ئاتۇش ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى توغرىسىدا

ۋاقتى: 2012-08-14 / ئاپتور: / سەھىپە: تارىخ / كۆرۈلۈشى:680 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاتۇش

ئۇيغۇر دىيارلىرىدىن بىرى بولغان ئاتۇش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەنۇبىغا ،تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى قىسمىغا ،تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان .ئۈرۈمچى بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارلىقى مىڭ كىلومىتىر .ئاتۇش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى شەھىرى ،ئاتۇش ،ئۇلۇغچات ،ئاقچى ،ئاقتۇ ناھىيىسىدىن ئىبارەت تۆت ناھىيىگە بۆلۈنگەن .ئازادلىقتىن بۇرۇن قەشقەرگە قاراشلىق ئىدى ئازادلىقتىن كىيىن ئايرىم بولۇپ بولۇپ ئايرىلىپ چىققان . 

ئاتۇش نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى . 
<<تۈركى تىللار دىۋانى >>1-توم 128-بەتتە <<ئارتۇچ -ئارتۇچ دەرىخىنىڭ نامى بولۇپ قەشقەردە ئارتۇچ ناملىق ئىككى يۇرت بار >>دەپ يېزىلغان.ھازىرمۇ ئارتۇچ نامىدا ئىككى يۇرت بار بىرسى ئۈستۈن ئارتۇچ بىرى ئالتىن ئارتۇچ .<<تۈركى تىللار دىۋانى >>1-توم 147-بەتتە <<ئۈستۈن ئاندىن ئالتىن >>ئاستىن دېيىش توغرا ئەمەس ،توغرىسى ئالتىن .ھازىر بەزى كىشىلەر<< ئالتىن ئاتۇش >>دەپ تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ ،لېكىن جانلىق تەلەپپۇزدا <<ئاستىن ئاتۇش >>دەپ تەلەپپۇز قېلىنىۋاتىدۇ .خۇلاسە كالام شۇكى ئاتۇش ئارتۇچ دەرىخنىڭ نامى بولۇپ بۇ نام يېقىنقى دەۋرگىچە تارىخى ھۆججەتلەردە يېزىلىپ كەلگەن . 

ئاتۇش كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى .(ئۆز كۆز قارىشىم ) 
ئاتۇش كىشىلىرى باشقا يۇرت كىشىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ،ئاتۇش كىشىلىرى تۈز كۆڭۈل ،ئوچۇق ،خۇشچاقچاق ،كىچىك پىئېل ،سودا قىلىش ۋە يۇرت ئىچىشقا ئالاھىدە ئېپى بار .مەرىپەتپەرۋەر ،مىللەتپەرۋەر ،ئىلىم مەرىپەتكە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدىغان ،ئىچىش ئىگىلىك تىكلەش روھى ئالاھىدە كۈچلۈك . 
ئاتۇشنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى قاقاسلىق ،تاشلىق ،ۋە تاغلىق رايون ئەمگەكچان ئاتۇش خەلقى ئىككى قولىغا تايىنىپ زىمىنلىرىنى گۈللىتىپ ياشنىتىپ كەلمەكتە . 

ئاتۇشتىكى مەشھەد ۋە تەختىيون يىزىلىرى . 
مەشھەد ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىگاھى جايلاشقان يۇرت بولۇپ مەشھەد 10-ئەسىردىن بۇرۇن <<تۇنجى كەنىت >><<مۇقەددەس كەنىت >><<ئۇلۇغ كەنىت >>دەپ ئاتالغان .سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئوغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىنكى مەزگىلدە <<مەھشەد>>دەپ ئاتالغان . 
مەھشەد<<شېھىتلەر ماكانى >>دىگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىدىغان كاتتا كېڭەش ئورنى بولغان شۇڭا <<ھەممە يىغىلىدىغان ئورۇن >>دىگەن مەنىگىمۇ ئىگە . 

تەختىيون(تەختى ھون)ئاتۇش شەھىرى تۇرۇشلۇق دائىرىنى بۇرۇن يەرلىك كىشىلەر <<تەختىيون>>دەپ ئاتاپ كەلگەن ،بۇ دائىرە تەخمىنەن 1000مودىن كۆپرەك كېلىدۇ ،بۇرايون ئىچىدە<<تەختىيون>>نامىدىكى بىركەنىت بار بولۇپ ،دەۋرىمىزدىكى مەشھۇر دىنى ئالىم مۇھەممەت سالىھ قارىھاجىمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسىدۇر . 
تەختىيون تاغلىرى ئېتىكىدە تۇرۇپ قىران دەريا سۈيى كىلىۋاتقان شىمالدىكى قاتمۇقات تاغ جىلغىلىرىغا كۆز تىككىنىمىزدە شىنجاڭدىكى ئىلىم ساھەسىنى زىلزىلگە كەلتۈرگەن <<ئاتۇش تاش ئادىمى >>تېپىلغان ئورۇننىڭ تەختىيون تاغلىرىنىڭ شىمالى يانباغرىدا ئىكەنلىكى كىشىگە نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن بىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇرا يۇندا ياشاپ كۆپىيىپ كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ . 

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان .دۇنيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا ئېلىمىزنىڭ غەربىدە قۇرۇلغان قاراخانىيلار سۇلالىسى مىلادىيە850يىلىدىن1212يىلغىچە ھۆكۈم سۈرۈپ 362يىلدىن كىيىن قىتانلار تەرىپىدىن يوق قىلىنىپ تارىخ سەھىپىسىدىن غايىپ بولدى .قارىخانىيلار سۇلالىسىنى 4-ئەۋلاد پادىشاھى شاھزادە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مىلادى 10-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئارلىقىدا ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ دالالىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ قۇراللىق ھۇجۇم بىلەن ئۆگەي ئاتىسى خاقان ئوغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋېلىپ ئىسلام دىنىنى ئاشكارا تارقاتتى ،مەسچىت مەدرىسلەرنى سالدۇرۇپ ئىسلامدىنىنى كىڭەيتىش يولىدا كۈرەش قىلدى ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خىلى كۆپ زىمىنىلىرى ئىسلام دىنى شەرىپىگە ئىرىشتى .سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان كىسەللىكتىن ساقىيالماي مىلادى 956-يىلى ۋەسيىتى بويىچە ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ يىنىغا دەپنە قىلىندى . 

ئۇيغۇر مەدىنىيىتى توغرىسىدا بىر كەلىمە .نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى دەۋرلەردە نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقنى بىسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر خەلقى ،ئۆز مەدىنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ،تەرەققى قىلدۇرۇش ،تارقىتىش يولىدا تىللاردا داستان بولغىدەك مۆجىزىلەرنى ياراتتى .تالاي ئەجدادلىرىمىز ئىسسىق قانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تا بۈگۈنگىچە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالدى .بۇ تېما توغرىسىدا مىنىڭ گەپ قىلغۇدەك سالاھىيىتىم،ھەم سەۋىيەم بولمىسىمۇ ،ئۆز ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي . 

مەدىنىيەت تارىخىمىزدىكى ئۈچ چوڭ بۇرۇلۇش ،ئۈچ چوڭ يوقىتىش. 
مەدىنىيەت تارىخىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق ،مىلادى 10-ئەسىردە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانننىڭ ئۇيغۇرلارئارىسىغا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشى ،بۇ ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدىكى زور بۇرۇلۇش نوقتىسى .بۇتپەرەسلىك ئاسارىتى ئاستىدا قالغان ،ئۇيغۇر خەلقىنى يىڭى بىر يورۇقلۇققا پارلاق يولغا باشلاپ چىققانلىقى بۇنىسى ھەممەيلەنگە مەلۇم .تا مىلادى 16-ئەسىرغىچە ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇنلىغان قانلىق كۈرەشلەر نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىنى پۈتۈن شىنجاڭ رايونىغا تارقاتتى .قارىخانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرگەن 360يىلدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدىنىيىتى ،تۈرك ،پارس،ئەرەب مەدىنىيەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى ياراتتى .بۇ جەرياندا يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنىگە جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقى شەرق مەدىنىيىتىنىڭ غەربكە تارقىلىشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتتى .قارىخانىيلار سۇلالىسى مۇنقەرز بولۇپ تا يەركەن سەئىدىيە خانلىقى مۇنقەرز بولغىچە 500يىل ئىچىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ،ئۆزمەدىنىيىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تارقاتتى .بۇ دەۋر ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرى دىيىشكە بولىدۇ ،بۇ دەۋر ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىخا ئۇل سالغان يىللار بولۇپ قالدى . 

مىلادى 17-ەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دىيارىمىزدا ھۆكۈم سۈرگەن ،<<مەزھەپ>>ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى ئەۋج ئالدى .ئاق تاغلىق ئىشقىيەچىلەرنىڭ پىرى بولغان ھىدايىتۇللا ئىشان باشچىلىقىدىكى تارىخنىڭ مەڭگۈلۈك لەنەتكارى ،ئۆزىنىڭ رەزىل نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا 180يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن يەركەن سەئىدىيە ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ ،سوپىزىم تەلىماتىنى پۈتۈن سەئىدىيە دىيارىغا تاراتتى .غوجا،ئىشانلارنىڭ دەۋەت تەرغىباتلىرى نەتىجىسىدە ،بۈيۈك ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ،ئاچارچىلىق قاشاقلىق نادانلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دىياردا ،تارىخنىڭ ئاچچىق چاڭ-توزانلىرى ئارىسىغا كۆمۈلدى .ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ،سىياسى ،ئىقتىسادى گۇمراھلىق ۋە بىقىندىلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى .بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى زور يوقىتىش بولۇپ قالدى . 

18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ،ئازكەم 200يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارى خوجىلار توپىلىڭى ،چىڭ سۇلالىسىگە قارشى دىھقانلار قوزغىلىڭى ،ياقۇپبەگ توپىلىڭى ،قاتارلىق ھەم چىرىك چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقى نەتىجىسىدە ،ئۇيغۇر دىيارلىرى مۇدھىش چۈشنىڭ قوينىدا ئاچچىق تىپىرلىدى ،ئاسماننى بولسا قارا تۇمانلار قاپلىدى ،ناتىۋان ئۇيغۇر خەلقى چىرىك چىڭ سۇلالىسى ھاكىميىتى ئالدىدا مەھكۇم ،پىقىرلىققا چۈشۈپ قالدى . 
بۇنداق تۇمان قاپلىغان زۇلمەتلىك يىللاردا ئاتۇش دىيارىدا يىڭى بىر نۇر كۆتۈرۈلدى . 
ئۇيغۇر يىڭى زامان مائارىپىنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى 1885يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا <<ھۈسەينىيە>>مەكتىپى قۇرۇلدى ،ھەرقانداق بىر مەدىنىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ،ۋە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ئەلۋەتتە كۈچلۈك ئىقتىساتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .ئىقتىسادى تەرەققىيات ،مەدىنىيەت تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى تارقىتىش يولىدا خىزمەت قىلىدۇ .بۇ قىتىمقى تارىى بۇرۇلۇشقا ئاساس سالغۇچى مۇسابايۇف جەمەتى ،شىنجاڭ ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر باي ،.ۇلار ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتلىرىدىن ئىلھام ئىلىپ ئاتۇشتا بۇ تۇنجى ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدىكى مەشئەلنى ياندۇرىدۇ ،بۇ مەشئەلنىڭ تورىشى بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ دىيارى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇيدۇ ،ئۇيقدىن ئويغىنىپ يورۇقلۇققا تەلپۈنىدۇ . 

<<ھۈسەينىيە >>مەكتىپى زامانىۋى مائارىپنىڭ نەمۇنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تەنتەربىيەسى ئۈچۈنمۇ غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ تۈركىيەدىن تەكىلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە ،بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىۋە شىمالىغا .ىلىم-مەرىپەت تارقىتىدۇ .بۇقىتىمقى بۇرۇلۇش ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ،كېيىنكى جىڭ شۇرىن ھاكىميىتىگە قارشى قوزغالغان دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ قالىدۇ ،بۇ قىتىمقى مەدىنىيەت بۇرۇلۇش ئۇيغۇر تارىخىدا يەنە بىر ئابىدە ىاراكتىرلىك نەمۇنە. 

شىڭ شىسەي ھاكىميەت بىشىغا چىققان ئون بىر يىل ئېچىدە ،دېھقانلار قوزغىلىڭىنى رەھبەرلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋانگارتلىرى ،ھەتتا ئازغىنە بىلىمى بار كىشىلەردىن تارتىپ ھەممىگە ئۆزىنىڭ قانلىق چاڭگىلىنى ئۇزاتتى ،بىھىساب تەڭداشسىز ،ئالىملىرىمىز شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى .بۇقىتىمقى قىرغىنچىلىق ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ئۈچۈن يوقىتىش بولۇپ قالدى بۇ تارىخ بىزگە تولدۇرۋالغۇسىز پۇشايمانلارنى ئېلىپ كەلدى . 

شىڭ شىسەي شىنجاڭ ھاكىميىتىنى قولغا ئېلىش ھەم مۇستەھكەملەش .ئۈچۈن ھاكىنميەت بىشىغا چىققاندىن كېيىن ماجۇڭيىڭ جاڭپىييۈن …..قاتارلىق توپىلاڭچىلارنى بىسىقتۇرۇش مەقسىتىدە سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورىدى ،سوۋىتنى ھەربى،سىياسى ،ئىقتىسادى ياردىمىگە تاياندى ،شۇ سەۋەبلىك شىنجاڭغا روس مەدىنىيىتى ،ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرنىڭ سىياسى ئىڭى سىڭىپ كىردى شىڭ شىسەينىڭ سوۋىتقا ئوقۇغۇچى چىقىرىش سىياسىتى نەتىجىسىدە سوۋىت ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قويۇقلاشتى ،سوۋىت ئىتتىپاقىغا بولغان قىزىقىش ،تەلپۈنۈش ھېسىياتى يىڭى بىر قىتىملىق مەدىنيەت بۇرۇلۇشىمىزغا سەۋەب بولدى .بۇقىتىمقى مەدىنىيەت تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە سوۋىتنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇريەتلىرىدىكى .ويغىنىش يىڭىلىقققا تەلپۈنۈش ،ئاقارتىش،تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ ئېددىيەلەر شىنجاڭ رايونىدىمۇ بىخلاندى ،سوتسىيالىستىك ئىددىيەلەرنىڭ تارقىلىشى نەتىجىسىدە ،خەلقىمىز ئارىسىدا ،شىڭو شىسەي ھاكىميىتىگە قارشى ،غەزەپ-نەپرەت پەيدا بولدى ،ئاخىرىبۇ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەسىرىدە ،بىر قىتىملىق گومىنداڭ ھاكىميىتىگە قارشى ئازادلىق ئىنقىلابى پارتىلىدى .بۇقىتىمقى مەدىنىيەت بۇرۇلۇش دۆلىتىمىزنىڭ تىزراق ئازادلىقىغا ئېرىشىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى . 

1960-يىللاردىن تارتىپ دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە پارتىلىغان خاتالۇشەن ،ئوڭچىللىق ،ھەممە ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق ئىلىپ كەلگەن مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى يالغۇز دۆلىتىمىزگىلا ئەمەس ،ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى ،قارىغۇلارچە ئەگىشىش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان زىيالىيلىرىمىز ،ئالىملىرىمىز ،رەھبەرلىرىمىز ،ئىلىم -پەن خادىملىرىمىز ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى .تۈرمىلەرگە تاشلاندى يەنە تارىخمىزنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرى ،بىباھا قىممەت كىتابلىرىمىز كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلاندى مەدىنىيەت تارقىتىش ئورۇنلىرىمىز نادان خەلق قولىدا چىقىۋىتىلدى ،ئازغىنە كەم يىگىرمە يىلغا يىقىن قالايمىقانچىلىقتا ئۇيغۇر خەلقى زور يوقىتىشقا دۇچ كەلدى بۇ قىتىمقى يوقىتىش ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ئۈچۈن زور پۇشايمان ئېلىپ كەلدى . 

يىڭى دەۋردىكى مەدىنىيەت تەرەققىياتى ۋە خىرىس مەدىنىيەتلەر . 

دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات ئىشىكىنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ،جۇڭخۇا مەدىنىيەت جەۋھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ئۈچۈن زور تەرەققىيات پۇرسىتى كەلدى ،نۇرغۇنلىغان مەدىنىيەت مىراسلىرىمىز قىزىلىپ قوغدالدى ،ئۇيغۇر تارىخى مەدىنىيىتىگە دائىر نۇرغۇنلىغان كىتابلار نەشىر قىلىندى .بولۇپمۇ مەدىنىيەت -سەنئەت ئىشلىرىمىز قۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپىتىدە <<ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى >>ب د ت تەرىپىدىن ئاغزاكى غەيرى ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى .مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مىللى تىبابەت ،ئەدىبىيات -سەنئەت ،تەنتەربىيە ،كىنوچىلىق قاتارلىق ساھالەردە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى يىڭى بىر باھار شامالىنى كۈتىۋالدى . 

شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ھەر خىل مەدىنىيەتلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ شۇ مەدىنىيەتلەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ ئۆز مەدىنىيىتىنى بىيىتتى ،مىڭ يىللارچە مەدىنىيەت تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ئىسلام مەدىنىيىتى بىلەن زىچ يۇغۇرلىنىپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۈردى . 
بىر ئەسىرلىك مەدىنىيەت تەرەققىياتىمىز نەتىجىسىدە ،دۇنيا مەدىنىيەتلىرىبىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئۇچراشتى روس مەدىنىيىتى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تا 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە شىنجاڭ رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن تاشقى مەدىنىيەت بولۇپ قالدى .سوۋىت ئىتتىپاقنىڭ گۇمران بولۇشى نەتىجىسىدە روس مەدىنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە بولغان تەسىرى ئاساسان تۈگىدى . 

ئىسلاھات ئېشىكنى ئىچىۋىتىش نەتىجىسىدە دىڭىز بويى رايونلىرى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ دۆلىتىمىز ئىقتىسادى كۈندىن -كۈنگە گۈللەندى .ئىقتىسات ھەركەرلەندۈرگۈچ كۈچ نەتىجىسىدە ،جوڭخۇا مەدىنىيىتى جۈملىدىن خەنزۇ مەدىنىيىتى رايونىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى يىڭىلىققا تەلپۈنۈشچان ئۇيغۇر مىللىتى بۇ مەدىنىيەتكە بولغان ئوتلۇق قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ،ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى .جۇڭخۇا مەدىنىيىتى شەرقنىڭ ئېسىل مەدىنىيىتىنىڭ ئۆرنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ .بۇ مەدىنىيەت بىزگە ئەڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان تاشقى مەدىنىيەتكە ئايلاندى . 

جۇڭخۇا مەدىنىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا غەرب مەدىنىيىتىمۇ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى .غەربنىڭ تەرەققى قىلغان پەن-تىخنىكىسى ،ئىقتىسادى ،مەدىنىيەت ئۆزگىچىلىكى ئۇيغۇرلار جەمىيىتىگە تىزلا سىڭىپ كېرىشكە باشلىدى شۇنى ئىيتالماي تۇرالمايمىزكى مەدىنىيەت تارقىتىش گىزىت -ژورنال ،كىنو-فىلىم ،ئىنتىرنىت،ھەم بارلىق تارقىتىش ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق ھاكىم مەدىنىيەتلەر مەھكۇم -مەدىنىيەتلەرگە ئۆز تەسىرىنى خالاپ خالىماي تاڭىدۇ .مەدىنىيەت تارقىلىشى كۈچلۈك ئىقتىسادى كۈچنىڭ نەتىجىسىدە ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتلەر ئارىسىغا سىڭىپ كېرىدۇ . 
غەرب مەدىنىيىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق غەربنىڭ تەرەققى قىلغان ئىقتىسادى ،پەن تىخنىكىسىدىن بۆلەك قالغان ئىدىيە ئوي پىكىرلىرى ،شەرق مەدىنىيتى ،ھەم ئىسلام مەدىنىيىتى بىلەن ئانچە باغلىنىشچانلىق ،ماسلىشىشچانلىققا ئىگە ئەمەس ،غەربنىڭ چەكتىن ئاشۇرىۋىتىلگەن ئەركىنلىكى ،ساختا دېمكوراتىيىسى ،تار شەخىسچىلىك كۆز قارىشى ، ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىگە يات بولغان ھەرخىل قائىدە يۇسۇن بايراملىرى ،بۇلار ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى .جەمىيتىمىزگە بەزى بىر سەلبى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . 
غەرب جەمىيتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق ھازىر ،ئەخلاقسىزلىق ،بۇزۇقچىلىق ،ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئاجىزلىشىشى ،ھەرخىل يىڭى كىسەللىكنىڭ بايقىلىشى …قاتارلىق ئىچكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .شۇڭا غەرب مەدىنىيىتى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا غايىۋى كەم كۇتىسىز مەدىنىيەت ئەمەس .ئۇ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە ئىغىر تەسىر كۆرسەتكەن تاشقى مەدىنىيەتتىن بىرى . 

90-يىللاردىن باشلاپ يىڭى ئەسىر كىرگىچە تېلۋۇزۇرنىڭ ئومۇملىشىشى ،شىنجاڭ كىنوچىلىقىغا ھىندىستان كىنولىرى زور دەرجىدە سىڭىپ كىردى ،ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ھىندى مەدىنىيىتىگە بولغان قىزىقىش ھېسىياتى پەيدا بولدى ،ياشلىرىمىزدا ھىندىستان فىلىملىرىنى دوراش ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاش ،ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى شارۇلخانغا چوقۇنۇشتەك قارىغۇلارچە قىزىقىش كەيپىياتى پەيدا بولدى .بۇ كەيپىيات يىڭى ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە خىلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى كېيىنچە ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ قويۇلۇش نىسپىتىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل كەيپىياتلار پەسىيىشكە باشلىدى . 

يىڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان كورىيە تېلۋىزىيە تىياتىرى <<يەنە بىر كۆرسەم >>نىڭ قويۇلۇشى ،تېلۋۇزۇرلاردا قويۇلىۋاتقان تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىغا تويۇنۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان جەميىتىمىزدە ئىجابى تەسىر كۆرسەتتى .<<يەنە بىر كۆرسەم >>نىڭ ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ،ئەدەپ-قائىدىلىرى ،ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئىرىشتى .يامغۇردىن كېيىنكى نوتىلاردەك ،بۇ فىلىمدىن كېيىن قويۇلغان كورىيە فىلىملىرى ياشلىرىمىز قەلبىگە تەسىر كۆرسەتتى .كورىيە فىلىملىرىدىكى ساختا رومانتىكا ،ياسانچۇق قىزلار ،پۇل بايلىققا ئىنتىلىش ،ئەركەكلەرچە يىلىنىش ،بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا بولۇپمۇ قىزلىرىمىزغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت بىلەن ياتلاشتى . 

تۈركىيە مەدىنىيىتىگە ئىھتىياتچان مۇئامىلە .، 

تۈرك مەدىنىيىتى ،ئىسلام مەدىنىيىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەدىنىيىتى بىلەن بىر گەۋدە ،قان -قىرىنداش بولۇپ كەلدى .تارىختىن بۇيان تۈرك مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە ئىزچىل باغلانغان ،بولۇپمۇ 1885-يىلىدىكى يىڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تارقىلىشىدا تۈركىيەنىڭ تۆھپىسى كۆپ . 
يىڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بولۇپمۇ يىقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان ،تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كېرىشى نەتىجىسىدە تۈركىيەگە ،تۈرك مەدىنىيىتىگە بولغان قىزىقىش ،تەلپۈنۈش قايتىدىن ئويغاندى . 
مەردانە،جەسۇر ،قورقماس تۈرك چولپانلار ،ۋۇقۇدىمىزغا سىڭىپ كىردى .ئېسىل ماشىنىلار ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ،ئىگىز بىنالار ،گۈزەل شەھەرلەر ،بىزنى تۈركىيەگە بولغان ئالاھىدە ھۆرمەت چوڭ بىلىش تۇيغۇلىرى پەيدا بولدى شۇڭا خىلى كۆپ ياشلىرىمىزنىڭ ئېدىيىسىدە ،تۈركىيە 20ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت دۇنيادا تەڭداشسىز دەپ ماختاشلار ،ھەربى كۈچىنى ھەددىنى زىيادە كۆپتۈرۋىتىشلەر ،ئاتا تۈركنى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ پەخرى دەپ مەدىھلەشلەر . بۇلارنى ئەلۋەتتە نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولماس . 
راست تۈركىيە ھازىر ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان ،پاراۋان باي دۆلەتكە ئايلاندى بۇنىڭدا ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنىڭ تۆھپىسى چوڭ .ئۇ خارابىيلىكلەر ئارىسىدا قالغان تۈركىيەنى قۇدرەتلىك ،باي،دېمكوراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتا تۆھپىسى چوڭ . 
لېكىن شۇنىمۇ كۆرىشىمىز كىرەككى كامالىزىم ئىددىيىسى -ھاكىميەتنى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش سىياسىتيى نەتىجىسىدە ،ھەم تۈركىيەنىڭ غەرب مەدىنىيىتىنىڭ چىگراسى ئىكەنلىكىدە ،بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئىستىكى ،تۈركىيەنى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا پەخىرلىك دۆلەت قىلمىدى .تۈركىيە مەدىنىيىتى ھازىر غەرب مەدىنىيىتى بىلەن زىچ ئارلىشىپ بىر داشقايناق ئارلاشما مەدىنىيەتكە ئايلىنىپ قالدى .گەپنىڭ قىسقىسى تۈركىيە مەدىنىيىتىگە ئىھتىياتچان مۇئامىلە قىلغان تۈزۈك . 

مەدىنىيەت مەۋجۇتلىقىمىز ھەققىدە ئازراق ئويلار . 

مەدىنىيەت مەۋجۇتلىقى ،بىر مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى .بۇ خىرىس ،رىقابەت ،پۇرسەتكە تولغان يىڭى ئەسىردە مەدىنىيەت مەۋجۇتلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز زۆرۈر .ئۇيغۇر مەدىنىيىتى پارلاق ئەنئەنە ئۇزۇن تارىخ ئاساسىغا ئىگە بولسىمۇ ،لېكىن ھازىر زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە خىرىس مەدىنىيەتلەر تەرىپىدىن ئارلاشما ،داشقايناق مەدىنىيەتكە ئايلاندى دىسەك بولىدۇ ،ئۇيغۇر مىللىتى ھەرقانداق يىڭىلىقنى ئۆزىگە ئاسانلا ئۆزلەشتۈرىدىغان مىللەت ،شۇ سەۋەبلىك تاشقى مەدىنىيەتلەر ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تەرىپىدىن تىزلا ئۆزلەشتۈرۋىلىندى ،ھازىر بولسا قارىغۇلارچە ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئەسلىنى ئېزدەش يەنى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى دېيىشكە بولىدۇ .ياشلىقتا كىشى ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ باقىدۇ ،ئۇيغۇر جەمىيتىمۇ باشقىلاغا قىزىقىپلا قالماي ئۆز مەدىنىيىتى ئۆرپ -ئادەتلىرىگىمۇ قىزىقىش ،قىزىش كەيپىياتى شەكىللەندى دىيىشكە بولىدۇ . 
ئۇنداقتا بۇ خىل قىزىقىزنى قانداق قىلغاندا كۈچەيتىپ مەدىنىيەت مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ؟بۇ ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە . 
مەن يۈزە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي . 
ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى دەۋرگە ماسلىشالايدىغان يىڭىلىق روھى كىرەك . 
مىللى مەدىنىيىتىمىزنىڭ ئەسلى ھازىرمۇ كەڭ يېزا قىشلاقلىرىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ،شۇ ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتلىرىمىزنى شەھەرگە ماسلاشتۇرىشىمىز زۆرۈر بىر مەسىلە . 
قارايدىغان بولساق يېزا -قىشلاقلىرىمىزدا توي-تۆكۈن ،نەزىر-چىراغ ،ئىشلىرىدا بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز ساقلىنىپ قالغان ،بىر-بىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇناسىۋەت ،ئۆرپ-ئادەت ،چوڭ-كىچىكلەردىكى ھۆرمەت ۋە ئىتائەت ……….باشقىلار . 
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمۇ ھازىر غىچە ئوينىلىپ كەلمەكتە ،مەيلى قايسى جەھەتتىن ئىزدەيلى ئۇزىمىنلاردا مەدىنىيىتىمىزنىڭ ئەسلى ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.ئاددىسى ئاشۇ يېزىلاردا ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلىرىمىز شە ھەرلەردە تامامەن دىگۈدەك ئۇنتۇلدى ،شۇ خىل ئويۇنلارنى قانداق شەكىلدە شەھەر باللىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش مۇمكىن . 
تور ئۇيۇنلىرىمىزدىكى ئىتىشىش ئويۇنى (بەنتىيو)ئۆزۋاقتىدا بىز ئوينىغان ئوغرى-ساقچى ئويۇنىنىڭ ئەينى شۇ ،شۇ ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى تور ئويۇنلىرى قىلىپ ئىشلىيەلىسەك ،سىرىتقى شەكلىگە ئازراق مىللى تۈس بىرەلىسەك ،باللىرىمىزغا ئويناۋاتقان سىمالارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ئادەملەر ئېكەنلىكىنى بىلدۈرەلىسەك بۇنىڭدا كەڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى زور . 

خاسلىق گەۋدىلەندۈرۈش 

ھەرقانداق بىر دىن ياكى مىللەتنىڭ باشقىلىرىدىن ئۆزگىچىلىك ۋەيا خاسلىققا ئىگە بولمايدىكەن تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىپ كىتىدۇ .شۇڭا باشقىلاردىن پەرقلىق ياشاش لازىم . 
بىزگە غەربنىڭ يا شەرقنىڭ ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزگە ىاس مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكى بولۇش مۇھىم .مەسىلەن ئەتلەسنى ئىلىپ ئېيىتساق ئۇ قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە كېيىمى ،ھازىر ئەتلەستىن توي كۆينىكى قاتارلىق كىيىم -كىچەكلەر نامايان بولۇشقا باشلىدى بۇ بىر يىڭى باشلىنىش . 
تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش -بۇ خىل غەرب ئادىتى ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر جەمىتىدە ئومۇملىشىپ بولدى بۇ ئادەتنى قانداق قىلغاندا غەربتىن پەرقلىق قىلالايمىز ؟مەسىلەن تورت ئورنىغا بىزنىڭ تائاملىرىمىزنىڭ سەردارى بولغان پولۇ قويۇلسا ،ھەممەيلەن بىرلىكتە ھال-ئەھۋال سوراشساق ،سىرداشساق مۇشۇ بىريىل جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىمىزنى سۆزلەشسەك ،باشلىرىمىزغا دوپپىلىرىمىزنى كىيېشسەك ،يۈزلىرىمىزگە سۇۋالغان تورت ئورنىدا ،قوماچ ،گازىر قاتارلىق يىمەكلىكلەر ئارقىلىق سورۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك .بۇ بىر خىيال تەسەۋۋۇرخالاس . 

2010-يىلى مەلۇم بىر كۈنى ھېيىتگار ئارقا تەرىپىدىن ھىچقانداق بىزەلگەن ماشىنا بولمىغان بىر توينى كۆردۈم يىگىت ئات ئۈستىدە مەغرۇر ئولتۇراتتى .قالغان يىگىتلەر بولسا توي بولغان بالىنى چۆرىدەپ ئاللاللا ساداسى بىلەن شەھەر كوچىسىنى تىترىتىپ مىڭىۋاتاتتى مانا بۇ ئەنئەنىمىزنىڭ قىزىلىشى ئۇيغۇرچە توي كۆچۈرۈش ئادىتى . 

ئەجدادلىرىمىز ،ئىنتايىن ئۇلۇغ ئەقىللىق خەلق ئۇلار ياراتقان مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ كۆپىنچىسى ،بەزى ياشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىكىدەك خۇراپات ،ۋە يا باشقا ئەمەس ئۇلار نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە ئەمىليەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەر . 
ھەلا بۈكۈنلەردە ئۆزىمىزنىڭ ئادەتلىرىنى خۇراپات ،كونىلىق دەپ تاشلىساق بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنى غەربنىڭ <<ئىلغار >>ئىدىيىلىرى ھازىر ھەرخىل بولۇپمۇ م پ ئۈچ شەكلىدە تارقىلىۋاتقان بەزى ئۇچۇرلارغا ياشلىرىمىز ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ توغرىسىنى تاللىغىنى تۈزۈك .سۆزلىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي . 

ئاتۇش بىلەن ئۇيغۇر مەدىنىيىتى نىمە ئۈچۈن بىرلىكتە يىزىلدى. 
مەن مۇنداق شەرھلەيمەن بارلىق ئۇيغۇر يۇرتلىرى مەدىنىيىتىمىزنىڭ بۆشۈكى بولسا ئاتۇش شۇ بۆشۈكنىڭ تەۋرەتكۈچىسى . 

ئاددى ھەم يۈزە بۇتېمىنى تورداشلارغا سۇندۇم يۇقىرقى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىلمى مۇنازىرە قىلساق دىگەن ئۈمىدتىمەن . 

مەنبە:ئابدۇرىھىم ھاشىم مەشھەدى يازغان <<ئاتۇش>> ناملىق كىتابتىن پايدىلىندى .

مەنبە: ئەجداد تارىخ تورى

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro