ئېيىتتۇق.ئاياللاردىن بەزىلىرى قايتا قۇچاقلاپ كۆرىشىىش بىلەن ،ئىسلامى كىيىم بىلەن ۋە ئازغىنە پۇللار بىلەن ئۇ قىزغا كىچىككىنە كۆڭلىنى بىلدۈردى.بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە(ئۇنۋىرسىت،ئىنىستىتۇت)كىچككىنە ئىككى ئېغىز سىنىپ قىز _ئوغۇل مەسچىدى قىلىنغان.ناماز دەۋەت ……ئىشلىرى ئۈچۈن.بۇ قىزمۇ شۇ مەكتەپتە شۇ مۇسۇلمان جامائە ئىچىدىكى ئەرەپ،فىرانسۇس ،يوق دىيەرلىك ئۇيغۇرلار….. ئارىسىدا ئىسلامنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتكۇسى!ئىنشائاللا! ئاللاھۇ ئەكبەر! ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن توختاپ قالاي ،ئىلھامىم ۋە قولۇمنىڭ توختىغۇسى كەلمىسىمۇ……

ئاپتورى :  baht12345

مەنبە: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بلوگى

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro