كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋرىغىسى
ھورنان تەييارلاش
ئاساسى ماتىريال : ئاق ئۇن
قوشۇمچە : يمەكلىك < خېمىر ئېچتقۇسى > ، يىمەكلىك سۇدا ، ئىلىمان سۇ مۇۋاپىق مىقداردا
ئىشلەش ئۇسۇلى : جاۋۇرغا 2 پىيالە ئۇن ئېلىپ بىر چىتىنى ئېچىپ بولدۇرغۇچ < ئېچىتقۇ > سېلىپ ئىلىمان سۇدا
خېمىر يۇغۇرۇپ يۆگەپ قۇيىمىز، خېمىر يىرتىلىپ بولغاندا ، يۈزىنى تەكشى ئېچىپ ، پىيالىگە مۇۋاپىق سۇدا ئېلىپ
قايناق سۇدا ئىرىتىپ ، خېمىر يۈزىگە سىپىپ مىجىقلاپ ئەيلەپ سۇدانى تەكشى سىڭدۈرۈپ بولغاندا ، ياڭاق چوڭلىغىدا
زۇۋلا ئۈزۈپ نىپىز ئېچىپ قات چىقىرىپ يۆگەپ قاسقانغا تىزىپ 20 مىنۇت ئەتىراپىدا پىشۇرۇپ ، كىچىك قاتلىق ھورنان
تەييار قىلىۋالىمىز،
قورىما تەييارلاش
ئاساسى ماتىريال :پاقلان قوۋرىغىسى 500 گىرام
قوشۇمچە : كۆك قىزىل مۇچ بىر تالدىن ، غولپىياز بىرتال ، سامساق ، زەنجىۋىل چانالمىللىرى، كىسىلگەن قىزىل مۇچ قېقى مۇۋاپىق مىقداردا
تەم خۇرۇچلار : تۇز، تېتتقۇ، ئاقمۇچ ، كاۋاۋىچىن تالقىنى ، ئاچچىقسۇ ، مۇۋاپىق مىقداردا
ئىشلەش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قوۋرىغىنى بىر تالدىن ئايرىپ ، 3-4 سانتا ئۇزۇنلۇقتا چاناپ قازانغا سۇ ئېسىپ تۇز سېلىپ قوۋرۇغا گۆشنى سېلىپ
پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز ، كۆك قىزىل مۇچنى قوۋرۇغا گۆشكە ماس ھالدا توغىرايمىز، غولپىيازنى قىيپاچ قىلىپ ئۇزۇنراق توغرايمىز،
سامساق، زەنجىۋىل چانىلىدۇ ،
قازانغا ئاز ماي قۇيۇپ قىزىغاندا ، كىسىلگەن قىزىل مۇچ قېقى ، سامساق زەنجىۋىل چانالمىسى ، غولپىياز قاتارلىقلار سېلىپ قورۇلۇپ
ئارقىدىن پىشۇرۇلغان قوۋرىغىنى سېلىپ قورىيمىز، ھەم تۇز ، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن تالقىنى بىرىپ ئارلاشتۇرۇپ ، كۆك قىزىل مۇچلارنى سېلىپ قورىيمىزدە
يېرىم چۈمۈچ شورپا قۇيۇپ ، تېتتقۇ، ئاچچىقسۇ بىرىپ تەمىنى تەڭشەپ ،
تەييارلىۋالغان كىچىك قاتلىق ھورنانلارنى تەخسە چۆرىسىگە چىرايلىق تىزىپ ، ئوتتۇرىغا قورىمىنى ئۇسۇپ كەلتۈرىمىز
كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋرىغىسى تەييارلاش
ئالدىنقىسى: كاۋا مانتىسى ئېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
كىيىنكىسى: تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى ئاچ قورساق ئستېمال قىلماڭ
كىيىنكىسى: تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى ئاچ قورساق ئستېمال قىلماڭ