دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_گۇگۇڭ

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: ئاسىيا قىتئەسى / كۆرۈلۈشى:773 قېتىم ئوقۇلدى /

ئورنى: بېيجىڭ شەھرىنىڭ مەركىزىدە
ياساش باشلانغان ۋاقىت: 1406-يىلى
باھا: غايەت زور خان جەمەتى قۇرۇلۇش توپى ۋە ئىنتايىن مول بولغان يادىكارلىقلار مىڭ-چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى پاكىتى.

بېيجىڭ خان ئوردىسى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى زامان خان ئوردىسى توپى. بۇ جۇڭگو قەدىمقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇ مىڭ سۇلالسىنىڭ يۇڭلې يىللىرى (1406-يىلى) سېلىشقا باشلانغان. مىڭ ،چىڭ دىن ئىبارەت ئىككى سۇلالىنىڭ ئوردىسى بولغان، شۇ چاغلاردا زىجىنچىڭ دەپ ئاتالغان. 1925-يىلى گۇگۇڭ دەپ ئاتالغان. 1421-يىلى مىڭ چىڭزۇ پايتەختنى بېيجىڭغا يۆتكەپ ئەكەلگەن. 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاخىرقى پادىشاھ پۇيى گۇگۇڭدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلدى. گۇگۇڭ شۇ چاغقىچە جۇڭگونىڭ ھۆكۈمران سىنىپلىرىنىڭ  سىياسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. بۇ يەردە 24 پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. گۇگۇڭ دۆلىتىمىزدىكى مەدىنىي يادىكارلىقلار ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان مۇزىي. گۇگۇڭ مۇزىيى 1925-يىلى قۇرۇلغان. ساقلانغان يادىكارلىقلار ئاساسەن چىڭ ئوردىسىنىڭ كونا بۇيۇملىرى. ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئەڭ مۇھىم 5 تۈركۈم يادىكارلىق جەنوبى جۇڭگوغا يۆتكەلگەن.ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن،بىر قسىمى گۇگۇڭغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن، بىر قىسمى تەيۋەنگە يۆتكەپ كېتىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ھەرخىل تەدبىر_چارىلەرنى ئىشلىتىپ چېچىلىپ كەتكەن يادىكارلىقلارنى يىغىپ، گۇگۇڭدىكى بۇيۇملارنىڭ سانىنى مىليونغا يەتكۈزدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇچ بۇيۇملار، قاشتېىشى بۇيۇملىرى، ئالتۇن -كۈمۈش بۇيۇملار، ساپال قاچىلار،ياغاچ ئويمىلار، يىپەك كەشتە بۇيۇملىرى، كىتاپ-قامۇسلار، ھۆسىنخەت-رەسىملەر، ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ جۇڭگو تارىخى مەدەنىيىتنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
گۇگۇڭنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 720مىڭ كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ،قۇرۇلۇش كۆلىمى 150مىڭ كۇۋادىرات مېتىر، ھازىر بار بولغان قۇرۇلۇشلار 980 يۈرۈش، ئۆيلەر 8700 ئېغىز. گۇگۇڭنىڭ سىرتى 10مېتىر ئىگىزلىكتىكى سېپىل بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا 50مېتىر كەڭلىكتىكى خەندەك_دەريا بار. مىڭ ، چىڭ زامانلىرىدا ئوردا بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بولۇپ، شىمال-جەنوپنى ئوق قىلىپ، جەنوپ،شىمال يۆلىنىشىدە سېلىنغان. بۇ پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىز دىگەن فىئودال ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسىنى  نامايەن قىلىدۇ.  گۇگۇڭنىڭ سىرتىدا خان شەھىرى، خان شەھىرىنىڭ سىرتىدا بېيجىڭ شەھىرى بولۇپ شەھەر قات-قات ئورالغان ، بۇ  ناھايىتى چىڭ بولغان دەرىجە تۈزۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تارىختىن بۇيان گۇگۇڭ ئوت ئاپىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن قېتىم قايتا ياسالغان، بىراق ئاساسىي قۇرۇلما ئۆزگەرمىگەن. پۈتكۈل ئوردا قۇرۇلۇشى جەنوبى تەرەپتىكى ئالدى ئوردا ۋە شىمالى تەرەپتىكى كەينى  ئوردىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئالدى ئوردا تەيخې،جۇڭخې، باۋخې قاتارلىق قەسىرلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئۈچ قەسىر گۇگۇڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قۇرۇلۇشلار بولۇپ ، خاننىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ئورنى ، شۇنداقلا فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىمۋولى. كەينى ئوردا چىيەنچىڭ قەسىرى، جىياۋتەي قەسىرى، كۇننىڭ قەسىرلىرىنى مەركەز قىلىپ ،ئوڭ- سول ئىككى تەرەپ يەنى شەرق ،غەرپ ئىككى تەرەپتىكى ئالتە قەسىرنى قانات قىلغان. بۇلار پادىشاھ، خانىش، باشقا توقال خانىشلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى. بۇ ئىككى تەرەپتىكى ئوردىلارنىڭ چېگرىسى ناھايىتى روشەن بولۇپ،خالىغانچە ئۆتكىلى بولمايتتى، بۇ كونا جۇڭگونىڭ دەرىجە ئايرىش ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ ھۈنەرۋەن -ئۇستىلىرى بۇ قۇرۇلۇشنى ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلىغان، قات-قات سېپىل-دەرۋازىلار بىلەن قەسىر-ئايۋانلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ناھايىتى ھەۋەتلىك قۇرۇلۇش توپىنى ھاسىل قىلغان. گۇگۇڭ ئوردىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى جۇڭگونىڭ قەدىمقى زامان مەدەنىيىتى  ۋە قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ، ئۆي ئىچى بىلەن ھويلا -ئاراملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ،ماتىرىيالنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىلىشى،بېزەش ئالاھىدىلىكى ، تاللاش تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولىشى ۋە ئىشلىتىلىشى بۇ خان ئوردىسى قۇرۇلىشىدا ناھايىتى يوقىرى سەۋىيىدە ئىپادىلەنگەن.


تىيەنئەنمىن
تىيەنئەنمىن بولسا خان شەھىرىنىڭ ئۇدۇل قوۋۇقى بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 15-يىلى (1417-يىلى) ياسالغان. ئەسلى نام چېڭتىيەنمىن. ئەڭ دەسلىۋىدە ئۈچ قەۋەتلىك سېپىل راۋىقى ئىدى. مىڭ يىڭزۇڭنىڭ زامانىدا كۆيۈپ كەتكەن. شيەنزۇڭنىڭ زامانىدا قۇرۇلۇش ۋازارىتى قايتىدىن ياسىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە كۆيدۈرۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسى شۈنجىنىڭ 8-يىلى(1651-يىلى) قايتىدىن ياسىلىپ ، نامى«تيەنئەنمىن» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئازاتلىقتىن كېيىنمۇ كۆپ قېتىم رىمونت قىلىنىدى. قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلى ئىگىزلىكى 33.7مېتىر . 1970-يىلى 2-ئايدا قايتا رىمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىگىزلىكى 34.7 مېتىر . تيەنئەنمىننىڭ ئالدىدىكى دەريادا 7 كۆۋرۈك بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدە پەقەت پادىشاھلا ئۆتۈشكە بولىدىكەن، ئىككى چەتتىكىسىدە خان جەمەتىدىكىلەر ئۆتۈشكە بولىدىكەن. ئۇنىڭ چېتىدىكىسىدە3-دەرىجىلىكتىن يوقىرى ئەمەلدارلار ئۆتەلەيدىكەن.4-دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئەمەلدارلار ئەڭ چەتتىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىكەن.

جىياۋتەي قەسىرى(ئوردىسى)
چىڭ دەۋرىدە پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى چىيەنچيۇ بايرىمى دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى خانىش جىياۋتەي قەسىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ شاھبانۇ،بانۇ، توقال خانىش،مەلىكە،پۇجۇڭلارنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىدىكەن. چىيەنلوڭنىڭ 13-يىلى (1748-يىلى) چىيەنلوڭ خان خانلىق ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان 25 گۆھەرنى جىياۋتەي قەسىرىگە قويغان.بۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى بارئىكەن. بەزىلىرى خان يارلىقىغا ئىشلىتىلسە ، بەزىلىرى ئەمەلدارلارنى مۇكاپاتلاشقا، بەزىلىرى ھەربى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.

تەيخې قەسىرى(ئوردىسى)
تەيخې قەسىرى ئوردا قوبولخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گۇگۇڭدىكى ئەڭ چوڭ ساراي. مىڭ دەۋرىدە ئۇ فىڭتيەن قەسىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ زامانىسىغا كەلگەندە تەيخې قەسىرى دەپ ئاتالغان. تەيخې قەسىرى ئۈچ قېتىم ئوت ئاپىتىگە ۋە بىر قېتىم ھەربى ئۆزگىرىش تالاپىتىگە ئۇچىرىغان. ھازىرقىسى چىڭ زامانىسىدا سېلىنغان قەسىر بولۇپ كۆلىمى 2377 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ئىگىزلىكى 35.5 مېتىر. جەمئىي 72 تۈۋرۈك پۈتكۈل قۇرۇلۇشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىدىكى تۈۋرۈك ئەڭ چوڭ بولۇپ دىئامېتىرى 1.6 مېتىر ، ئىگىزلىكى 12.7 مېتىر كېلىدۇ. لىم-تۈۋرۇكلەرگە ھەرخىل نەقىش -رەسىملەر ئويۇلغان. قەسىرنىڭ ئوتتۇرا قسىمىدا سۇپا بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خان تەختى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەختنىڭ ئەتراپى ئەجدىھانىڭ شەكلى چىقىرىلغان تۈۋرۈكلەر بىلەن ئورالغان.

چىيەنچىڭ قەسىرى(ئوردىسى)
چىيەنچىڭ قەسىرى ئىچكى قسىم قەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئوتتۇرىسدا خان تەختى، ئىككى تەرىپىدە ئارام ئالىدىغان ئۆيلەر بار.مىڭ سۇلالىسنىڭ 24 خانى ۋە چىڭ سۇلالسىنىڭ شۈنجى،كاڭشى ئىككى خانى  چىيەنچىڭ قەسىرىنى ياتاق قەسىرى قىلغان. كاڭشىنىڭ زامانىدا سىياسىي ئىشلار بىلەن چىيەنچىڭ قەسىرنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بولغان ، پادىشاھ بۇ يەردە كىتاپ ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلغان، ئەرز-مەكتۇپلارنى كۆرگەن، ئەمەلدارلارنى  ۋە چەتئەللىك ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلغان. چىيەنچىڭ قەسىرىنىڭ ئۈسىتدە شۈنجى خان ئۆز قولى بىلەن يازغان «正大光明» دىگەن بېغىشلىما يېزىقلىق. شۇ زامانلاردا خانزادىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەخت تالىشىش ئەۋج ئالغاچقا، يوڭجىڭ خاندىن تارتىپ تەخت ۋارىسى ئاشكارا  ئېلان قىلىنماي، مەخپى ھالدا ئىككى پارچە خەت قىلىپ پۈتۈلۈپ ، بىر پارچىسىنى خان يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن، بىر پارچىسى  «正大光明» دىگەن بېغىشلىمىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان. خان ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ئىككى پارچە خەت سېلىشتۇرۇلۇپ ئاندىن تەخت ۋارىسى بەلگىلەنگەن. چىيەنلۇڭ، جياچىڭ،داۋگۇاڭ، شىيەنفىڭ خانلار مۇشۇنداق ۋارىس قىلىپ بېكىتىلگەن. كېينىكى چاغلاردا شىيەنفىڭ خاننىڭ بىرلا ئوغلى ،تۈڭجى،گۇاڭشۈي خانلارنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا بۇ ئەسلىدىكى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.

كۈننىڭ قەسىرى (ئوردىسى)
كۈننىڭ قەسىرى خانىشلارنىڭ ياتاق قەسىرى بولۇپ ، بۇ يەردە بەزىدە دىنى مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەن. چىڭ زامانىدا كۈننىڭ قەسىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر پادىشاھ توي كېچىسى ئۆتكۈزدىغان ئورۇن بولغان.

يۇيخۇايۈەن
يۈيخۇايۈەن گۇگۇڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، كۈننىڭ ئوردىسىنىڭ كەينىدە.مىڭ سۇلالسى يۇڭلېنىڭ 18-يىلى (1420-يىلى) ياسالغان. كېيىنكى زامانلاردا كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئورۇن خانىش-بانۇلارنىڭ سەيلەقىلىدىغان باغىچىسى بولۇپ، كېيىنچە نەزىر-چىراق قىلىدىغان ، كىتاپ ساقلايدىغان، كىتاپ ئوقۇيدىغان ئورۇنمۇ بولغان. يۈيخۇايۈەننىڭ كۆلىمى 11مىڭ كۇۋادىرات مېتىردىن كۆپرەك بولۇپ جەنۇپتىن شىمالغا 80 مېتىر،شەرقتىن غەرپكە 140 مېتىر كېلىدۇ. باغىچە ئىچىگە  قارىغاي، ئارچا،بامبۇك قاتارلىق يىل بويى يېشىل تۇرىدىغان دەل-دەرەخلەر تىكىلىپ، باغچىنىڭ ئىچى يىل-بويى ياپ-يېشىل تۇرىدىغان مەنزىرە شەكىللەندۈرۈلگەن.

تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق.    قوشۇق بلوگى
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro