ئالىم خالىققا ئوچۇق خەت

ۋاقتى: 2012-08-21 / ئاپتور: / سەھىپە: خەۋەر / كۆرۈلۈشى:755 قېتىم ئوقۇلدى /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ تېنىڭىز سالامەت ئوبدان تۇرىۋاتامسىز ياكى كاۋاپچىلىقىڭىزنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كېتىشى بىلەن ئالدىراشچىلىقتا كېچە ئۇيقۇسىز قېلىۋاتامسىز؟ سىز مېنى تونۇمايسىز، چۈنكى بىزدەك ئاددىي پۇخرالارنى سىزدەك كاتتا كىشىلەرنىڭ تونۇپ يۈرۈشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ھەم بىزگە ئۇنداق ئىلتىپاتلارمۇ بولمايدۇ.

نېمە؟ سىز مېنى قانداق تۇنىۋالدىڭىز دەۋاتامسىز؟ ۋاي ئاللا، مۇشۇمۇ سۇئال بولدىمۇ ئالىمكا؟ خاتالاشمىسام سىزنىڭ ھەر قايسى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسى بولۇپ قالغانلىقىڭىزغىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدىغۇ دەيمەن؟ شۇڭا بىزدەك دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاز تولا ساۋادى چىقىپ قالغان، ئانا تىلنى ھېجىلاپ بولسىمۇ ئوقۇيالايدىغان، خەنزۇ تىلىدىن ۋو شى ۋېي زۇ (我是维族) دېيەلەيدىغان بولغانلار ئۈچۈن بۇنداق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسى بولغان ئاتاقلىق كىشىلىرىمىزنى تونۇماسلىق مۇمكىنمۇ؟
ئارىمىزدىن سىزدەك كاتتا بىر كىشىمىزنىڭ چىققىنى بىزدەكلەرنىڭ بەختى دەڭە، چۈنكى سىزنىڭ نام شەرىپىڭىز تۆۋىنى يېزا-قىشلاقلارغىچە، يۇقىرىسى لوندۇن ئولىمپىكقىچە گەرچە ئالىم خالىق دەپ يېزىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ ئالىمۇ خالىكې دەپ بولسىمۇ يېزىلىپ، بۇ دۇنيادا بىزدەك بىر جاندارلارنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دۇنيا خەلقىگە سادا بەردى. سىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نامى سېسسىپ كەتكەن مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىمەن دەپ بەك كۆپ جاپا تارتتىڭىز، ھەم جاپانىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك يۇقىرى تۆۋەننىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ھېچكىم كۆزگە ئىلىپ قالمايدىغان كاۋاپچىدىن دۇنيا خەلقى تونۇغان شىياۋكاۋرېنغا ئايلاندىڭىز. سىزنىڭ بۇنداق داڭلىق شىياۋكاۋرېن بولۇپ چىقىشىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىدىن سىرت يەنە سىزنى قوللاپ بەرگەن مۇشۇ تىلى پۇچۇق، دىلى سۇنۇق، ئاۋازى پۈتۈك خەلقىڭىزنىڭ ئاز تولا ئەجرى بار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا سىزگە توردا بېلەت تاشلاش باشلانغاندا مۇشۇ نامسىز خەلقنىڭ ئەرزىمەس تور بېكەتلىرىدە سىزگە بېلەت تاشلاش چاقىرىقىنىڭ تۇشمۇ تۇشتىن ئېلان قىلىنىشى بىلەن سىزگە بېلەت تاشلاش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز بولدى. چۈنكى بۇ نادانلار شۇنى بىلەتتىكى، ئەگەر سىز ئاشۇ داڭلىق 10 شەخسنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالىسىڭىز، مۇشۇ تىلىنىڭ پۇچۇقلىقىدىن، دىلىنىڭ سۇنۇقلىقىدىن، ئاۋازىنىڭ پۈتۈكلىكىدىن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالماي قالغان نادانلار سىزنىڭ ۋاسىتىڭىز ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىدىن دۇنيا ئالىمىگە سادا بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بارلىقىنى سىزگە بېغىشلاپ، سىزگە بېلەت تاشلاش ئۈچۈن ۋاڭبامۇ ۋاڭبا قاتىراپ يۈرۈپ (چۈنكى بىر ۋاڭبادا سىزگە قايتا-قايتا بېلەت تاشلاش مۇمكىن بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟) سىز ئۈچۈن بېلەت تاشلاشتى. ئاللاھ ئىگەمنىڭ ھىممىتى بىلەن بۇ نادانلارنىڭ تىلىكى ئىجابەت بولۇپ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە يۇقىرى تۆۋەننىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن پەۋقۇلئاددە ئەۋزەللىك بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق شەخس بولۇپ قالدىڭىز. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا دۆلىتىمىزدىكى خېلى خېلى چولپانلارمۇ ھېچ نەرسىگە ئەرزىمىسە كېرەك. شۇڭا سىزنىڭ نامىڭىزنىڭ پەۋقۇلئاددە قىززىق نوقتىغا ئايلىنىشى بىلەن سىزنىڭ نامىڭىزدا ئۆزىنىڭ نامىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىدا ئورۇن ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سىزگە خۇشامەت قىلمىغانلار قالمىغان بولسا كېرەك، چۈنكى سىزنىڭ نامىڭىزنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسا ئۇلار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە بەختلىك ھېس قىلىشىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇلارغا بۇنداق بەختلىك تۇيغۇسى بىرەر چولپان ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەڭە، شۇڭا ئۇلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سىز ئۈچۈن ياخشىچاق بولۇپ كېتىشى، نامدا سىزگە كۆڭۈل بۆلگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دېگەندەك ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىشقا ئورۇنۇش خالاس. تېخى سىز ئۈچۈن كىتابلارنى نەشر قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنلەرمۇ بولدى. سىز ھەققىدە يېزىلغان كىتاب بۇ تىلى پۇچۇق نادانلارنىڭ تىلىغا يات تىلدا يېزىلغان بولغاچقا، بەلكىم خەلقىڭىز سىز ھەققىدە يېزىلغان ئېسىل ئىبارىلەردىن بىخەۋەر قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بۇ نادان خەلق شۇنداق، ئۆزىنىڭ ئاشۇ پۇچۇق تىلىنى ئوڭشاپ ئىشلىتەلمەيۋاتقان يەردە ئاشۇنداق يات، ئىلغار تىلدا يېزىلغان ئېسىل ئىبارىلەردىن بەھرلىنەلەرمۇ؟ ئەمما بۇ نادانلارمۇ قۇربىنىڭ يېتىشىچە سىز ھەققىدە ئاشۇ پۇچۇق تىللىرىدا ئاز تولا پىچىرلاپ مەدبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. شۇڭا سىز ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئېسىل ئىبارىلەر بىلەن توشۇپ يېزىلغان توم-توم كىتابلاردىن بىخەۋەر قالغانلىقىدىن قەتئىي كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.

ھەي ھانناس، سىزگە تولىمۇ مەستلىكىم كېلىدۇ دېسە! نېمىشقا دەمسىز؟ ۋاي، ئاللا نەدىكى تۈك باسماس سۇئاللارنى سورايدىكەنسىز ئالىمكا، داڭلىق شەخس بولغاندىكىن داڭلىقلاردەك گەپ قىلىڭە مانداق. كىمنىڭ سىزدەك داڭلىق شەخس بولغۇسى يوق دەيسىز؟ بولۇپمۇ باشقىلارغا نىسىپ بولمىغان ساقال-بۇرۇتلار سىزگە شۇنداق ياراشقانكى، بەلكىم ھازىر ئۇنى ئالدۇرىۋېتىمەن دېسىڭىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ ھەر قاچان؟ چۈنكى سىز ئاشۇ ساقال-بۇرۇت بىلەن نام چىقارغان ئىدىڭىز ئەمەسمۇ؟ شۇڭىمۇ بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك سىزنىڭ مۇشۇ تىلى پۇچۇق خەلقىڭىز ئۆزىنىڭ ئاشۇ پۇچۇق تىللىرىدا ژۇرناللاردا سىزنىڭ ساقال-بۇرۇتىڭىز ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ بىلجىرلىشىپ باقمىدىمۇ. بۇنىڭدىن خەۋرىڭىز باردۇ؟ نېمە يوق دەمسىز؟ ئاپلا، بۇ بولماپتۇ، گەرچە بۇ خەلقىڭىزنىڭ تىلى ئاۋۇ ئىلغار تىلدەك جاراڭلىق ئاڭلانمىسىمۇ، دېگەندەك راۋان بولماي سەل پۇچۇق بولسىمۇ، سىز ھەققىدە ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە بىلجىرلاپ بېقىپتۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماي، بولسا ئاشۇ پۇچۇق تىللارغىمۇ ئاز تولا دىققىتىڭىزنى سېلىپ قويسىڭىز دەيمەن. ئەمدى سىزدەك ئالدىراش كىشىنىڭغۇ بۇ تىلى پۇچۇق گاچىلارنىڭ ئەرزىمەس نەرسىىسىگە قاراپ يۈرگۈدەك ۋاقتىڭىز چىقمىسا بۇنىڭدىنمۇ ئاغرىنغىلى بولمايدۇ. كىم ئۇلارنى ئاشۇنداق پۇچۇق تىلدا سۆزلىسۇن دەپتىكەن؟ نوچى بولسا تىلىنى پۇچۇق قىلىپ، ئاشۇ ئىلغار تىلىنىڭ كوزۇرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزىنىڭ پۇچۇق تىلىغا قېتىۋېلىپ، سۆزلىمەي، ئۆزىنىڭ تىلىنى راۋۇرۇس ئۆگىنىپ، راۋان، جانلىق قىلىپ، پۈتۈكلۈكتىن ساقلىنىپ قىلسۇن شۇنداقمۇيا ئالىمكا؟ ئۆزىنىڭ شورى، ئۆزىنىڭ ئاق سۈت بەرگەن ئانا تىلىنى ئوڭشاپ قىلالماي، يا ئىلغار تىلنى جايىدا ئىشلىتەلمەي، تىلىنى پۇچۇق قىلىپ، ئاۋازىنى ئاۋامغا ئاڭلىتالماي ئاخىرى دىلىنى سۇنۇق قىلىپ يۈرگەندىكىن.
بولدىلا، ئەجەپ تولا سۆزلەپ كەتتىم ھە ئالىمكا، ۋاقتىڭىز تولىمۇ قىس بولغىيدى ھەر قاچان؟ ئەمدى شۇ سۆزلىمەي دېسەم ئىچىم ئاچچىق، شۇڭا سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى بىلەن سىزگە ئازراق دەرتلىرىمنى تۆكىۋالغۇم كېلىپ قالدى. ئەسلى بۇلارنى سىزگە دەپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىش خىيالىممۇ يوق ئىدى. بۇ خەتنى يېزىشتىكى ئەسلى مەقسەتكە ئۆتمەي تۇرۇپلا تولا سۆزلەپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويغانلىقىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئەمدى قاراڭ ئالىمكا، بۇ خەتنى يېزىشتىكى ئەسلى مەقسەتكە كەلسەم، ئەسلى ئىش مۇنداق:
يېقىندا بىلسەم دىيارىمىزدا ئالىمۇ ئەيشىن شىياۋكاۋ دوكىنىنى ئېچىۋاپسىز، ماۋۇ تىلىمنىڭ پۇچۇقلىقىدىن ھەر قاچان دوكىنىڭىزنىڭ ئىسمىنىمۇ تازا لايىقىدا تەلەپپۇز قىلالمىدىمغۇ دەيمەن، كەچۈرۈڭ ھە، مۇشۇ پۇچۇق تىلىم قاچانمۇ سىزنىڭ دوكىنىڭىزنىڭ ئىسمىغا قوللانغان ئاشۇ ئىلغار تىلغا يېتەر؟ مۇشۇلارنى ئويلىسام ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ قاراڭ. يەنە گېپىم شاخلاپ كېتىپ بارىدۇ دېسە…

ھە، نەگە كەلگەنتىم، توغرا، سىز شۇ دىيارىمىزدا ئالىمۇ ئەيشىن شىياۋكاۋ دۇكىنىڭىزنى ئاچقاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر مۇشۇ پۇچۇق تىلىمىزدىكى مىكرو بلوگلاردا ئورۇن ئالدى، لېكىنزە، شۇ بۇ نادان خەقلەر نەدىكى كىچىك ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ سىزنىڭ ئېسىل دوكىنىڭىزغا ئۆزىنىڭ پۇچۇق تىلىدا ئىسىم قويۇلمىغانلىقىنى ھە دەپ مۇنازىرە قىلىشقىلى تۇرۇپتۇ، قاراڭ ئۇلارنىڭ بۇ ئەخمەقلىقىگە، ئۆزىنىڭ تىلىنىڭ پۇچۇقلىقىغا باقماي، يەنە سىزنىڭ ئاشۇ ئېسىل دۇكىنىڭىزغا ئۆزىنىڭ مۇشۇ پۇچۇق تىلىدا ئىسىم قويغۇزماقچى بوپتۇ، بۇ نېمە دېگەن كۈلكىلىك دەيمەن. بۇ نادانلار ئۆزىنىڭ ئاشۇ ۋاقتىنى سىزنىڭ بۇ ئېسىل دوكىنىڭىزغا قانداق ئىسىم قويۇش ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقا ئىشلەتمەي، ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇپ پۇچۇق تىلىنى ياخشىلىسا بولمامدۇ دەيمەن. بولدى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئۇلار ئاشۇنداق ۋاقتىنى كەلسە-كەلمەس ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىپ يۈرۈيدىغان خەقلەر. مۇشۇ نادانلارنىڭ پۇچۇق تىلىنى سىزنىڭ ئاشۇ ئېسىل دوكىنىڭىزغا ئىسىم قويۇشقا ئىشلەتسە، سىزنىڭ دوكىڭىزغا سەت تۇرمامدۇ؟ گەرچە دىيارىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىدا ھەر قانداق دوكان ۋىۋىسكىلىرىغا دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار تىلى بىلەن مۇشۇ گاچىلارنىڭ پۇچۇق تىلى تەڭ ئىشلىتىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، شۇنداقلا بىر قىسىم خەنزۇ يولداشلارمۇ ئۆزىنىڭ دوكانلىرىغا مۇشۇ پۇچۇق تىلدا ئىسىم قويغان بولسىمۇ، سىزنىڭكىدەك ئېسىل دۇكانغا بۇنداق پۇچۇق تىلنى قانداقمۇ ئىشلەتكىلى بولسۇن؟ گېپىم توغرىدۇ ھە ئالىمكا؟ ئەگەر خاتا بولسا سەل ئەسكەرتىش بېرىپ قويارسىز بولمىسا، مەندەك بىر ھاياجانلىق قېرىندىشىڭىز (قاراڭ ئۆزۈمچە سىزنىڭ قېرىندېشىڭىز دەپ كېتىپتىمەن، مېنى قېرىندىشىم دېيىشنى كۆڭلىڭىز كۆتۈرەرمۇ؟ كەچۈرۈڭ ھە، كۆڭلۈمنى خوش قىلىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز.) نىڭ خاتا گەپ قىلىپ دىلىڭىزنى رەنجىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەگەر خاتا گەپ قىلسام تارتىنمايلا ئېغىزىمغا بىر شاپىلاق سالسىڭىز ھوشۇمنى تېپىۋېلىشىم مۇمكىن.

گېپىمگە كەلسەم قاراڭ ئالىمكا، ماۋۇ گاچا تىللار بارغۇ قاراڭ، تېخى رايونىمىزدا خەنزۇلارمۇ دوكىنىغا بىزنىڭ تىلىمىزدا ئىسىم قويىدۇ، نېمە دەپ ئالىمكام ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇرۇپتۇ قاراڭ، ھەي، نېمىسىنى دەي، ئاشۇ ئۆزىنىڭ پۇچۇق تىلىنى دوكان ئىسىمىدا قوللانغان خەنزۇ يولداشلارنى سىزدەك ناملىق شەخسلەر بىلەن بىر ئورۇنغا قويغىلى بولامدۇ دەيمەن؟ مېنىڭچە ئۇلارمۇ ئەسلى بۇ پۇچۇق تىلدا دوكىنىغا ئىسىم قويۇشنى خالىمىسا كېرەك، ئەمما نېمە ئامال، دىيارىمىز بىر ئاپتونومىيەلىك رايون بولغاچقا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردا ئېنىق قىلىپ بۇ پۇچۇق تىلنى قوللىنىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا، ئۇلار ئامالسىز شۇنداق قىلغان گەپ. ئەمدى ئۇلارنى سىزگە سېلىشتۇرغانلىق سەل چېكىدىن ئاشقانلىقمۇ قانداق؟ بۇ ئەخمەقلەر بۇنداق تۈك باسماس ئىشلارغا ۋاقىتىنى سەرپ قىلغۇچە نوچى بولسا ماۋۇ پۇچۇق تىلىنى پۈتۈن قىلىپ، ئۇنى راۋانلاشتۇرۇپ، ياخشى قىلسۇن، شۇنداقمۇ يا ئالىمكا؟ ئۇ ۋاقىتتا سىزمۇ بۇ پۇچۇق تىل سەۋەبىدىن دوكاننىڭ كوزۇرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەي ئۇنى دوكىنىڭىزنىڭ ئىسمىدا قوللىنىسىز شۇنداقمۇ يا؟
بولدى، ئالىمكا، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ بەك كۆپ كاپىلداپ كەتتىم، ئاخىرىدا دەيدىغىنى، ھەرگىزمۇ بۇ پۇچۇق تىللىقلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماي، سودىڭىزنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ پۇچۇق تىللىقلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن، ئۇلارنىڭ ئاشۇ پۇچۇق تىلىدا بىر ئەقلىيە سۆزى بارغۇ «ئىتلار قاۋاپ قېلىۋېرىدۇ، كارۋان يولىغا راۋان بولىۋېرىدۇ.» مۇشۇنداققۇ دەيمەن بۇ ئەقلىيە سۆزى، بۇ خەقنىڭ تىلىنى پۇچۇقلىقىدىن، ماۋۇ ئەقلىيە سۆزىنىمۇ ياخشى ئەستە تۇتالماپتىمەن. نېمە ئامال ئۇلار داۋاملىق پۇچۇق تىلىنىڭ ئىملاسىنى تولا ئۆزگەرتىپ، ھەمىشە ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆز-ئارا بىر بىرىنىڭ تىلىنى چۈشىنىشمەيدىغان قىلىۋالىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا مەندىمۇ ئامال يوق.
بولىدۇ، ئالىمكا، دېسەم گېپىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالماسلىق ئۈچۈن، بۇ ئەرزىمەس خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي، ئاخىرىدا تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، نامسىز قېرىندىشىڭىزدىن.

2012-يىلى 10-ئاۋغۇست (ئۈرۈمچى)

مەنبە: ئىلقۇت بلوگى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro