كەچكى شەپەق
ئاستىدىكى ئىككى رەسىم قانداق چىقىپتۇ،ماڭا خېلى يارايدۇ.
مارالبېىشى ئاناركۆلدىكى زەيكەشلىك،پاشىسى يامان، ئادەم ئۆلتۈرىدۇ بۇ يەرنىڭ پاشىسى.رەسىمدە بۇلۇتتەك ئۇچۇپ يۈرگەن پاشىلارمۇ چىقىپ قاپتۇ.
ئەزىم دەريا-زەرەپشان
بۇ رەسىم زەرەپشان دەرياسى كونا كۆۋۈركىدىن تارتىلدى،بارغان چاغدا نەق كۈن ئولتۇرۋاتقان چاغ ئىدى.يۈگۈرگەن پېتى كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ تارتىۋالدىم.تاس قالدىم ئۈلگۈرەلمىگىلى.
مارالبېشىدىكى زەيكەشنىڭ پاشىسى بەك يامان،ئەينى چاغدا دۇنيادىكى تۆت چوڭ پاشا ئاپىتى بار جاي دەپ ئاتالغان قابا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 185-تۈەندىكى پاشىلارنىمۇ كۆرگەن، لېكىن مۇنداق چاقمىغان ئىدى .چاچىدىغان نەرسىنى چاچتۇق،سۈرىدىغان نەرسىنىمۇ سۈرۈپ باقتۇق،ھېچ كار قىلمىدى، چىڭقى چۈشتىمۇ شۇنداق چاقىدۇ كاساپەتلەر.ئاخىرى پاشىدىن ساقلايدىغان تورى بار بۆكتىن بىرنى ئېلىپ سەل ياخشى بولدى..
زەيكەش ئاسمىنىدىكى قۇزغۇنلار
مارالبېشى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا چىقىدىغان رايوننىڭ بىرى. كېۋەزنى كۆپ تېرىيدىكەن،بۇ يىل كېۋەزنىڭ باھاسى يوقىرى بولۇپ، دېھقانلار ئوننەچچە كويدىن ئۆتكۈزگەننىڭ گىپىنى قىلدى.دېھقانلار پاختىسىنى تېرىشكە يېتىشىپ بولالمىغاچقا،سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىكەن. كىلوسىنى بىر كويدىن بىر يېرىم كويغىچە تەرگۈزىدىكەن.
پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ بالىلىرى
،بىچارە بالىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى،يۈزىگە قونىۋالغان پاشىنى كۆردىڭىزمۇ، ساناپ باقسام 13چىقتى.ئاتا-ئانىسى پاختا تېرىش بىلەن ئالدىراش،بالىلارغا قارايدىغان تۈزۈك چولىسى يوق.
چۈشلۈك ئارام—كۈندە ئەتىگەندىن كەچكىچە يول ماڭىدىغان بولغاچقا چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپلا،يەر تاللاپ ئولتۇرماي بىردەم بولسىمۇ كۆزىمىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىمىز.
ئاساسلىق قاتناش قورالى-ئېشەك ھارۋىسى
داۋامى بار.
مەنبە: قوشۇق بلوگى