ئىككىنچى ئەۋلات قىزارتىلغان قوي قوۋرىغىسى

ۋاقتى: 2012-09-02 / ئاپتور: / سەھىپە: تاماق ئىتىش / كۆرۈلۈشى:740 قېتىم ئوقۇلدى /

تېتتقۇلار: تۇز، تېتىتقۇ، شىكەر، جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ، ئېچىتىلغان پۇرچاق قىيامى، پەمىدۇر قىيامى ، مۇچ قىيامى، سەككىز بۇرجەك، 
كاۋاۋىچىن ، ئاقمۇچ تالقىنى، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل چانالمىللىرى ، ھۆل كىراخمال، سۇ يېغى ، سۈزۈك شورپا.

ئىشلەش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قوۋرىغىنى بىرتالدىن ئايرىپ ئۇزۇنلىقىنى 8 سانتا قىلىپ 8 ياكى 10 پارچە چانىۋېلىپ قالغان قىسمىنى 
ياڭاق چوڭلىغىدا پارچىلاپ تەييارلايمىزدە  بىر قاچىغا سېلىپ  تۇز، تېتتقۇ، جاڭيۇ ، كاۋاۋىچىن تالقىنى، زەنجىۋىل سۈيى بىرىپ تەملەندۈرىمىز،
قازانغا ماي ئېسىپ 4-5 دەرىجە قىزىغاندا قوۋرىغىنى سېلىپ ئالدىرىماي سىڭىشتۇرۇپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىزدە 
قازاندا ئاز ماي قالدۇرۇپ غولپىياز، سامساق، زەجىۋىل چانالمىلىرىنى پەمىدۇر، مۇچ، ئېچىتىلغان پۇرچاق قىياملىرىدىن بىر قوشۇقتىن يەنە 
سەككىز بۇرجەكنى سېلىپ قورۇپ پۇراق چىققاندا قورۇما چۆمىچىدە 3 چۆمۈچ سۈزۈك شورپا قۇيۇپ ، تۇز ، كاۋاۋىچىن ، ئاقمۇچ تالقىنى جاڭيۇ بىرىپ اينىغاندا قوۋرىغىنى سېلىپ پەس ئوتتا دۈملەپ قويىمىز ، 
قوۋرىغا دۈملەنگىچە  مايلىق يىسىۋەلەكنى پاكىز يۇيۇپ تازلاپ قايناقسۇدىن ئۆتكىزىۋالىمىز 5 تال گىلاسنى ئوتتۇردىن  يېرىپ 10 پارچە قىلىپ تەييارلىۋالىمىز.

قوۋرىغا دۈملىنىپ پىشتى دەپ پەرەز قىلغاندا ، گۆشنى ئايرىم بىر قاچىغا ئىلغاپ ، شورپىسىنى بىر قاچىغا تۆكۈپ  قايتىدىن ئىنچىكە سۈزگۈش چويلىغا تۇتۇپ قازانغاتۆكىمىزدە قوۋرىغىلارنى سېلىپ ئوتنى كۆتۈرۈپ قاينىتىپ . تېتتقۇ، شىكەر ، ئاچچىقسۇ بىرىپ تەمىنى تەڭشەپ كىراخمال بىرىپ قويۇلدۇرۇپ  پارقىراق ماي بىرىپ پارقىرىتىپ .  تۈزىرەك تەخسىگە  ئۇزۇن چانىۋالغان قوۋرىغىدىن بىرتال قوۋرىغا بىرتال مايلىق يىسىۋەلەك قىلىپ ئايلاندۇرۇپ تىزىپ  قالغان قوۋرىغىنى ئوتتۇرسىغا ئاۋايلاپ ئۇسۇپ ، ھەر بىر يىسىۋەلەكنىڭ بېشىغا بىر پارچە گىلاس قويۇپ بىزەيمىز.

مەنبە: ئاشپەز تورى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro