ئەل ئالقىشلىغان دېھقان كەشپىياتچى

ۋاقتى: 2012-08-28 / ئاپتور: / سەھىپە: كارخانىلار / كۆرۈلۈشى:824 قېتىم ئوقۇلدى /

كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى  

جاپپار يۇنۇس

قاراقاش ناھىيەسىدە ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە يېڭى ماشىنا-ئۈسكىنىلەرنى كەشىپ قىلىپ، يېزىلاردىكى جاپاكەش دېھقانلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ۋە يۈكىنى يىنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان بىر تۆھپىكار ياش كەشپىياتچى بار. ئۇ قاراقاش ناھىيەسىدىكى قاراقاش بازىرى يېڭىشەھەر ئاھالە كومىتىتى 3-مەھەللىدىكى ياش دېھقان كەشپىياتچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا-ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرىنى ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا بىرىلىپ ئىزدىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن تەكرار تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق پۈتۈن ئاپتوماتىك بۇغداي سوقۇش ماشىنىسى (دان ئايرىش ماشىنىسى)، «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق قۇرۇق يەل-يىمىشنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى قاتارلىق يىڭى كەشپىياتلارنى كەشىپ قىلىپ، پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشىپ، دېھقانلارنىڭ خامان ئېلىشى تەس بولۇش، ياڭاق، چىلان، گۈلە قاتارلىقلارنى دەرىجىگە ئايرىشتا ئادەم كۈچى كۆپ كەتكەچكە دېھقانلارنىڭ قۇرۇق يەل-يىمىشتىن ئالىدىغان پايدىسى تۆۋەن بولۇپ قېلىش قاتارلىق قىيىن ھەم قولايسىز شارائىتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت ھەم نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا 1984-يىلى 5-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىگە قاراقاشلىق قاراقاش بازىرى يىڭىشەھەر ئاھالە كومىتېتى 3-مەھەللىسىدە  دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئابدۇللا مۇھەممەت بىلەن ئانىسى قەمەرخان ئەخمەت ئوغلى مۇھەممەتئىمىننى كىچىكىدىن باشلاپ زېرەك، ئەقىللىق تەربىيىلەش ئۈچۈن،ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن ئىلمىي تەربىيىلەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. ئۇنى سىرىتلارغا ئېلىپ چىقىپ، يېڭىدىن بارلىقا كەلگەن تەرەققىياتلارنى كۆرسەتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق ئەتراپلىق تەربىيە ئارقىلىق تەربىيەلەندى. مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ياخشى ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇش شارائىتىغا ئىرىشەلمىدى. ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بەرگەن پارچە پۇللارنى يىغىپ، «يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن»، «ئىدىسون»، «فارابىي»، «نىيوتۇن» قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان پەن-تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ كەشپىيات، تەتقىقات جەريانلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى ھەمدە ئۆزىدە بېرىلىپ ئىزدىنىش روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئېرادىسىنى تۇرغۇزدى ھەمدە تىنىم تاپماي ئۆگەندى. جىسىملارنى مىخانىك ھەركەت قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلدى. دادىسى ئابدۇللا مۇھەممەت پارتىيىنىڭ يېزىلارغا قارىتىلغان يېزا ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىلھامى بىلەن ھۈنەر-كەسىپ ئېگەللەپ، 2000-يىلدىن باشلاپ، قاراقاش ناھىيە بازىرىدا تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئاچقانىدى. مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا 2003-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە دادىسىغا شاگرىت بولۇپ، دادىسىدىن تىراكتورلارنىڭ پىرتىسىپ (توچەي)، شال تىلىش ھەرىسىنى ياساشنى ئۆگەندى. كېيىنچە كىچىك تىپتىكى ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، قۇناق تىكىش ماشىنلىرىنى ياساشنى ئۆگەندى.

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا (ئوتتۇردىكى) ئىنىلىرى بىلەن توردىن ماتېرىيال كۆرمەكتە

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى ۋە بانكىدىن قەرىز ئېلىش ئارقىلىق 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، 2008-يىلنىڭ بېشىدا قاراقاش ناھىيە بازىرىدىن 36 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدە دۇكان ئېجارە ئېلىپ، كىچىك تىپتىكى يېزا-ئىگىلىك ماشىنلىرىنى ياساش ۋە رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئىنىسى مۇھەممەت ئۆمەر ئابدۇللا بىلەن مۇھەممەتتوختى ئابدۇللانى شاگرىتلىققا قۇبۇل قىلىپ،قاراقاش ئۈچ يۇلتۇز يېزا-ئىگىلىك سايمانلىرىنى ياساش ۋە رىمونت قىلىش دۇكىنى ئاچتى. مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا 2008-يىلنىڭ بېشىدىن 2009-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چوڭ-كىچىك تىراكتورلارنىڭ پىرتىسىپ، شال تىلىش ھەرىسى، يېرىم ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ياساپ سېتىش كەسپىدىن 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى.

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا ئىش ئۈستىدە

ئۇنىڭ قولىغا پۇل كىرىۋىدى، ئۇ دېھقانلارنىڭ قىيىن شارائىتىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا، ھەمدە چوڭراق بىر ئىشنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جەمئىيەتنى ماھىرلىق بىلەن كۆزەتتى. ئۇ ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ تەشەببۇس خوتەن ۋىلايىتىدە بولۇپمۇ قاراقاش ناھىيەسىدە تېز ئەمىلىيلىشىپ،ناھىيە بويىچە دېھقانلار 300 مىڭ مودىن كۆپرەك كۆلەمگە ئىگە ياڭاقلىق باغ، چىلانلىق باغ، ئۆرۈكلۈك باغ بىنا قىلغانلىقىنى، ياڭاق، چىلان، گۈلە-قاقتىن ھوسۇل ئالغان دېھقانلار قۇرۇق يەل-يىمىشلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكى ئۆلكە بازارلىرىغا ئاپىرىپ سېتىشنى ئويلاپ، ياڭاق، چىلان، گۈلە قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى ئادەم كۈچى بىلەن 1-2-3-دەرىجىلەرگە ئايرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. بۇخىل ئۇسۇل بىلەن قۇرۇق مىۋىلەرنى دەرىجىگە ئايرىغاندا ئادەم كۈچى كۆپ، ۋاقىت ئۇزاق كېتىپ، چىقىم كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە دەرىجىگە ئايرىشتا بەزى خاتالىقلار ساقلىنىپ، داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە خەلقئارا بازارلارغا كىرگۈزۈشكە تەسىر يىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا دېھقانلارنىڭ بۇ قىيىن شارائىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇ قۇرۇق مىۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ 2010-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ كەشپىيات بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشتى. مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا شۇيىلى 1-ئايدىن 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىكى زاۋۇت ۋە شىركەتلەرگە بېرىپ، ھەرخىل ئىلغار ماشىنا-ئۈسكىنىلەرنى ياساش جەريانىنى كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. توردىن ئۇچۇر كۆردى. بىراق ئۆزى ئويلىغان قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنى ئۇچراتمىدى. ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كىلىپ، قۇرۇق مېۋىلەرنى دەرىجىگە ئايرىشنىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدى.

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا ياسىغان قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك ئايرىش ماشىنىسى

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا 2010-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئەتراپلىق ئىزدەندى. بۇخىل ماشىنىنى ياساشقا دائىر پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ، مىخانىك ھەركەت ۋە ئۇنى گۇرۇپپىلاش قاتارلىق بىلىملىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىدە دەسلەپكى قەدەمدە پۇختا نەزىيەۋى ئاساسنى تۇرغۇزدى. ئۇ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەتلىك ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پاتىنىت مۇلازىمەت ئورنىدىكى خادىملاردىن لاھىيەلەش، چىرتىيوژ سىزىش جەھەتتە مەسلىھەت ئالدى. ئۇ تالاي كۈنلەرنى تۈنلەرگە ئۇلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىغىچە، بەزى ۋاقىتلاردا ئاۋال ئاخشامدىن تاڭ سەھەرگىچە كىرپىك قاقماي ئىزدىنىش، كەشىپ قىلىش، كەشىپ قىلغان يىڭى ماشىنىنى تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 2010-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جاپالىق ئىزدىنىپ، «قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى»نى كەشىپ قىلىپ، مۇۋاپىقىيەت قازاندى. ھەمدە بۇ ماشىنىنىڭ ئىسمىنى «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى دەپ ئەنگە ئالدۇردى. بۇ ماشىنا پۇلات، چويۇن، ئاليومىن قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەرخىل ئايلانما ئوق، چىشلىق چاق، ئېلېكترماتور قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن، ئېلېكترماتور بىلەن ھەركەتلىنىدۇ. دېزىل ماتورى بىلەنمۇ ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 3.75 مېتىر، ئېگىزلىكى 1 مېتىر، ئېغىرلىقى 381 كىلوگىرام بولۇپ، سائىتىگە چىلاندىن 2 توننا، ياڭاقتىن 1.5 توننا، گۈلىدىن 1.8 توننىنى دەرىجىگە ئايرىيالايدۇ. توك سەرپىياتى تۆۋەن. قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى: تەننەرقى ئەرزان، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ھەركەت قىسىملىرى يېپىق ھالەتتە بولۇپ، بىخەتەر، مۇھىت بۇلغىمايدۇ. بىر ئادەم مەشغۇلات قىلالايدۇ. يۆتكەشكە ئەپلىك، ھەركەت قىسىملىرىنى ئاپتوماتىك كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.5 يىلدىن يۇقىرى چىدامچانلىققا ئىگە. مۇتەخەسسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى ئارقىلىق 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى دۆلەت ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتېنىت ھوقۇقىغا ئىرىشتى. مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا كەشىپ قىلغان «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇجايدىكى دېھقانلار يەرلىك، ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان ياڭاق، چىلان، گۈلە قاتارلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەرىجىگە ئايرىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە خەلقئارا بازارلارغا كىرگۈزۈپ، يۇقىرى باھادا سېتىپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئاددىي دېھقانلاردىن پوللىكلاردىكى بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەسكەرلىرىگىچە ھەممەيلەننىڭ چىھرىگە كۈلكە يۈگۈردى.

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ياش كەشپىياتچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا ئىنىلىرى مۇھەممەت ئۆمەر ئابدۇللا، مۇھەممەتتوختى ئابدۇللا بىلەن بىلەن بىرلىكتە بۇ ماشىنىنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. بۇيىڭى ماشىنىنىڭ كەشىپ قىلىنغانلىقىنى بىلگەن دېھقانلار بەس-بەستە ماشىنا سېتىۋېلىش توختاملىرىنى تۈزۈپ، ماشىنا سېتىۋېلىشقا كىرىشتى. ھەمدە «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنى خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى، شىخەنزە، 14-دىۋىزىيەنىڭ گۇما-قاراقاش ئېچىش رايونى، 14-دىۋىزىيەنىڭ 47-پولكى ۋە گۇما قارا تاغاز دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغىچە سېتىلدى.

قاراقاش ناھىيەسىدە 520 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇس بار، يەر كۆلىمىمۇ بىرقەدەر كۆپ، ئۇ دېھقانلارنىڭ ياز كۈنلىرى خامان ئېلىشتا ئېتىز ئۈستىدە يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدىكى تونۇرنىڭ ئۈستىدەك قىززىق مۇھىتتا 5-4 ئادەم يېرىم ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسىغا بۇغداي باشاقلىرىنى يۆتكەپ كىلىۋاتقان، دان ئايرىش ماشىنىسىغا 3-2 ئادەم ئەنجۈ سېلىۋاتقان، يەنە 5-4 ئادەم چاڭ-توزانلىق مۇھىتتا خامان سورىشىۋاتقان، بۇغداينى توپا-چاڭدىن ئايرىش ئۈچۈن غەلۋىر سېلىۋاتقان، بولۇپ دېھقانلار مۇشۇ يوسۇندا نەچچە سائەت مەشغۇلات قىلغاچقا، دېھقانلارنىڭ خامان ئېلىش ئۇسۇلى ھايۋان كۈچى بىلەن ئىپتىدائىي ھالەتتىن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تارتىدىغان جاپاسىنىڭ يەنىلا كۆپلىكىنى بىلدى. ئۇ مەن چوقۇم تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى ياساپ، دېھقانلارنىڭ خامان ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشۇم كېرەك دېگەنلەرنى ئويلاپ، پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى ياساشقا كىرىشتى.

ئۇ 2010-يىلى 10-ئايدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈچ ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پولات، تۆمۈر، چويۇن قاتارلىق مېتاللارنى ئىشلىتىپ، تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش، كۆپ قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى. ئۇ بۇ ماشىنىغا «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى دەپ ئەنگە ئالدۇردى. بۇ «ئۈچ يۇلتۇز» ماركىلىق پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى: بۇ ماشىنا ئېلېكترماتور، تىراكتور قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان قولايلىق، ئېھتىياجغا ئاساسەن 30، 40، 50 تىپلىق تىراكتورلارنىڭ ھەممىسىگە چېتىپ مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ. بىر سائەتتە 3.5 مو يەردىكى بۇغدايلاردىن دان ئايرىيالايدۇ. پەقەت 1 دىن 2 گىچە ئادەم يىتىشەلەيدۇ. بۇغداي پاكىزلىنىپ تاغارغا، سامىنى بىرتەرەپكە رەتلىك چىقىدۇ. ھەركەت قىسىملىرى يېپىق ھالەتتە بولۇپ، چاڭ-توزاندىن خالىي، بىخەتەر، يۆتكەشكە ئەپلىك، 5 يىلدىن 10 يىلغىچە چىدامچانلىققا ئىگە.

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا ئىش ئۈستىدە

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا ئىنىلىرى بىلەن 2011-يىلى 1-ئايدىن بۇيىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ماشىنىدىن 257 يۈرۈشنى ياساپ سېتىپ، 210 مىڭ 500 يۈەندىن كۆپرەك ساپ پايدىغا ئىرىشتى. ياش كەشپىياتچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا يىڭى كەشپىياتلارنى يارىتىپ بېيىغاندىن كېيىن، يېزىدىكى نامرات، ئاجىز، قارىغۇچىسى يوق نامرات ئائىلىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ 2011-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغا قەدەر يۇرتىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ۋە نامرات ئائىلە پەرزەنتىدىن 41 نەپەر ياشقا ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنى ئۆز كارخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىر كىشىگە ئېيىغا 1200 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ئىش ھەققى تارقىتىپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى. 2011-يىلى 6-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كاۋاك يېزىسى بىلەن خوتەن ناھىيەسىنىڭ سېغىزكۆل يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن قاراقاش دەرياسىنىڭ ئاياغ تەرەپىدىكى سۇ يۈزىگە بىر كۆۋرۈك سالماقچى بولغاندا، مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا 15 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. ئۇ يەنە 2010-يىلى 4-ئايدا ۋە 2011-يىلى 12-ئايدا 17 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراقاش بازىرى يىڭىشەھەر، كونىشەھەر، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يىڭى ئاۋات يېزا جاغلىغا كەنتىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر 58 نامرات ئائىلىگە ئۇن، يېمەكلىك ماي، گۆش قاتارلىقلارنى ياردەم قىلدى. ياش كەشپىياتچى ۋە شىجائەتلىك ياش مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان-تەسەۋۋۇرلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

مەن بۇيىل 9-ئايدا «ئۈچ يۇلتۇز» ئوقۇشقا ياردەم بىرىش مۇكاپاتى تەسس قىلىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ئوقۇشتا قىينالغان 5نەپەر ئوقۇغۇچىغا 1000 يۈەندىن جەمئىي 5000 يۈەن مۇكاپات تارقىتىمەن. مەن 2012-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 1 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، 750 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدە «قاراقاش ئۈچ يۇلتۇز يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى»نى قۇرۇپ، ئاممىغا ئېھتىياجلىق يېڭى ماشىنىلارنى كەشىپ قىلىپ، سودا تىجارەت دائىرىسىنى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، كۆلەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش مىخانىزىمى بەرپا قىلىمەن ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ۋە نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىدىن 50 نەپەر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر :مەۋلۈدە

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro