ۋال_مارت شېركىتىنى ئامېرىكا پارچە سېتىش ساھەسىدىكى ئاجايىپ شەخس سام.ۋالتۇن ئەپەندى 1962-يىلى ئاركانساس شىتاتىدا قۇرغان. 40نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ۋال-مارت شېركىتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شېركەت ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان پارچە سېتىش كارخانىسىغا ئايلاندى. ھازىر ۋال-مارت پۈتكۈل دۇنيادا 6600 دىن ئارتۇق سودا بازىرىنى ئاچتى. ئىشچى- خىزمەتچىلىرى 1مىليون 800مىڭ بولۇپ،بۇلار 14دۆلەتكە تارقالغان. ھەركۈنى ۋال-مارتقا كېلىدىغان خېرىدارلار 175مىليون قېتىمغا يېتىدۇ. ھازىر ۋال-مارت دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 500 كارخانىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
1991-يىلى ۋال-مارتنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى 40مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.1994-يىلى 5-ئايدىكى «بايلىق» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كارخانىلارنى دەرىجىگە تىزغاندا ئەڭ ئالدىدا تۇردى . ۋال-مارتنىڭ سېتىش سوممىسى 67.37مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 11.8مىليارت ئاشتى ۋە بىرىنچى ئورۇندىكى سېرىس (Sears) تىن ئېشىپ چۈشۈپ ، ئامېرىكىدىكى پارچە سېتىش ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى . 1995-يىلى ۋال-مارتنىڭ سېتىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ، پارچە سېتىش ساھەسىدە رېكورت ياراتتى ، سېتىش سوممىسى 93.6مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ،«بايلىق» ژورنىلى ئېلان قىلغان 1995-يىلىدىكى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شېركەتلەر ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇردى. ئەمەلىيەتتە ، ۋال-مارتنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى بارلىق تۈرلۈك ماللار شېركەتلىرىنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى يىغىندىسىغا باراۋەر كېلىدۇ.ۋال -مارت ھېلىھەم كۈچلۈك تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.ھازىرغا قەدەر،ۋال-مارتنىڭ 2133 ۋال-مارت دۇكىنى،469 سام ئەزالىق دۇكىنى (山姆会员商店)
،248ۋال-مارت سېتىۋېلىش مەيدانى بار بولۇپ،بۇلار ئامرىكا،مېكسىكا،كانادا،پورتو-رىكو،بىرازىلىيە،ئارگىنتىنا،جەنۇبىي ئافرىقا،جوڭگو،ھىندىنوزىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.ئۇنىڭ قىسقىغىنە نەچچە ئون يىلدىكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى پارچە سېتىش ساھەسىدىكى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.
2007-يىلى7-ئاينىڭ11-كۈنى ئامرىكا «بايلىق»ژۇرنىلىدائېلان قىلىنغان دۇنياۋى 500كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە،ئامرىكا پارچە سېتىش پادىشاھى ۋال-مارت شېركىتى 351مىليارت139مىليونلۇق يىللىق سېتىش كىرىمى بىلەن ئېكسون موبىل شىركىتىدىن ئېشىپ چۈشۈپ،يەنە بىر قېتىم بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.(2008-يىلىدىكى سېتىش سوممىسى378.799مىليارت ئامرىكا دوللىرى بولۇپ يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.)
2008-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 50 كارخانا
قوشۇق تەرجىمىسى قوشۇق بلوگى
كېلىش مەنبەسى : بەيدۇ