يېڭى يوقىرى سۈرئەتلىك يول كونا مارالبېىشى-يەكەن يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 5-15كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندا بولۇپ،ماشىنىلىق كىرىپ چىقماقمۇ تەس.ماشىنا-پات-پاتلا پېتىپ قالىدۇياكى بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ .قۇملۇققا كىرگەندە دەسلەپتە چوڭ تىراكتۇردا كىردۇق،تىراكتۇر قۇمدا مېڭىشقا ئاجىزلىق قىلدى، تاس قالدۇق قايتالماي قۇملۇقتا قونغىلى. كېيىن نېفىتنىڭ قۇملۇق ماشىنىسى بىلەن كىردۇق،قۇملۇق ماشىنىسى تانكا ئەمەسكەن ئۇمۇ پېتىپ قالىدىكەن.
ماشىنا بىزنى تاپالماي كەچ كىرىپ كەتتى.ياتاققا قايتقاندا 11 بوپتۇ.پاشىغا يەم بوپ كەتكىلى تاس قالدۇق
لاۋزوڭلار يول پىلانلىماقتا
قويچى بالا
قويچى بوۋاي
قۇرۇلۇشقا 20مىليون كۇپ مېتىردەك توپا-شېغىل كەتكەچكە،توپا-تاش ئالدىغان يەر ئىزدەپ بارمىغان يەر قالمىدى،سەنساكۇدىنغۇ ئاسانلا ماتىرىيال مەيدانى تاپتىم، يەكەن تەرەپتىن تاپماق تەس كەلدى،تاپقان يەرنىڭ يا تۇزى جىق يا ئايرۇدۇرۇم قۇرىمىز، سانائەت رايونى قۇرىمىز دەپ ئىشلەتكىلى قويمايدۇ، قاغىلىقتىن-يېڭىسارغىچە ئىزدىدىم.مۇشۇ بانىدا خېلى جىق يەرنى كۆرىۋالدىم،ھى ھى ھى.
سۇ ئامبىرىدىكى قۇشلار
كەلگەندە ھەممە يەر يېشىل ئىدى، كەتكەندە قىش كىرىپ قالدى.زەرەپشاننىڭمۇ سۈيى توختاپ كەتتى
چوڭقۇرچاقتىكى يەر تەۋرەش خاتىرە مۇنارى
داۋامى بار
مەنبە: قوشۇق بلوگى