دۇنيادىكى داڭلىق ئالاھىدە ھەركەت قىسمىلىرى

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: ئۇچۇر,رەسىم / كۆرۈلۈشى:778 قېتىم ئوقۇلدى /

1.ئامىرىكا دېلتا زەربىدار قىسمى ( 美国三角洲突击队 )
ئامىرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكى بېكۋىس 1962-1963-يىللىرى ئەنگىلىيە پاراشوتچىلار ئالاھىدە خىزمەت قىسمىدا تۇرغان. ئۇ ئامىرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىللىنىشى، ئىقتىدارى پاراشوتچىلار ئالاھىدە خىزمەت قىسمىغا ئوخشاش بىر گۇرۇپپا تەشكىللەش خىيالى بار ئىدى. ئۇ ئۇزۇن يىللار قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 1997-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 1-ئالاھىدە قىسىمنىڭ تەركىبى بولغان دېلتا ( Delta ) رەسمى ئېتىراپ قىلىندى.
دېلتا قىسمىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئامىرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش.

2.ئامىرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدار قىسمى ( 美国海豹突击队 )
ئامىرىكا دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىز يىلپىزى زەربىدار قىسمى دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق،ئەڭ ھەيران قالارلىق ئالاھىدە ھەركەت قىسىملىرىنىڭ بىرى. دېڭىز يىلپىزى زەربىدار قسىمىنىڭ قەيەرلەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقى، قەيەردە مەشىق قىلىدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى ھازىرغىچە ناھايىتى ئاز كىشلەر بىلىدۇ. بۇ سىرلىق كۇچ دۆلەت ئۇلارغا مۇھتاج بولغان چاغدا پەيدا بولىدۇ.
سىرتقا ئاشكارلىنىشىچە ،پۇتكۇل ئامىرىكىدا ئاران 200دەك دېڭىز يىلپىزى زەربىدار قسىمى جەڭچىسى بار ئىكەن. ئۇلار ئەلەمدىمۇ، قەلەمدىمۇ كامالەتكە يەتكەن،زېھنى ۋە كۇچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان جەڭچىلەر.ئۇلار ئاساسلىق كېچىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ. كۆرۇشكە قويۇلدىغان تەلىپى كۆرەشچى ئايرۇپىلان ئۇچقۇچىلىرىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ قسىمغا كىرگەندىن كېيىن ئەزالار دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق، تەلىپى ئەڭ قاتتىق مەشقنى باشتىن كەچۇرىشى كېرەك. ئادەتتە مەشق قىلغاندىمۇ راست قورال -ياراق بىلەن ئېتىشىدۇ. مۇشۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى جاپالىق مەشق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چىدامچانلىقىنى ۋە كوللىكتىپ ھەركەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا 70%ئادەم شاللىنىپ كېتىدۇ.شۇڭا دېڭىز يىلپىزى زەربىدار قسىمىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئامىرىكا ھەربىيلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان -شەرىپى.

3.گىرمانىيە چېگرا قسىم 9-تېرورچىلارغا قارشى چوڭ ئەتىرىتى ( 德国边防军第9反恐怖大队)
چىگرا قىسم 9-تېرورچىلارغا قارشى چوڭ ئەترىتى دۇنيادىكى باشقا ئالاھىدە ھەركەت قىسىملىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلار ئالاھىدە ساقچى قىسمى. تەشكىلى جەھەتتە ئىچكى ئىشلار ۋازارىتىگە قارايدۇ،ھەم قۇماندانلىق قىلىدۇ. ھازىر بۇ چوڭ ئەترەت 4 زەربىدار ئەترەت ۋە بىر مۇتەخەسىسلەر تېخنىكا قىسمىدىن تۇزۇلگەن. 200ئادەمدىن تەركىب تاپقان. لېكىن ھازىر 300دەك ئادىمى بار.
ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئالاھىدە كۇنلەردە مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ۋە تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇش. ئەزالىرى ئاساسەن ئېغىر-بېسىق ئوتتۇرا ياشلىقلار. ھەر 30ئادەم بىر ئۇرۇش گۇرۇپىسى بولىدۇ. پۇتكۇل قسىمىدا 6دىن10غىچە گۇرۇپپا بار.تۇرۇشلۇق ئورنى بونن يېنىدىكى 桑克-奥古丁دىيىلدىغان بىر زامانىۋى بىنادا. بۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلار ئاساسلىق فىدىراتسىيە چىگرا قىسمىدىكى ياكى ساقچى قىسمىلىرىدىكى ۋەزىپە ئۆتىگەن يىلى بىر يىلدىن يوقىرى بولغان پىدائىيلاردۇر.

4.فىرانسىيە GIGN قىسمى
فىرانسىيەدىكى بۇ تېرورچىلىققا قارشى زەربىدار ئەترەت خەلقئارا تېرورلۇق ئەۋج ئالغان زامانلاردا دۇنياغا كەلگەن. 70-يىللاردا مىيونخىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىكى تېرورلۇق قىرغىنچىلىقى غەربى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى چۆچۇتكەنىدى.1973-يىلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمدا فىرانسىيە نىمە قىلىشىنى بىلەلمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن 1974-يىلى مەخسوس تېرورلىققا قارشى ئالاھىدە ھەركەت قسىمى رەسمى قۇرۇلدى. بۇ قسىم بىۋاستە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا قارا كىيىم كەيگەچكە «قارا كىيىملىكلەر » دەپ ئاتالغان. بۇ قىسىم زۇڭتۇڭنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرىدىغان سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان قسىمغا ئايلاندى.قسىمىدا ھازىر 80دەك ئەزا بولۇپ،ئوفىتسىردىن 4ى، 4ئەترەتكە بۆلۇنگەن. بۇ ئەترەتنىڭ دۇنيادىمۇ خېلى نامى بولۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئورۇنلىغان ۋەزىپىسى600دىن ئاشقان. 450ئادەمنى قۇتۇلدۇرغان، 550 تېرورچىنى قولغا ئالغان.

5.ئىسرائىلىيە ياۋا بالا ئالاھىدە قسىمى (以色列野小子特种部队 )
قۇملۇقتىكى «ياۋا بالا» 1957-يىلى قۇرۇلغان. ئاساسلىق ۋەزىپىسى تاكتىكىلىق چارلاش، ئاخبىرات توپلاش ۋە ئادەم قۇتقۇزۇش قاتارلىقلار. ئادەتتە ئەنگىلىيە ئالاھىدە ھەركەت قسىمى ئالاھىدە ھاۋا خىزمەت پوللىكىsasنىڭ مەشىق ئۇسۇلىدا مەشىق ئېلىپ بارىدۇ. ئاساسىي ئىشلىرى مەخپى بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شاللىنىپ كېتىش نىسبىتى يوقىرى.

6.چىڭدۇ ھەربى رايونى ئالاھىدە ھەركەت قىسمى.
چىڭدۇ ھەربى رايونى ئالاھىدە ھەركەت قىسمى ئارمىيەمىز ئىچىدىكى قۇرۇلغان ۋاقتى ئۇزۇن، ئەسلىھەلىرى ئەڭ ياخشى. چېڭدۇ ھەربى رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى ئالاھىدە بولغاچقا ،مەركىزى ھەربى ئىشلار كومىتىتى ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلمەكتە.ئەڭ ئىلغار ئۇسكۇنە-ئەسلىھەلەرنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا تارقىتىدۇ.

7.ئىتالىيە ئالاھىدە ھەركەت قسىمى
بۇ ئەترەت 1978-يىلى ئىتالىيە زوڭلىسى مورو «قىزىل بىرىگادا» دەپ ئاتىلىدىغان تېرورچىلار تەرپىدىن قەستكە ئۇچىرىغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار كابىنتىنىڭ« چارلاش ۋە ئالاھىدە ھەركەت مەركىزى ئىشخانىسى»غا قارايدۇ.

8.شىۋىتسىيە پاراشوتچىلار قسىمى

9.كانادا تېز ئىنكاس قىسمى 加拿大快速反应部队

10.پولشا گۇلدۇرماما ئالاھىدە ھەركەت قسىمى 波兰雷鸣特种部队
قىسقارتىپ يېزىلىشى GROM بولۇپ،1991-يىلى قۇرۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قسىمىدا 270 ئادەم بولۇپ 4 گۇرۇپپىغا بولۇنگەن.

قوشۇق تەرجىمىسى:   قوشۇق بلوگى

كېلىش مەنبەسى:
http://bbs.cn.yahoo.com/message/read_-JUI0JUYzJUM3JUE3JUNBJUMwJUJEJUU3_277.html

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro