بىر يىگىت سوقراتتىن سورىدى :
_ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى نېمە ؟
سوقرات بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن ، يىگىتكە :
_ ئەتە سەھەردە دەريا بويىغا بېرىپ مېنى ئىزدىسىڭىز ، شۇ چاغدا جاۋابىنى ئېيتىپ
بېرىمەن ،- دېدى.
ئەتىسى يىگىت سوقراتنىڭ دېگىنىچە دەريا بويىغا يېتىپ كەلدى ، سوقرات
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش توغرىسىدا ئارتۇق گەپ قىلماستىن ، بەلكى يىگىتنى
تارتىپ دەريا ئىچىگە ماڭدى ، سۇيۈزى ئۇلارنىڭ تىزى ۋە بېلىدىن ئېشىپ ،
كۆكرەك قىسمىغا يەتتى ، تاكى ئۇلار مۈرىسىمۇ سۇغا چىلاشقۇچە ماڭدى . ئاخىرى
سوقرات يىگىتنىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ .ئۇنى كۈچەپ سۇغا
چۆكتۈردى ،. يىگىت كۈچىنىڭ بارىچە تىركەشتى ، لېكىن جۇغى كىچىك ۋە ئاجىز
بولغاچقا ،تەڭ كېلەلمىدى. سوقرات يىگىتنى خېلى ۋاقىت سۇغا چۆكتۈرگەندىن كېيىن
، ئاندىن ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى . يىگىت ئۈزىگە كىلىپ ، گاڭگىرىغان
ھالدا سوقراتنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىدى .
- ئابايا سۇغا چىلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا ، سىز نېمىگە ئەڭ تەقەززا بولدىڭىز ؟
_ دەپ سورىدى سوقرات كۈلۈپ تۇرۇپ .- ئەلۋەتتە ھاۋاغا تەقەززا بولىمەندە . -
دېدى يىگىت .
- مانا بۇ دەل مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى ، سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا
خۇددى ئابايا ھاۋاغا تەشنا بولغاندەك تەقەززا بولغان ۋاقتىڭىزدىلا ، ئاندىن
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيسىز ، – دەپ جاۋاپ بەردى
سوقرات .
باشقىلار بىر مەشھۇر ئالىمدىن :<<قانداق ۋاقىتتا مۇۋەپپەقىيەت
قازىنالايدىغانلىقىمنى بىلەلەيمەن ؟>> دەپ سورىغاندا ، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ
بەرگەن : <<مەن نامراتلىقتىن باغچىنىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقىنى قونالغۇ جاي قىلغان
چېغىمدىلا ، ئۆزۈمنىڭ بۈگۈنكى كۈندە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمنى
بىلگەن . چۈنكى ، مېنىڭچە ، بىر ئادەم تۆھپە يارىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى
ئىرادە قىلغان چاغدا ، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى تاشلىغان بولىدۇ
.>>
يۇقارقىلاردىن بىز مۇنداق ئىككى يەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز ، يەنى مۇۋەپپەقىيەت
قازىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشنا بولۇش ناھايىتى زۆرۈر . بۇ خىل تەشنالىق قانچە
كۈچلۈك بولغانسېرى ، ئۆز كۈچىنى شۇنچە كۆرسىتىپ ، بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ
سىلجىتىدۇ . ئەگەر ياشاش ئۈچۈن چوقۇم ئۇتۇق قازىنىش شەرت بولسا ، ئۇنداقتا بىز
قانداق قىلغاندا ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىق ئۈستىدە باش قاتۇرماي ، بەلكى ئەمەلىيەتتە
تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، بار كۈچىمىز بىلەن مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان
بولاتتۇق . ئالايلۇق ، ئەگەر بىز كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە دۇچ كېلىپ ، ئوغرى – قاراقچى
ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ھايات – ماماتلىق كۈرىشى ئېلىپ بارساق ، پەقەت
ئۇلاردىن غالىپ كەلگەندىلا ئاندىن ھايات قالالايمىز . بۇنداق چاغدا بوكس
ماھىرىدىن مەسلىھەت سوراش ياكى بۇ جەڭنى قانداق قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىش ئەسلا
مۇمكىن ئەمەس ، پەقەت جان تىكىپ ئېلىشىشىلا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان
بىردىنبىر يول . ھالبۇكى ، بۇنداق ئەھۋاللاردا غەلبىنى ھەمىشە مۇشۇ خىل يول
ئارقىلىقلا ئۆز ئىلكىمىزگە ئالالايمىز .