توفىل ئىمتاھانى توغرىسىدا ئومۇمى چۈشەنچە

ۋاقتى: 2012-08-20 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى,مەكتەپ ھاياتى / كۆرۈلۈشى:804 قېتىم ئوقۇلدى /

 

TOEFL
چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىنى ھازىرلىشى كېرەك.ETS تەرىپىدىن چىقىرىلغان توفىل(TOEFL)ئىمتاھانى ھازىر چەتئەللىكلەرگە قارىتا ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىنى ئۆلچەملىك سىناشتىكى ئەڭ ياخشى يول دەپ قارىلىدۇ.چەتئەل ئالى مەكتەپلىرى ئادەتتە شۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن TOEFL توفىل نەتىجىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.نەتىجىسى 79 كە يەتكەن بولىشى ،ئەگەر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولسا TOEFL نەتىجە ئادەتتە 100 دىن يۇقىرى بولىشى كېرەك.

2005-يىلى 9-ئايدا ،ETS پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يېڭى توفىل ئىمتاھانىنى يولغا قويدى،دۆلىتىمىزدە 2006-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.يېڭى توفىل ئىمتاھانى ئىمتاھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇمىيۈزلۈك سىنايدۇ.بۇ ئىمتاھان ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق ئېلىندۇ.يېڭى توفىل ئىمتاھانىغا ئېغىز تىلى سىناش تۈرى قوشۇلدى.ئومۇمىيۈزلۈك باھالاپ نومۇر قويۇش سېستىمىسى قوللىنىلدى ھەمدە ھەقىقى پەننى تىلى موھىتى  ئىشلىتىلدى.
يېڭى توفىل ئىمتاھانىنىڭ تۈزۈلىشى
يېڭى توفىل ئىمتاھانى تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان .ئايرىم-ئايرىم ئوقۇش(Reading) ئاڭلاش(Listening) سۆزلەش(Speaking) ۋە يېزىقچىلىق(Writing) . ھەربىرى 30 مىنۇت ،پۈتكۈل سۇئال جەمى 120 نومۇر.


ئوقۇش
يېڭى توفىل ئىمتاھانىنىڭ ئوقۇش قىسىمى تەخمىنەن 60 مىنۇت ئەتراپىدا.ئۈچ پارچە ماقالە بېرىلىدىغان بولۇپ ھەر بىر پارچىسى 650-750 خەت ئەتراپىدا بولىدۇ.ھەر بىر پارچىسىغا 11-13 كىچە سۇئال بېرىلىدۇ.سۇئاللارنىڭ تۈرى گىرافىك سۇئالى ،جۈملە ئاددىلاشتۇرۇش سۇئالى ،تېكىست قىستۇرۇش سۇئالى ،ۋەقەلىك ئۇچۈر سۇئالى ،خولاسە چىقىرىش سۇئالى ، بېزەش مەقسەت سۇئالى ۋە ئىنكارلاپ چىقىرۋىتىش(مەسىلەن ،تۆۋەندىكىلەردىن  توغرىسىدىن باشقىسى) سۇئالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىمتاھان سۇئالىنى ئىشلەپ بولۇپ قايتا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق جاۋاب بەرمىگەن سۇئالنى تىز سۈرئەتتە تېپىپ چىقىپ ئىشلىۋەتسە بولىدۇ ،بىراق ھەربىر سۇئالنى قايتا كۆرۈپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئوقۇش قىسىمىنىڭ ئومۇمى نومۇرى 42-45 گېچە بولىدۇ.
ئاڭلاش
ئاڭلاش قىسىمى ئىككى دىئالوگ ۋە تۆت نوتۇقتىن (دەرىسخانا دىئالوگىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەركىب تاپقان.ھەر بىر دىئالوگدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان سۆزلىگۈچىلەر بولىدۇ.ھەر بىر دىئالوگدا بەشتىن سۇئال ،ھەربىر نوتۇقتا  ئالتىدىن سۇئال بار.ئاڭلاش قىسىمىدا جەمى 34 سۇئال بار.ھەربىر سۇئالغا  1-2 گىچە نومۇر بېرىلدۇ.جەمى 34-36 گىچە نومۇر.ئاڭلاش قىسىمىنڭ ۋاقتى تەخمىنەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا.ھەر بىر سۇئالغا 2-3 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ.ئىمتاھان بەرگۈچىلەر ئاڭلاش جەريانىدا خاتىرە قالدۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئاڭلاش سەۋىيسى شەكسىزكى يېڭى توفىل ئىمتاھانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.ئوقۇشتىن باشقا ،ھەممە قىسىم ئاڭلاشتىن ئايرىلالمايدۇ.جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا نېسبەتەن ئاڭلاش بىر قەدەر ئاجىز ھالقا .نۆۋەتتە جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش سەۋىيسىنى يۇقىرى ئۆستۆرۈشتىكى بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئاڭلاپ يېزىش ئۇسۇلى.مۇناسىۋەتلىك ئاڭلاش ماتېرىياللىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ ،ئاڭلىغان مەزمۇننى جۈملىمۇ –جۈملە يېزىپ  چىقىش.مەخسۇس يېڭى توفىل ئاڭلاپ يېزىشنى مەشىق قىلشى يۇمتالىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.ئاڭلاپ يېزىش ئۇسۇلىنىڭ بىر كەمچىللىكى دەسلىپىدە مەشىق قىلغاندا ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ.


سۆزلەش
يېڭى توفىل ئىمتاھانىنىڭ سۆزلەش قىسىمى جەمى ئالتە سۇئال ،ۋاقتى جەمى 15 مىنۇت،1-2- سۇئال مۇستەققىل جاۋاب بېرىش سۇئالى، ھەربىرىنىڭ  تەييارلىق ۋاقتى 15 سىكۇنت،جاۋاب بېرىش ۋاقتى 45 سىكۇنت.سۇئال ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ ھەم ئىكراندا چىقىپ تۇرىدۇ.3-4- سۇئاللاردا ئالدى بىلەن بىر پارچە ئوقۇش  تېكىستى بېرىلىدۇ.ئۇندىن كېيىن شۇ ئوقۇش تېكىستىگە مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە تېكىستنى ئاڭلاپ بولۇپ ،تەلەپلەر بويىچە سۇئالارغا جاۋاب بېرىلىدۇ.ئادەتتە بىر سۇئال ئەھۋال سۇئالى ،يەنە بىرسى ئاكادىمىيىلىك سۇئال.ئوقۇش ماتېرىيالىدا پەقەت بىر ئابزاسلا بېرىلىدىغان بولۇپ ۋاقتى 45 سىكۇنت،ئاڭلاش ماتىرىيالى دىئالوگ بولىشىمۇ نوتۇق بولىشىمۇ مۇمكىن ،ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا.ئىمتاھان بەرگۈچىلەر ئاڭلاش جەريانىدا خاتىرە قالدۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە ئىشلەتسە بولىدۇ.تەييارلىق ۋاقتى 30 سىكۇنت ،جاۋاب بېرىش ۋاقتى 60 سىكۇنت.5-6- سۇئاللار ئاڭلاش ماتىرىيالىنى ئاساس قىلىپ جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئاڭلاش ماتېرىيالى ئادەتتە بىر ئەھۋال سۇئالى بىر ئاكادىمىيىلىك سۇئال بولىدۇ.ئاڭلاش ماتېرىيالى دىئالوگ ياكى نوتۇق بولىشى مۇمكىن.ئۇزۇنلىقى بىر يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا .ئوخشاشلا ئاڭلاش جەرياندا خاتىرە قالدۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە ئىشلەتسە بولىدۇ.تەييارلىق ۋاقتى 20 سىكۇنت،جاۋاب بېرىش ۋاقتى 60 سىكۇنت.ھەربىر سۇئال 0-4 نومۇرغىچە بولىدۇ.
يېزىقچىلىق
يېڭى توفىل ئىمتاھانىنىڭ يېزىقچىلىق قىسىمى ئىككى سۇئال بولۇپ ۋاقتى تەخمىنەن 50 مىنۇت.مۇستەققىل يېزىقچىلىق سۇئال قىسىمى 30 مىنۇت ،ئىمتاھان بەرگۈچى ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە تەجىرىبىسىگە ئاساسەن مەلۇم بىر كۆر قاراشنى بايان قىلىپ ،چۈشەندۈرۈپ ۋە قوللاپ 300 خەت ئەتراپىدا  بىر ماقالە يازىدۇ.يەنە بىرسى ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ماتىېرىيالغا ئاساسەن ماقالە يېزىش سۇئالى بولۇپ ،ئىمتاھان بەرگۈچى ئالدى بىلەن بىر پارچە ئاكادىمىيىلىك نوتۇقنى ئوقۇيدۇ،ۋاقتى ئۈچ مىنۇت ،ۋاقىت توشقاندىن كېيىنلا ماقالە يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بىر مىنۇت ئەتراپىدىكى بىر پارچە نوتۇق ئاڭلىتىلىدۇ.بىراق ئىمتاھان بەرگۈچى ماقالە يېزىش جەريانىدا يوشۇرۇنۋالغان ئوقۇش تېكىستىنى كۆرەلەيدۇ.ئاڭلاش جەريانىدا خاتىرە قالدۇرۇپ ماقالە يېزىشقا ئىشلەتسە بولىدۇ.ئىمتاھان بەرگۈچى 20 مىنۇت ۋاقىتتا ئاڭلاش ماتىرىيالىدىكى موھىم نوقتىنى يىغىنچاقلىشى ۋە چۈشەندۈرىشى ھەمدە بۇلار ئوقۇش ماتېرىيالىدىكى مەزمۇنلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەسلىكى كېرەك.ئادەتتە ئۈنۈملۈك جاۋاب بىر پارچە 150-225 خەتكىچە بولغان ماقالە بولسا بولىدۇ.ھە بىر سۇئالغا 0-5 كىچە بومۇر بېرىلىدۇ.


قوشۇلما سۇئال
ھەقىقى ئىمتاھاندا ئىمتاھان بەرگۈچى ئاڭلاش ياكى ئوقۇش قىسىمىدا قوشۇلما سۇئالغا يولۇقۇپ قىلىشى مۇمكىن،قوشۇلما سۇئالغا نومۇر بېرىلمەيدۇ.بىراق ئىمتاھان بەرگۈچى قايسىنىڭ قوشۇلما سۇئال ئىكەنلىگىنى ئۇقمايدۇ،شۇڭا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
نۆۋەتتە دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2009- يىلى  115 ئىمتاھان مەيداندا 32 قىتىملىق ئىمتاھان ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ھەر بىر قېتىملىق ئىمتاھانغا تىزىملىتىش ئىمتاھاندىن بۇرۇنقى ئۈچ  كۈنگىچە بولىدۇ.

ئاپتور: بەكتۇر مۇنبىرىدىن kardu

مەنبە: بەكتۇر تورى

رەسىملەر بىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro