كانادالىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى(1)

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئامېرىكا قىتئەسى,مۇھاكىمە / كۆرۈلۈشى:786 قېتىم ئوقۇلدى /

مەن بۇ كاناداغا كەلگەندىن كېيىن بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى.مەن بۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزگە سېلىشتۇرۇپ باقتىم..ھەقىقەتەن بىز قوبۇل قىلغۇدەك تەرەپلىرى خېلىلا بار ئىكەن.مېنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم باشقا مىللەتلەرنىڭ  تۇرمۇش ئادىتىدىكى بىر قىسىم ياخشى تەرەپلەرنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلغان بولساق بۇ  ھەرگىزمۇ ئۆز مەدىنىيىتىمىزدىن يىراقلاشقانلىق  بولماي  ئەكىسچە ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرگەن بولاتتۇق  دەپ ئويلاپ بۇ توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچى.
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن بىزدە بار لېكىن ھازىر بارغانسېرى ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۇزلىنىۋاتقان تۇرمۇشىمىزدىكى ئەدەپ-ئەخلاقلار…..بىز بۇرۇن چوڭلاردىن ئۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ،بۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ دەيدىغان گەپلەرنى تولا ئاڭلايتتۇق.كىچىك ۋاقتىمدا يامان بولسا قانداق بولىدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم….چوڭلىرىمىز ھەقىقەتەن دانا ئىكەن..بىزنى كىچىكىمىزدىن ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ خىل سۆزلەر ئارقىلىق بىزنى چوڭلارنىڭ دىگىنىنى ئىجرا قىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەپتىكەن…ئۇلارنىڭ دىگەن كۆپ قىسىم سۆزلىرىنىڭ ئىلمى ئاساسى بارلىقىنى ھەممىمىز ئاستا-ئاستا ھېس قىلىۋاتىمىز..مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ مەن ۋەتەندە تۇرۇپ كىشىلەر ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپلەردىن،  خېلىلا پەرىقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم..بىز چەتئەلنىڭ كىنولىرىدىن ئالغان تەسىراتلىم  بىلەن بۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى خېلى چۇشىنىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمىلىيەتتە بۇلارنى قىلچىلىكمۇ چۇشەنمىگەن ئىكەنمەن…ئويلىغىنىمغا پەقەتلا ئوخشىمىدىغۇ بۇلار…

تۆۋەندە كانادالىقلارنىڭ بەزى بىر تۇرمۇش ئادەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن..بىلىپ قويغىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق.

1-ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشى

مەن كانادا ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشكەن ئاشۇ كۈنىلا بۇلارنىڭ مۇلايىملىقى،ئۆز-ئارا ھۆرمىتى مېنى راستلا ئىنتايىن خوش قىلىۋەتكەنىدى.تورونتو ئايرۇدۇرۇمىدا يۈك-تاق يۆتكەش ھارۋۇسىنى ھەقسىز ئىشلىتەلمەيدىكەنسىز،ئىشلىتىش ھەققى 2$بولىدىكەن.مېنىڭ يۈك تاقلىرىم بەك كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھارۋا ئىشلەتمىسەم بولمايتتى لېكىن يېنىمغا پارچە دوللار سېلىۋالماپتىكەنمەن ھەممىسى بىزنىڭ جوڭگو پۇلى ئىكەن.بۇ پۇللارنى قانداق ئالماشتۇرۇشنى بىلەلمىدىم ئۇيان بۇيان قارىدىم ، ھېچبىر بىزنىڭ جوڭگو بانكىمىزمۇ كۆرۈنمىدى قانداق قىلىش كېرەك دەپ مۇلازىمەتچىلەر سۇپىسىغا باراي دەپ تۇرسام  بىر مۇلازىمەتچى قىز بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى ئۇ قىز ياردەمگە مۇھتاجلىقىمنى سەزدىمۇ قانداق  مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى.ئۇ شۇنداق مۇلايىملىق بىلەن:< تورونتوغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز،ياردەم كېرەكمۇ؟>دەپ سورىدى..مەن ئۇنىڭدىن قەيەردە پۇل ئالماشتۇرالايدىغانلىقىمنى سورىدىم.ئۇ مېنى باشلاپ چوڭ زالنىڭ بۇلۇڭغا جايلاشقان پۇل ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا باشلاپ ماڭدى..ماڭغۇچە مەن بىلەن ئەھۋاللىشىپ نەدىن كەلگەنلىكىمنى،نەدە ئوقۇماقچى بولغانلىقىمنى سوراپ،ئۆزىنىڭمۇ مەن بارماقچى بولغان ئۇنىۋىرسىتىنى   پۈتتۇرگەنلىكىنى بۇ يەردە قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام كىمدىن بولسا سوراۋەرسەم خوشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.مەنمۇ ئۇنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلاشتىم.يۈك تاق ئېلىش ئورنىغا كەلسەم مەن بىلەن بىرەگە ئولتۇرۇپ كەلگەن  بىر كانادالىق كىشى(ئايرۇپىلاندا تونۇشۇپ قالغان ) مېنى چاقىردى .يېنىغا بارسام ئۇ مېنىڭ يۇك تاقلىرىمنى ئېلىپ قويۇپتۇ.بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قېلىپ< مېنىڭ ئىكەنلىكىنى قانداق بىىلدىڭىز دەپ سورىسام >مەن جوڭگودىن ماڭغاندا سەن ئالدىمدىلا يۈك تاق تاپشۇرغان شۇ چاغدا تونۇۋالغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ئسمىڭ بەكلا ئۈزۈن ئىكەن تونۇماقمۇ ئاسانكەن،<دەپ كۈلۈپ كەتتى..مەنمۇ ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىپ نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىشىپ بېرىپ خوشلاشتىم….شۇنىڭدىن كېيىنمۇ كوچىلاردا بولسۇن،دۇككان سارايلاردا بولسۇن بۇنىڭدەك ئاددى ياردەملەرنى كۆپ كۆرۈپ تۇردۇم..بۇ يەردىكى كىشىلەر كۆپىنچىسى 2-3قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرغاچقا ئەتراپتىكى قوشنىلىرى بىلەنمۇ ئۆزگىچە خوشنا مۇناسىۋىتى شەكىنلەندۇرگەنىكەن.  بىزنىڭ مەھەللىدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالساقمۇ مەيلى تونىسۇن تونىمىسۇن باش ئېگىپ ياكى <خاي>دىگەندەك قىسغىنىنە سالاملىشىپ ئۆتۈپ كېتىمىز..بۇ كىچىككىنە ئىشتەك بىلىنسىمۇ سىزگە ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردىكەن.بۇ خىل سالاملىشىش بىز ئۇيغۇردا بۇرۇندىنلا بار ،لېكىن ھازىرقى شەھەرلەردە بۇ خىل ئادەتلەرنى ئاندا- ساندا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدۇق.
يەنە بىرگە بۇ يەردىكى قىزلار مېنى ھەيران قالدۇردى.مەن ۋەتەندە چەتئەل كىنولىرىنى كۆرگەندە ياشلارنىڭ كوچىلاردىلا  قۇچاقلىشىپ…….مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بۇلار بۇ ئىشلارنى ئىغىر ئالمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتىم.لېكىن بۇ يەرگە كېلىپ ھازىرغا قەدەر بىرەرسىنىڭ كوچىلاردا ياكى باغچىلاردا بولسۇن ئۇنداق ئىشلارنى قىلغىنىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.يوللاردا مېڭىۋاتقاندا بەزى قىزلار بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالسا يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كەتكىنىنى تولا كۆرىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە قىزلار قالايمىقان ئۇيەر بۇيەرلىرى ئوچۇق نەرسە كەيمەيدىكەن،لېكىن ھېلى قۇلاققا ھېلى بۇرۇنغا ھالقا سېلىۋالغانلار ،يۇزىنىڭ ئۇيەر بۇيىرىنى تېشىۋېلىپ يۇرگەنلەر كۆپىيىپ بۇ بىر خىل ئۇسلۇپ بولۇپ ئەۋىج ئىلىۋاتىدۇ.خۇدايىم ساقلىسۇن بۇنى بەزى"مودا"ئۇيغۇرياشلىرىمىزنىڭ ئۈگۈنىۋېلىشىدىن…….يەنە بۇلارنىڭ كىچىك-چوڭلارغا بولغان ئىززەت ھۆرمىتىنى كۈندە دىگۈدەك ھېس قىلىپ تۇرىمەن..بىرەر يەردە كىرمەكچى بولۇپ ئىشىكنى ئاچسىڭىز كەينىڭىزدە ئادەم بولسا چوقۇملا ئۇ كىرۋالغۇچە ئېچىپ بېرىسىز ،يەنە پىيادىلەر يولىدا مېڭىۋاتقىنىڭىزدا بىرەسى كەينىڭىزدىن تېزرەك مېڭىپ كېلۋاتقان بولسا چەتكە چىقىپ يول بېرشىڭىز كېرەك بۇمۇ بىرخىل جەمىئيەت ئەخلاقىغا ئايلىنىپ قالغان.

2-قاتناش قائىدىسى

كانادانىڭ قاتناش قائىدىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى خوش قىلىدۇ..بۇ يەردە ۋەتەندىكىدەك ئۇنداق كۆپ ئادەممۇ يوق ،لېكىن كىشى بېشىغا بىردىن توغرا

كەلگۈدەك ماشىنا بار چۈنكى بۇ يەردە ماشىنا،ماي دىگەنلەر ھەقىقەتەن ئەرزان.ۋەتەندىكى 200-300مىڭلىق ماشىنىلارنى بۇ يەردە 20-25مىڭ دوللارغا ئالالايسىز.ئىككىنجى قول ماشىنىلار بولسا 4-6مىڭلارغىمۇ خېلى ياخشى ماشىنىلار كېلىدۇ.بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى2500-3000$بولىدۇ شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا بۇلار 6ئاي ئىچىدە ياخشى ماشىنا ئالالايدۇ دىگەن گەپ.لېكىن بۇلار ئۇنداق نەرسىلارنى ئاساسەن بۆلۇپ -بۆلۈپ تاپشۇرىدىغان قەرزگە ئالىدۇ.بىزنىڭ ۋەتەندە بولسا 1-2يىل ئىشلىسىمۇ بىر ماشنا ئالمىقى خېلى تەس.بۇ يەردە مايمۇ بەك ئەرزان يېقىندا ماي باھاسى يەنە چۈشتى ھازىر بەلكىم كىلوسى 1$كېلىشى مۇمكىن.بۇ تولىمۇ ئەرزاندە بىزنىڭ ۋەتەندە بولسا 5-6يۈەنگە ئالىمىز.شۇنداق تۇرسىمۇ بۇلار يەنە ماي باھاسى قىممەت دەپ ئاغرىنىدۇ..بۇ يەردە ماشىنىلار شۇنداق كۆپ بولسىمۇ ئاسانلىقچە يول توسۇلۇپ قېلىش كۆرۈنمەيدۇ.ئەڭ كىشىنى خوش قىلىدىغىنى ھەرقانداق شوپۇر ماشنا ھەيدىگەندە 1-ئادەم،2-ۋېلسىپىت3-موتو دىگەننى كۆڭلىدىن چىقارمايدۇ.ۋەتەندە كىشىلەر ماشىنىغا يول بەرسە بۇ يەردە ماشىنا كىشىلەرگە يول بېرىدۇ.ئەگەر سىز يولدىن ئۆتمەكچى بولسىڭىز يول بويىغا كېلىپ تۇرسىڭىز كېلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ توختاپ سىزگە يول بېرىشى شەرت.سىز يولدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يولغا چىقسا بولىدۇ.بۇ ماشىنىلارنىڭ ئەڭ چىقىم كېتىدىغان يېرى ماشىنا توختىتىش ھەققى.تېخى بۇ ھەققىمۇ سائەتلىك بولىدۇ 1سائىتى 1-2$ئەتراپىدا..كانادادىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان قاتناش قائىدىلىرى بولىدۇ.شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە شوپۇرلۇق كېنىشكىلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ..16ياشتىن يۇقىرى كىشىلارنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ.كېنىشكىسىز ماشىنا ھەيدىگەنلەرگە 1200$جەرىمانە قويۇلىدۇ ،ئاپىرىپلا سولاپ قويۇش مۇمكىن ئەمەس.ئەگەر بىرەر جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ ساقچىلارنىڭ قالايمىغان ھاقارەتلەش ھوقۇقى يوق ۋە بۇ قانۇنى بەك قاتتىق ئىجرا قىلىدىكەن…

ئاپتورى :anjur007

يازما مەنبەسى: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بلوگى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro