ئۈچ مىليون خەجلەپ ھەقسىز كۈتۈپخانا ئاچقان ساخاۋەتچى

ۋاقتى: 2013-02-04 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى,ئىقتىساد,ئۇيغۇر داڭلىقلىرى,بايلار,خەزىنە,خەۋەر,داڭلىق شەخىسلەر,مائارىپ / كۆرۈلۈشى:1,025 قېتىم ئوقۇلدى /

يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگراممىسىنىڭ بىر ئالاھىدە سانىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ساندا خوتەن دىيارىدىكى پۇل تاپقاندا كۈتۈپخانا قۇرۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان بىر ساخاۋەت ئىگىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا سالدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئويلىنىش تەپەككۇرىنى ئويغىتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشنى لايىق تاپتىم.
فىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر بولۇپ، ئۇ 24 يېشىدىن باشلاپ بېيجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە يىپەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇلللانغان ۋە تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىپەك مال ئېكىسپورت قىلغان.  تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. 
فىرانسىيەنىڭ بىر كوچىسىدا يۈز بەرگەن بىر كىچىك ۋەقە ۋە مېترودىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ھەمدە ئۇنى چوڭقۇر ئويغا سالغان.  ئاخىرى ئۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى، يەنى، ئىنساننىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش يارىتىلىدىغانلىقى، پەقەت مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك مەدەنىيەت ساپا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئارقىلىقلا ئىنساندا مەدەنىيەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى  تونۇپ يەتكەن.  ئەستايىدىل ئويلىنىش نەتىجىسىدە ئۇ بىر كۈتۈپخانا قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە ئون يىل پۇختا تەييارلىقتىن كېيىن  2012-يىلى خوتەن  شەھىرى گۈلباغ سودا سارىيىغا 350 كىۋادرات مېتىرلىق «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. كۈتۈپخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 
كۆزىتىش ئارقىلىق، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ئىشتىياقى بارلىقىنى ، لېكىن كىتاب سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىدا ئەركىن ئازادە  كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا چاي ئېلىش ئورنى بەرپا قىلغان. كېيىن بىر ياشانغان كىشىنىڭ قاتتىق ناننى چاي بىلەن يەپ ئولتۇرۇپ  كىتاب كۆرۈۋاتلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچى سىيرىلغان ۋە ئۆز ئاشخانىسىدىن بىر قاچا تاماق ئېلىپ چىقىپ بۇ كىشىگە سۇنغان، بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈتۈپخانا خېرىدارلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى ھەر كۈنى كۈتۈپخانىغا كېلىپ  ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇغان ئادەمگە بىر ۋاق ھەقسىز تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ خالىسانە روھى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى خوتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قول يازما ۋە باشقا قەدىمكى ئەسەرلەرنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ، كۈتۈپخانىغا جۇغلىغان ۋە خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان ھازىر كۈتۈپخانىدىكى كونا قول يازمىلارنىڭ سانى ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، يېڭى كىتابلارنىڭ سانىمۇ بەش مىڭ پارچىدىن ئاشقان. ئۇنىڭ كۈتۈپخانا قۇرۇش ۋە قول يازمىلارنى جۇغلاشقا سالغان مەبلىغى تۆت مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان تاماق بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە.
خوتەن «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەر كەسپ كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. يېقىندا خوتەنگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن بارلىق يازغۇچى-شائىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ كۈتۈپخانىىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتى.
بۇ كۈتۈپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، يەنە خېرىدارلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىشى خەلقنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، كىتاب ئوقۇش ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، قول يازمىلارنىڭ توپلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق شەرت-شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى.
ئىلقۇت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى 2000-يىلىدىكى <«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە>دېگەن ماقالىسىدا، ئۆزىنىڭ <كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار> دېگەن ماقالىدىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان ئىدى.. 
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق..
كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم)مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق (شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق..
كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يېتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار (مەسىلەن خەنزۇ تىلى)دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ.
خالاس……
مانا بۈگۈن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك قەلبى ياخشىلىق، مەرىپەت ئۈچۈن سوققان  بىر ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى  ئۇيغۇرلاردىكى كىتاب ئوقۇغىلى پۇل يوق ياكى ئوقۇغىلى كىتاب يوق ئەھۋاللارنىڭ ياخشىلىنىشىدا چوڭ رول ئوينىدى. 

ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا نىسبەتەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچە پەرۋاسىز ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى  بايقايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىتابخانىلار ئېچىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ساپايىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت ۋە دەۋرنىڭ بىزگە قويۇۋاتقان تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بىز پايدىلىق كىتابلارنى، كىتابخانىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىمىز، ھەممىدىن مۇھىمى، كىتاب ئوقۇش ئېڭىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئاكىمىزدەك ئالىيجاناپ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، ياخشىلىقنى قوغلىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىدىغان ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىش ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشقا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتورى: ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرى تورىدىن قارلەيلىسى

مەزكۇر كىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت سۆھبىتىنى كۆرۈڭ: كۆرۈش

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro