تاۋىدا پىشۇرۇلغان كۈدە تۇخۇم تۈگىرىسى  

ۋاقتى: 2012-09-02 / ئاپتور: / سەھىپە: تاماق ئىتىش / كۆرۈلۈشى:845 قېتىم ئوقۇلدى /

 

خام ماتىرىيال: كۈدە، تۇخۇم، پىتىر خېمىر
تەم خۇرۇچلار: تۇز،توخۇ تەم جەۋھىرى، تىتىتقۇ،ئاز مىقداردا شىكەر، كاۋاۋىچىن تالقىنى،ئاقمۇچ تالقىنى،كۈنجۇت مىيى.
ئەسكەرتىش : ئائىلىدە تەييارلاشتا تەمىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئاساستا ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر چىنە ئۇنغا ئازراق تۇزسىلىپ خىمىر يۇغۇرۋالىمىز. كۈدىنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز، تۇخۇمنى چىقىپ ئاز مىقداردا تۇزسىلىپ قوچۇپ ياغدا قاتۇرۇپ ئىلىۋىلىپ كۈدىگە ئوخشاش ئۇششاق چاناپ تەم خۇرۇچلارنى سىلىپ كۈدە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىۋالىمىز.

خېمىرنى رەسىمدىكىدەك چوڭلىقتا كىسىۋىلىپ ئالقىنىمىزدا بىسىپ نوغۇچ بىلەن نىپىز ئىچىپ جىلتا تەييارلاپ رەسىمدىكىدەك قىلىپ  تۈگىۋالىمىز.

تاۋىغا ئازراق ماي قۇيۇپ تۈگىۋالغانلىرىمىزنى تەكشى تىزىۋالىمىز .
ئەسكەرتىش :ئوت كۈچى ناھايىتى بوش بولىشى كىرەك. ئاندىن چىنىگە سۇ ئىلىپ ئاچچىقسۇدىن بىر تىمىم ، ئازراق ئۇن سىلىپ سۇيۇق ھالەتتە شىرە تەييارلىۋالىمىز.تۈگۈرنىڭ ئاستى يۈزى پىشىپ قىزغۇچ ھالەتكە كەلگەندە تەييارلىۋالغان شىرىنى قازانغا قۇيىمىز تۇۋاق بولسا تىخى ياخشى ، يپىپ قويساق بۇسى قاچماي تىز پىىشىدۇ (5 مىنۇت ئەتراپىدا)، ئەگەر تۇۋاق بولمىسا 10 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزساق بولىدۇ، قۇيغان شىرە قايناپ تۈگىگىچە.
بۇ ئەسلى توكلۇق تاۋىدا  يەنى( 电饼铛)دا پۇشۇرساق ناھايىتى قولايلىق بولاتتى ،لىكىن شارائىت ياربەرمىگەچكە ھازىرچە مۇشۇ با قازاندا قىلغاچ تۇردۇم .پايدىلناسىلە.
پىشقان چاغدا تەخسىگە دۇم كومتۇرۇپ رەتلىك تىزىپ  ئالىمىز ، مانا ئەمسە پىشىپ تەييار بولدى  تىتىپ بىقىڭلار

بۇنى يەنە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئاساستا ھەرخىل قىيمىلارنى تەييارلاپ يۇقارقى باسقۇچ بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ. 
مەسىلەن؛ گۆش پىياز، كاۋا،  راك مۇر دىگەندەك ئىشقىلىپ كۆپ…………………………………………..

مەنبە: ئاشپەز تورى

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro