ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان

ۋاقتى: 2012-08-14 / ئاپتور: / سەھىپە: ئۇچۇر,مۇھاكىمە / كۆرۈلۈشى:680 قېتىم ئوقۇلدى /

ئۆتۈك

ھازىرقى ئارخىلوگىيىلىك ماددى .ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئۆتۈك دېگەن بۇ ئاياغ كىيىمىنى ئىجاد قىلىپ،ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ۋە بۇ ھۆنىرىنى شەرىقى ئاسىيا ۋە جەنۇبى ياۋرۇپا ئەللىرىگىچەتارقاتقان.
مىكوېنىڭ<<ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى>>دېگەن كىتابىدا:<<نېل،ھىندى،دېكرىس-يۇخاراپىس دەرياۋادىسى،شۇنداقلا خۇاڭخې دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارداياشايدىغان قەدىمكى كىشىلەر ياغاچ كەش كىيەتتى،تېرە ئۆتۈك ئوتتورا ئاسىيانىڭ بولۇشى مۇمكىن>>دەپ خۇلاسە چىقارغان.بۇ خۇلاسە شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسىدە ئىسپاتلىنىپ،سىناقتىن ئۆتتى.بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى،شىمالىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەر دەرياۋادىلىرى ۋە شەھەر قەلئە خارابىلىرىدىن تېپىلغان6400،6000،4000،2500،2000يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە بەزىسى ئىپتىدائي چەم،كۆن،خۇرۇملاردىن تىكىلگەن ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرى بار.ھەتتا 4000يىل بۇرۇنقى زامانلاردا مۇشۇ زىمىندا تىرىكچىلىك قىلىپ ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىيگەن ئۆتۈكلىرى ناھايتى سىپتا تىكىلگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خام تېرە،ئاشلانغان تېرە،چەم،كۆن،خۇرۇملارنىڭ پۇختىلىقى،ئۆتۈكنىڭ چەمى،باشلىقى،قونچى ۋە پاشنىلىرىنىڭ مەزمۇتلىقى،بوياقلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئۆڭمىگەنلىكى بىلەن ئارخىلوگلارنى ھەيران قالدۇرغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈكنى ئىجاد قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەينى دەۋىردىكى خەنزۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىمۇ<<ئۆتۈك غەرىبى دىياردا تىكىلىدۇ،ئۇ،چۈنچىيۇ دەۋىرىدە ئوتتورا تۈزلەڭلىككە تارقالغان.ئۇنى غەرىبى دىياردىكى كىشىلەر ئىككى پۇتىغا بىردىن كىيىپ ماڭىدۇ،ئات مىنىدۇ>> دەپ خاتىرىلەنگەن.
ئەينى دەۋىردە ئۆتۈكمۇ ھەربى قۇرال ھېساپلىناتتى.ئۆتۈكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ يائوقى،نەيزەقاتاركىق ئۇرۇش قۇراللىرىدىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان بولغان.
ھەربى يۈرۈش ۋە ئۇرۇش جەڭلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ،ئۆتۈكلەرنىڭ باھاسىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان.بۇنىڭ بىلەن ئەجداتلىرىمىز ئۆتۈك سودىسى ئارقىلىق ھەريىلى نۇرغۇنلىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ۋە باشقا تاۋارلارغا ئىگە بولغان.بۇنداق ئۆتۈك سودىسى خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى چىڭ سۇلالىسىغىچە داۋام قىلغان. مانا بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىمىز!!!

ئابلىز مۇھەممەد سايرامىنىڭ<<شىنجاڭ ياشلىرى>>ژورنىلىنىڭ1990يىلىدىكى4-سانىدىكى<<قەدىمكى ئۇيغۇر ئۆتۈكچىلىكى>>دېگەن ئىلمى ماقالىسىدىن ئېلىندى.

مەنبە: ئەجداد تارىخ تورى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro