( تور ئېچىلغىلىمۇ خېلى بولدى،خىزمەت بەك ئالدىراش بولغاچ بىلوگمۇ تاشلىنىپ قالدى..خىزمەتكە چىقىپ ئالتە يىلدىن بېرى دىيارىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا باردىم، كوماندىروپكا جەريانىدا كۆرگەن -ھېس قىلغانلىرىمنى، تەسىراتلىرىمنى يېزىپ چىقىش ئارزۇيۇم با ئىدى،لېكىن خىزمەت ۋەزىپىمىز بەك ئېغىر،كۆپ ھاللاردا كۈندە ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلغاچقا،پەقەت بوش ۋاقىت چىقاي دىمىدى. 5-ئايدا خوتەن گۇمىغا قىلغان سەپىرىمنى باشلاپ قويغىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى، يېرىمنى يېزىپ قالغىنى شۇ پېتى تۇرىدۇ.ھازىر يازاي دىسەم بۇرۇن ئويلىغان نەرسىلىرىم ھېچ ئېسىمگە كېلەي دىمىدى. يېقىندا چىققان كوماندروپكا جەريانىدا تارتقان رەسىملەرنى بولسىمۇ يوللىغاچ تۇراي دەپ مارالبېشى-مەكىت-يەكەندە تارتقان رەسىملەرنى يوللاپ قويدۇم،بۇرۇنقىلىرىنى كېيىن خۇدايىم بۇيرىسا كېيىن ئەۋەتەرمەن )
2010يىلى 9-ئايدىن 12-ئايغىچە مارالبېشى-مەكىت-يەكەن تەرەپلەردە يول ئۆلچەش خىزمىتىدە بولدۇم. بۇ بىر سېلىنىدىغان مەبلىغى 10 مىلياردتىن ئاشىدىغان، ئۇزۇنلىقى 235كىلومېتىر كېلىدىغان ، قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يوقىرى بولغان يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىدى. شۇ چاغدا تارتىلغان رەسىملەرنى يوللىدىم.
ئالتۇن كۈز
ئوماق قىزچاق
مەكتەپتىن قايتتۇق
كىچىك ۋاقىتلىرىدا يوقمىتى سىلىنىڭ!
مېغىز يەمسىز!
رەسىم تارتىپ قوياي دىسەم ئۇياتچان بالىلار قېچىپ كەتتى
ئوماق بالىلار
غوجام، گەپ بارما!
ئاچچىمقىمنى كەلتۈرمەڭ ھە،ھېلى باكا…
مېنىڭ ئۇكام
داۋامى بار.
مەنبە: قوشۇق بلوگى