ئەي يىگىت ئاناڭنىڭ بالىسى ئۆزۈڭ،
ئاناڭغا تارتىپتۇ قاش بىلەن كۆزۈڭ.
ئاناڭنىڭ ئاق سۈتى تومۇرلىرىڭدا،
ئاناڭ بار نۇرانە ئالمىدەك يۈزۈڭ.
ئاناڭسىز كۈلمەيدۇ بەخىت يۇلتۇزۇڭ ،
ئاناڭسىز زۇلمەتلىك كىچە كۈندۈزۈڭ.
ئويلاپ باق! كىم سىنى يۈدۈپ چوڭ قىلدى؟
كىم ساڭا بىر ئۆمۈر بەردى؟ مىھرىنى .
كىم سىنىڭ بەختىڭنى قۇتلۇق ئوڭ قىلدى؟
كىم ساڭا قۇربانلىق قىلدى ؟ زىھنىنى.
دەل ئاناڭ پۈتۈنلەي ئۇنۇتما !!!ئۆزۈڭ ،
ئاناڭغا ئالايساڭ كور بولۇر كۆزۈڭ .
ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن قىلما ئاڭا دوق،
ئەقلىڭنى تاپقاندا ئاناڭ بۇندا يوق .
پۇشايمان ئىلىكىدە تۆكسەڭمۇ ياشلار،
جان ئانا دەپ يۈتسەڭمۇ قانچە ھەسىرەت – چوغ.
تاپالماي قالىسەن قەبرىگە قاراپ،
تىكلىگىن ئاناڭنى مەڭگۈ ئۈلگە تۇغ.
ئەسلىدە شۇ ئاناڭ قامەتلىك ئىدى ،
ياش چېغىدا كۆزلەردىن ئالار ئىدى ئوت.
شىجائەت- غەيرەتلىك ، ئامەتلىك ئىدى.
يار ئىدى قەدەمدە ئاڭا چەكسىز قۇت،
سەن ئۇنى رەنجىتىپ سىلكىمە توۋلاپ،
ئەيىبلەپ كۈن بويى ھوۋقۇشتەك ھۇۋلاپ.
شۇ ئاناڭ چۆللەرنى بوستان ئەيلىگەن،
بوستاندا بۇلبۇللار خەندان ئەيلىگەن .
شۇ ئاناڭ ياراتقان جەننەتنى كۆپلەپ،
شائىرلار يالقۇنلۇق داستان ئەيلىگەن.
سەن شۇڭا بىر ئۆمۈر قىلمىساڭ ھۆرمەت،
ياغدۇرار ئەل ساڭا ھەر قاچان نەپىرەت.
بىل ئاناڭ يىغلىسا يىغلايدۇ جاھان ،
ئاناڭنىڭ كۆز يېشى بولار سەل- قىيان.
ئاناڭنى قاقشاتساڭ ۋىجداننىڭ سوتى،
سوتلايدۇ ئاقىۋەت، بولىسەن ۋەيران.
ئاناڭغا مۇلايىم بولسۇن!! گەپ-سۆزۈڭ،
قاقشاتساڭ مۇقەرەر كور بولۇر كۆزۈڭ.