دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلار_ ئېكسون موبىل

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: كارخانىلار / كۆرۈلۈشى:720 قېتىم ئوقۇلدى /

سىتاندارت نېفىت شېركىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى بولغان نىيۇ-يورك سىتاندارت نېفىت شېركىتى نامىنى موبىل (Mobil) غا ئۆزگەرتكەن. 1999-يىلى موبىل نېفىت شېركىتى بىلەن ئېكسون نېفىت شېركىتى ( سىتاندارت شېركىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى بولغان يېڭى جېرسى نېفىت شېركىتى بولۇپ، ئىلگىرى ئاخىر ئېسسو(Esso)، ئېكسون(Exxon) دەپ  ئاتالغان) بىرلىشىپ ئېكسون موبىل دەپ ئاتىلىپ ،  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شېركىتى بولۇپ قالدى.
ئېكسون موبىل شېركىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نېفىت ۋە نېفىت خىمىيە كارخانىسى بولۇپ، 1882-يىلى قۇرۇلغان، قۇرغۇچىسى جون.روكفېللىر. باش شىتابى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى ئەيۋىن شەھىرىدە . ئېكسون موبىل شېركىتى دۇنيادىكى200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، 86مىڭ ئىشچى – خىزمەتچىسى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدىكى 14مىڭى تالانتلىق تېخنىك خادىملار ۋە ئالىملاردۇر. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتتىن خالىي بولغان نېفىت -گاز ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئورۇن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتتىن خالىي بولغان تەبىئىي گاز سېتىش شېركىتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش شېركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 25 دۆلەتتىكى 45 نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ھەركۈنى 6.4 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇنىڭ دۇنيادا 37مىڭ ماي قاچىلاش ئورنى ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق سانائەت ۋە توپ تارقىتىدىغان خېرىدارلىرى بار. ھەر يىلى 150دىن ئارتۇق دۆلەتتە 28 مىليون توننا نېفىت خىمىيە بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ. ئۇدا 85 يىل 3A كىرىدىت دەرىجىسىگە ئېرىشكەن.2006-يىلى «بايلىق» ژورنىلى تىزغان ئەڭ چوڭ شېركەتلەر قاتارىدا ئۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئېكسون موبىلنىڭ كېلىپ چىقىشى
1859-يىلى ئامېرىكىلىق دېرك پېنسىلىيۋانىيە شىتاتىدا بىرىنچى بولۇپ ماي قۇدۇقى قېزىپ چەت ياقا رايون  سېتىۋىر بازىرىنى جانلاندۇرىۋەتتى. ئەقىللىق روكفېللىر بىر گاللون كىرسىن باھاسىنىڭ 2 گاللون خام نېفىت باھاسى بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇنىڭغا تۇتۇش قىلدى . 1865-يىلى ئۆزى بىلەن شېرىك بولغان ئەنگلىيە كىراك نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى سېتىۋالدى ھەمدە كۆپ مىقداردىكى مەبلەغقە ئېرىشىپ، نېفىتچىلىك ساھەسىدە قەددىنى رۇسلىۋالدى.19-ئەسىرنىڭ70-يىللىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا، نېفىتقا بەك ئېھتىياجلىق ئىدى. ئۇ  نېفىت تىرانسىپورتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەرخىل مۇناسىۋەت-ۋاسىتىلەر بىلەن تۆمۈريول تىرانسىپورت خادىملىرىنى ئۆزىگە تارتىپ،تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى ،بەزىدە ھەتتا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنىمۇ قوللاندى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاستا-ئاستا ئامېرىكىنىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىشىنى كونترول قىلىشقا باشلىدى. شۇ چاغلاردا نېفىت بازىرى كېڭىيىپ، رىقابەت كۈچەيگەچكە،نېفىت باھاسى چۈشۈپ ، نېفىت ئايرىش ساھەسى قىيىنچىلىققا يولۇقتى.1867-يىلى روكفېللىر ۋەيران بولغان بىر سودىگەردىن بازارنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ،ھەمكارلىش ئۇسۇلىنىڭ خەتەرنى ئازايتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. 1870-يىلى ئۇ سىتاندارت نېفىت شېركىتىنى (Standard Oil Co.)  قۇردى.1871-يىلغا كەلگەندە يەنە زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخىمۇ يۇرەكلىك بىلەن ،نېفىتچىلىك ساھەسىنى بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بىرلەشتۇرمەكچى بولدى ۋە نېفىت ئايرىش بىلەن نېفىت ترانسىپورتىنى بىرلەشتۇردى. روكفېللىر باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان سىتراتېگىيە ئىقتىدارى بىلەن بازار ئەھۋالىنى پەرەز قىلىش ۋە پىلانلاش ، ئۈزلۈكسز ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق خام نېفىت ئىشلەپچقىرىش، پىششقلاش، توشۇش ۋە سېتىش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرگەن سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈردى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ سودا تورى دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭىيىپ، روكفېللىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلاندى. روكفېللىر ۋە ئۇنىڭ سىتاندارت نېفىت شېركىتى تازا راۋاج تېپىۋاتقاندا، ئامېرىكىدا تەڭسىزلىككە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. روكفېللىر « ئالدامچىلىق ،بېسىم ئىشلىتىش ، ئالاھىدە ھوقۇقىنى ئىشلىتىش» قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەيىپلەندى.1890-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شېرمان مونوپۇلىيەگە قارشى قانۇنى»نى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن  سىتاندارت شېركىتى ئامالسىز پارچىلاندى. بىراق ئەمىليەتتە روكفېللىرنىڭ نېفىت ئىمپىرىيەسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، ئۇنىڭ تارماق شېركەتلىرى يەنىلا ھەمكارلىشىش ئېلىپ باردى، ھەرقايسى شېركەتلەرنىڭ كىرىمىنى يەنىلا روكفېللىر باشقۇردى. 1899-يىلى روكفېللىر سىتاندارتنى قايتىدىن تەشكىللەپ، يېڭى جېرسىدا قايتىدىن تىزىمغا ئالدۇردى. 1908-يىلى زېئودور.روزۋېلىت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى، بۇ چاغداتاللاس(trust) ۋە تاللاسقا قارشى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولدى.روزۋېلىت بازارنى كونتىرول قىلغان،تۆمۈريول بىلەن بىرلىشىۋالغان سىتاندارت شېركىتىنى ئۈزۈل -كېسىل پارچىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1911-يىلى 5-ئايدا،ئامېرىكا ئالىي سوتى ھۆكۈم چىقىرىپ سىتاندارتنى پارچىلاش قارارىنى ئېلان قىلدى. روكفېللىرنىڭ 40 يىل قان-تەر بەدىلىگە قۇرغان نېفىت ئىمپىرىيەسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى. سىتاندارت شېركىتى ئېكسون، موبىل قاتارلىق مۇستەقىل 38 شېركەتكە پارچىلاندى. 1999-يىلى ئېكسون بىلەن موبىل قايتىدىن بىرلىشىپ ئېكسون موبىل دەپ ئاتىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شېركىتىگە ئايلاندى.

مەنبە: قوشۇق بلوگى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro