ماتېرىيالى: توخۇدىن بىر دانە، ياڭيۇدىن مۇۋاپىق مىقتاردا، سۇ يېغى، غولپىياز، كۆك-قىزىلمۇچ، سامساق.
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، باقىلە، شاكال بەدىيان، ئارپىبەدىيان، لاچىندانە،قۇۋزاقداچىن، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ، پەمىدۇر قىيامى، ئاق شېكەر، ئۇچلۇق قاقمۇچ .
قۇشۇمچە: پۇرچاق بوتقىسى، قىزىلمۇچ قىيامى.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ياڭاق چوڭلىقىدا ھورناندىن 12 دانە (ئىھتىياجىمىزغا قاراپ) تەييارلايمىز. توخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا پارچىلاپ تەييارلايمىز، ياڭيۇنىمۇ ئوخشاش چوڭلىقتا توغرايمىز، تەم خۇرۇچلارنى بىر قاچىغا مۇۋاپىق تەڭشەپ تەييارلىۋالىمىز، غولپىياز، كۆك-قىزىلمۇچلارنى ئات قۇلاق شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا بىر چۆمۈچ ياغ قۇيۇپ، ئوتتۇر چۆمۈچتىن ئازراق ئاق شېكەر سېلىپ، تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، كۆپۈكچىلەر پەيدا بولغاندا توخۇنى سېلىپ قورۇيمىز. ئاندىن يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ، پەمىدۇر قىيامى سېلىپ (قۇشۇمچە: پۇرچاق بوتقىسى، قىزىلمۇچ قىيامى) قورۇپ، تەييارلانغان تەم خۇرۇچلارنى سېلىپ ئالتە چۆمۈچ ئەتىراپىدا سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا 30 مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىپ، ئاندىن ياڭيۇنى سېلىپ قاينىتىمىز. پىشقاندا تۇز تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئالىمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا ھورناننى سېلىپ سارغايتىپ سۈزۈۋېلىپ تەخسىنىڭ چۆرىسىگە رەتلىك تىزىپ مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
مەنبە: ئاشپەز تورى