تۈركىيەدە ئوقۇش : ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى

ۋاقتى: 2013-01-31 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى,مائارىپ / كۆرۈلۈشى:983 قېتىم ئوقۇلدى /

تۈركىيەدە  نۇرغۇنلىغان  ياخشى مەكتەپلەر بار،  بۇنىڭ ئىچىدە  ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنۋېرسىتىسى، بوغازئىچى، ئىستانبۇل  تېخنىك، بىلكەنت ئۇنۋېرسىتى  ئالدىنقى ئورۇندا  تۇرىدۇ. ئۆتكەن يىلدىن  باشلاپ  تۈركىيە  ھۆكۈمىتى  يېڭى  ئوقۇش  مۇكاپاتلىرىنى  يولغا  قويدى. ئەمما بۇ ئوقۇش  مۇكاپاتلىرى بىلەن يۇقارقى  مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش  ئىمكانىنىڭمۇ  تۆۋەن ئىكەنلىكىگە  خەۋەردارا  بولدۇق، چۈنكى بۇ مەكتەپلەردە  دەرسلەر ئىنگىلىزجە  ئۆتۈلىدۇ. ئەمما تۈركىيە  ھۆكۈمىتى بۇ مۇكاپاتلارنى  تۈركچە مائارىپ ئېلىشنى  خالايدىغان  كىلشلەرگە قاراتقان. ئەمما ئىقتىسادىي ياخشى، تالانتلىق، تىرىشچان  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بۇ مەكتەپلەرنى ئىلتىمسا  قىلىشىنى تەشۋىق  قىلىمەن.  

ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى
ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدە بىلىم ئادەملىرىنى يېتىشتۈرمەك ئۈچۈن 1956-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوتتۇرا شەرق ئالىي مائارىپ تېخنىك ئۇنىۋېرسىتى نامى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشلىغان..

ئوقۇ-ئوقۇتۇش  ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان سۈپەت بىلەن ئىلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنۋېرسىتىسى جەمئىيەتنىڭ سوسيال، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى  كۆرسەتمەكتە. ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنۋېرىسىتىسى قۇرۇلغان كۈندىن ھازىرغىچەئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يېتىشتۈرگەن تالانت ئىگىلىرىنىڭ جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى ئورنى يۈكسەك. ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنۋېرىسىتىسىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ موللىقى، ئوقۇتقۇچى سېپىنىڭ سەللىقى، خەلقئارا مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭلىكىدىن دۇنياغا مەشھۇر..

تۈركىيەنىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنۋېرسىتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنۋېرىسىتىسىنى قازانماقنىڭ تەلىپىمۇ يۇقىرى ئەلۋەتتە. ھەر يىلى تۈركىيەدە  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەڭ ئەلا نۇمۇر ئالغان 1000 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈچتەن بىرى بۇ ئۇنۋېرسىتنى ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئارزۇسى قىلىپ يازىدۇ. ئۇنۋېرسىتنىڭ تەڭدىن تولا بۆلۈملىرى 1.5 مىليون ئوقۇغۇچى قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا ئالدىنقى 3%كە كىرەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

تولۇق كۇرس ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى
  پۈتۈن تەپسىلاتى ئۈچۈن: http://www.oidb.metu.edu.tr/english/application/intadm.html
ئوقۇش  نەتىجىسى:

ئوتتۇرا شەرق تېخنىك ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئىككى تارمىقى بۇلۇپ بىرى ئەنقەرەدە، يەنە بىرسى شىمالىي قىبرىستا(Northern Cyprus). ئەنقەرەدىكى باش مەركىزى بۇلۇپ بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانسىدا ئەڭ ئاز 500 
نۇمۇر ئېلىش كېرەك ياكى تولۇق ئوتتۇرىنى 85 دىن يۇقىرى ئورتا نۇمۇر بىلەن پۈتتۈرۈش كېرەك. بۇ ئىككى خىل نەتىجىنىڭ ئېنگىلىزچەسىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار:
1. دىپلوم
2.  نەتىجە
3.نەتىجەنىڭ تەرجىمىسى
4. خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (SAT, GCE) 

تىل تەلىپى:
1. TOEFL, IELTS نەتىجىسى بۇلۇشى كېرەك، نورمال كەسىپلەردە Toefl نەتىجىسى 79 دىن يۇقىرى، Ielts بولسا 6.5 يۇقىرى بۇلۇش كېرەك. 
ئېنگلىزجە نەتىجىسى بولمىسىمۇ ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ، ئەمما بىر يىل ھازىرلىقتا ئوقۇيدۇ.

ئوقۇش پۇللىرى:

ياتاق:
1. مەكتەپنىڭ ياتاقلىرى بار، نورمالدا تۇلۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن 100 تىللا ئالىدۇ.

خۇلاسە:
مەكتەپ تۈركىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپ، نۇرغۇنلىغان ياخشى كەسپلىرى بار. مەكتەپتە كەسىپلەر ئېنگىلىز تىلىدا ئۆتىلىدۇ. مەكتەپنى ياخشى پۈتتۈرسىڭىز  ئىشقا ئورۇنلۇشۇش ياكى يۈكسىلىپ ئوقۇشتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. 

ماگىستېردا ئوقۇش:
تەپسىلاتى: http://www.oidb.metu.edu.tr/english/application/grapro.htm

ماگېستىرلىق ئوقۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆزىڭىز مەن تەمىنلىگەن تور بەتتىن كۆرىۋېلىڭ. نورمالدا ماگېستىرلىق ئوقۇش ئۈچ يىل بۇلدىۇ، تىرىشىپ ئوقۇسىڭىز 1.5 يىلدىمۇ پۈتتۈرەلەيسىز.  دەرسلەرنى ئېنگىلىزتىلىدا ئۆتىدۇ، ئەمما تۈركچە بىلمىسىڭىز بەلكىم سەل قېيلىنىپ قىلىشڭىز مۇمكىن.  تۈركىيەدە دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرىدە پروفېسسور ياردەمچىسى پەقەت تۈركىيە پۇقراسى بۇلىدۇ. ئەمما پروفېسسورنىڭ تەتققىقات پروگراملىرىغا قاتناشسىڭىز بۇلىدۇ. بۇ يەردە قانداق نەتىجە قازىنىش  سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ھەم تالانتىڭىزغا  باغلىق. 

(بۇ  ماقالىنى بەك ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ يېزىپ بولالمىدىم، ھەرقايسىڭلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى  ئۈمۈد قىلمەن. كەمتۈك  يېرىنى كۆپچىلىكنىڭ تۈزۈتۈپ تېخىمۇ  ئېسىل بىر ماقالىنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن)

ئاپتورى: كۆكلەم تورىدىن neouyghur

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro