GREغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى,تىل ئۆگىنىش / كۆرۈلۈشى:770 قېتىم ئوقۇلدى /

GREغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟
مۇقەددىمە:GREبولساGraduate Record Examination (ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرىش ئىنتىھانىنىڭ قىسقارتمىسى). GREئىنتىھانى ئامىرىكا ئۇنۋىرستلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى تەتقىقاتچىلارنى تاللاش ۋە تەربىيلەشتىكى مۇھىم ئاساسى بۇلۇپلا قالماي،يەنە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ياردەم پۇلى بىرىش-بەرمەسلىكىنى بېكىتىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. GREئىنتىھانى ئۇنۋىرسال ئىنتىھان (General test)  ۋە كەسپى ئىنتىھان  (Subject ) دەپ 2تۈرگە بۈلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ياكى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ ئىككى ئىنتىھاننىڭ بىر تۈرىگە ياكى ئىككىلىسىگە قاتنىشىدۇ.ئۇنۋىرسال ئىنتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق بىلىمى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى پەن-تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى دەڭسەشنى مەقسەت قىلغان بۇلۇپ،ھىچقانداق ئالاھىدە كەسپى بىلىملەرگە چېتىلمايدۇ. كەسپى ئىنتىھان بولسا،ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم بىر پەن ياكى مەلۇم بىر كەسپتىكى ئىگەنلىگەن بىلىمى،ماھارىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەشىنى مەقسەت قىلىدۇ.
GREنىڭ ئۇنۋىرسال ئىنتىھانى 7بۆلەككە بۈلىنىدۇ،ھەر بىر بۆلىكىنىڭ ۋاقتى 30مىنۇت.بۇ سۆزلۈك قىمسى،سانلىق مىقدار قىسمى ۋە ئانالىز قىمسى قاتارلىق 3 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بەزىلەرGREئۇنۋىرسال ئىنتىھانىنى بەك تەس  دىيىشىدۇ،ئەمەلىيەتتە تەس دىيىش توغرا كەلسە سۆزلۈكنى تەس دىسە بۇلىدۇ.ئۇنۋىرسال ئىنتىھاننىڭ سۆزلۈككە بولغان تەلىپى 20000ئەتراپىد،شۇڭا GREنىڭ سۆزلۈكىنى يادلاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۈلىدىغان مەسىلىسى. GREنىڭ سۆزلۈك كىتابىدىن بىرنى ئەكىلىپ قارايدىغان بولساق،سۆزلەرنىڭ پۈتۈنلەي دىگۈدەك ناتۇنۇش ئىكەنلىگىنى بايقايمىز. بىر يۈرۈش GREئىنتىھان سۇئالىغا قارايدىغان بولساق،GREئىنتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن سۆزلۈك مىقتارىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.Verbal(سۆزلۈك)قىسمىدىكى سۇئاللارنى دىمەي تۇرايلى،سانلىق مىقدار ۋە ئانالىز (Quantitative and Analysis)دىكى نۇرغۇن سۇئاللار سۆزلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دائىم سۆزلۈكتىن ئەنسىرەپ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا كۆزى يەتمەيدۇ.GREنىڭ سۆزلۈك قىسمىدىكى ئوقۇپ-چۈشىنىش
(Reading Comprehension)سۇئالىنىڭ مەقسىدى ئىنتىھان بەرگۈچىلەردىن بارلىق سۇئالغا تىز،توغرا جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ئوخشاشلا ئۈنۈملۈك ئىنتىھان بىرىش ئۇسۇلى ۋە ئىنتىھانغا ئەپچىللىك بىلەن تاقابىل تۇرۇش ماھارىتىگە مۇھتاج.
مەملىكىتىمىزدە يولغا قۇيۇلغان  GREكەسپى ئىنتىھانى ماتىماتىكا،فىزىكا،بىئولوگىيە،خىمىيە،بئو-خىمىيە،ھۈجەيرە ۋە ئاتوم فىزىكىسى،كومپىيۇتر،ئېنجىنىرلىق،ئىقتىسادشۇناسلىق،مائارىپشۇناسلىق،گىئولوگىيە،تارىخ،ئەنگىلىيە ئەدەبىياتى،مۇزىكا،سىياسەت،پىسخىكا ۋە جەمىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كەسپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
GREنى ئامىرىكا مائارىپ،ئىنتىھان مۇلازىمەت ئورنى (ETS)تەسىس قىلغان،مەملىكىتىمىزدىكى ئويۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن بولسا جوڭگۇ چەتئەل ئىنتىھانلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئورنى(CIEC)،GREنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 5 يىل.ئىنتىھان بەرگۈچىلەر ئىنتىھاندىن كىيىنكى 5يىل ئىچىدە ETSبىلەن ئالاقىلىشىپ،ئىنتىھان نەتىجىسىنى ئەۋەتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.
سۆزلۈك يادلاش GREئىنتىھانى بەرگۈچىلەرنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغىرتىدىغدان بىر ئىش. GREئىنتىھانىدا چوقۇم ئۇچرايدىغان 5000دىن ئارتۇق سۆزنى 2-3ئاي ئىچىدە پىششىق يادلاش ھەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشۈنۈش ھەقىقەتەنمۇ ناھايتتى تەس.مىنىڭچە سۆزلۈك يادلاش ئۇسۇلى ئىچىدە،سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچە ۋە سۆز يىلتىزىنى يادلاش ئۇسۇلى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ئەڭ مۇھىم.بۇ ئاساس بولمىسا باشقا ھەرقانداق ئەستە تۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسى بىكار.چۈنكى باشقا يادلاش ئۇسۇلىدا پەقەت بىرلا سۆزنى ئەستە تۇتقىلى بۇلىدۇ.مەسىلەن،Charisma(رەھبەرلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى جەلپكارلىقى)نى مۇنداق ئەستە تۇتۇشىقا بۇلىدۇ:
Cha نى China دەپ، risنى rise دەپ، ma نى maoدەپ قارىساق،بۇ سۆز China rises Mao (جوڭگۇدىن چىقتى ماۋزېدۇڭ)بۇلىدۇ،بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شەخسنىڭ جەلپكارلىقى،رەھبەرلىك خارەكتىرىنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ،ماۋزېدۇڭ يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان،شۇڭا بۇ سۆزنى بىر دەمدە ئەستە تۇتىۋالغىلى بۇلىدۇ.لىكىن بۇ ناھايتتى غەلىتە ھەم ئەخمىقانە بىر ئۇسۇل بۇلۇپ، بۇنداق بىر مۇنچە ئاۋارە بۇلۇپ يۈرگەندىن بۇ سۆزنى بىۋاستە يادلىۋالغان ياخشى.
GRE ئمتىھانىدىكى يۈزدە يەتمىش-سەكسەن پېرسەنت سۆزنى سۆز يىلتىزى ياكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق ئەستە تۇتقىلى بۇلىدۇ.چۈنكى سۆز تۇمۇرى،سۆز قۇشۇمچىسى بىر سۆزنى ھەرپلەر بۇيىچە بۆلمەي ،بەلكى بۆلەككە بۈلۈپ، ئەستە تۇتۇشنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرىدۇ.شۇڭا سۆز تۇمۇرى،سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلارنى ئايرىيالمايدىغان ساۋاقداشلار سۆز تۇمۇرى،سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلار بار كىتابتىن سېتىۋېلىپ،سۆز تۇمۇرى،سۆز قۇشۇمچىلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقسا بۇلىدۇ.سۆزلۈك يادلاشتا بۇ ئاساسنى ھازىرلىغاندىن كىيىن،بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ سۆزلۈك يادلىسا بۇلىدۇ. GRE سۆزلۈكىنى يادلاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بىر قېتىمدىلا تۇلۇق،توغرا ئەستە تۇتىۋېلىش بولماستىن،بەلكى تىز ھەم كۆپ يادلاش.يەنى،سىز ناھايتتى تىز يادلىسىڭىز بۇلىدۇ،لىكىن ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.پەقەت ئۇنتۇپ قالغاندىن كىيىن داۋاملىق ئۆگىنىپ،تەكرارلاپ تۇرسىڭىزلا كۇپايە.

سۆزلۈك يادلاشنىڭ ئۇسۇلىنى تەرتىپ بۇيىچە يادلاش، ئارقىدىن باشلاپ يادلاش،خالىغان بەتنى يادلاش،مەشق ئارقىلىق يادلاش ۋە ئالاھىدە سۆزلەرنى يادلاش قاتارلىق بىر قانچە خىلغا بۆلگىلى بىلىدۇ.بۇلار ئادەتتە دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار. ئەلۋەتتە،يەنە بەزى قوشۇمچە ئۇسۇللارمۇ بار،مەسىلەن دىسكا،پىلاستىنكا قاتارلىقلار.لىكىن ئەمەلىيەتتە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ كۆزى ئارقىلىق يادلاش.ئاۋۋال ABCD تەرتىپ بۇيىچە يادلاش كېرەك. GREئىنتىھانىدىكى 80 پىرسەنت سۆزلەرنىڭ تەرجىمە مەنىسىنى بىلىۋالساقلا بۇلىدۇ، قالغان 20 پىرسەنت سۆزنىڭ توغرا بولغان يەشمىسىنى بىلىشىمىز كېرەك، بۇمۇ ئۇلارنىڭ تەرجىمە مەنىسىنى ئەستە تۇتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، تەرجىمە مەنىسى بىلەن ئېنگىلىزچە مەنىسىنى سېلىشتۇرۇپ يادلىغاندىلا سۈرئەتنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
سىز يادلىماقچى بولغان سۆزلەرنى گورۇپپىغا بۆلسىڭىزمۇ بولىدۇ،مەسىلەن، 200خەتنى بىر گورۇپپا قىلىپ،ئالدى بىلەن بىر قېتىم ئوقۇپ چىققاچ ئۇلارنىڭ تەرجىمە مەنىسىنى كۆرىمىز،ئاندىن تەرجىمە مەنىسىنى قەغەز قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن تۇسۇپ تۇرۇپ،ئېنگلىزچە سۆزگە قاراپ تۇرۇپ تەرجىمە مەنىسىنى ئەسلىيەلىسەك،1-قەدەم تاماملانغان بۇلىدۇ.ئەما شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە سىز چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىش بار،يەنى سىز ئېنگىلىزچە سۆزنى تۇسۇپ تۇرۇپ تەرجىمە مەنىسىگە قاراپ ئېنگىلىزچىسىنى ئويلايسىز،ئەگەر ئويلاپ چىقالىسىڭىز سىزنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىز 2-3ھەسسە كۈچىيىدۇ.ئەگەر سىز بۇنى بۈگۈن قىلماي ئەتىگە ئېلىپ قويسىڭىز بۇنداق ئۈنۈمگە يىتەلمەيسىز.ئەگەر سىز كۈندە 200دىن سۆز يادلىسىڭىز،20كۈندىن جىقراق ۋاقىتتا 5000سۆزنى بىر قېتىم يادلاپ بولغان بۇلىسىز.ئەلۋەتتە بۇ 200سۆزنىڭ مەنىسىنى سىز بەك توغرا ئەستە تۇتمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،سىز پەقەت بۇ سۆزنىڭ شەكلى ۋە مەنىسىنى ئەستە تۇتالىسىڭىزلا بۇلىدۇ.
سۆزلۈك يادلاش جەريانىنىڭ باشتىن-ئاخىرىغىچە سىزنىڭ سۆزلۈكنى پەرقلەندۈرۈپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىز ناھايتتى مۇھىم.سۆز تۇمۇرى،سۆز قۇشۇمچىسى بولمىغان سۆزلەرنى سىز ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ ئەستە تۇتىشىڭىز لازىم.(مەسىلەن،سۆزنى پارچىلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش،يىلتىزىنى ئېنىقلاپ تەرتىپىنى تېپىش،سېلىشتۇرۇش،مىسال كەلتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار) بۇ ئۇسۇللارنىڭ پەقەت ئىلمىيلىكى بولمىسىمۇ،ھەتتا بىمەنە كۆرۈنسىمۇ،سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن قوللىنىپ باقسىڭىز بۇلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ سىز يادلاشنى Aدىن باشلىسىڭىز،بىر كۈندە 200دىن سۆزنى يادلاپ Zغا كەلگىچە 20نەچچە كۈن ۋاقىت كىتىدۇ.ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،ھەركۈنى يېڭى سۆزلەرنى يادلاشتى بۇرۇن،چوقۇم ئالدىنقى كۈنى ئۆگەنگەن 200سۆزنى تەكرارلىشىڭىز كېرەك. A دىن Z غا قاراپ يادلىغاندا،ساۋاقداشلار ھەرگىزمۇ نۇرغۇن سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمەن دەپ يەنە قايتا A دىن باشلىماسلىقى كېرەك. ناۋادا سىز A دىن Z غا قاراپ يادلاپ سۆزلەرنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، سىز داۋاملىق ئالدىغا قاراپ يادلىشىڭىز كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا GREسۆزلۈكىگە نىسبەتەن ئومۇمى چۈشەنچە ھاسەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمدى 2-باسقۇچلۇق يادلاش باشلاندى. چۈنكى 1-باسقۇچلۇق يادلاشنىڭ بىر يىتەرسىزلىكى سىز ئالدىدىكى بىر سۆزگە قاراپ كەينىدىكى سۆزنىڭ مەنىسىنى تاپالايدىغان، لىكىن بۇ سۆز ئايرىم بىر قەغەزگە يىزىلىپ قويسا مەنىسىنى بىلمەيدىغان قىلىپ قۇيۇشى مۇمكىن. شۇڭا 2-باسقۇچلۇق يادلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۆزلەرنىڭ رەت-تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىش. رەت-تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يادلاشنىڭ 1-قەدىمى ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك تەتۈر يادلاش.بۇ ئارقىلىق 5000 سۆزنى يەنە بىر رەت يادلاپ چىقسىڭىز،GREسۆزلۈكىنىڭ70-90 پىرسەنتىنى ئەستە تۇتالىغان بولسىڭىز.
يۇقارقى 2 خىل تەرتىپ بۇيىچە يادلاش سىزنىڭ تەخمىنەن 2 ئايدەك ۋاقتىڭىزنى ئېلىشى مۇمكىن.لىكىن بۇ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك خىزمەت بولسا سىز چوقۇم سۆزلەرنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىپ قايتا پىششىقلىشىڭىز لازىم.خەت ئۇرۇش ماشىنىسى ياكى كومپىيۇتردا ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى بىر قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىپ ھەر بىر سۆزنى ئايرىم ئەستە تۇتىشىڭىز كېرەك.چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ يېزىلىشىدىن تارتىپ مەنىسىگىچە ھېچقانداق باغلىنىشچانلىقى يوق.ئادەتتە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق GREسۆزلۈكىنىڭ 90٪نى ئەستە تۇتقىلى بۇلىدۇ. تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ سۆز يادلاش سىز GREئىنتىھان سۇئالىنى ئىشلەشنى باشلىغاندا باشلىنىدۇ،ھەم بۇ باسقۇچلىۇق سۆز يادلاشتا سىز GRE سۆزلۈك مەشقى ئارقىلىق قوشۇمچە يادلىسىڭىز،يەنى مەشق ئارقىلىق ئەستە تۇتسىڭىز بۇلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،مىنىڭ كۆپچىلىكنى ئەسكەرتىدىغىنىم،سىز GRE غا تەييارلىق قىلىشتىن باشلاپ ئىنتىھان ئاخىرلاشقۇچە كۈندە يادلاشنى داۋاملاشتۇرىشىڭىز لازىم.چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تاللىغانلارغا نىسبەتەن ئېنگىلىز تىلى سۆزلۈكى ئالغا ئىلگىرلەش يۇلىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ،شۇنداقلا سىزنىڭ جۈرئىتىڭىزنى ۋە سەۋرچانلىقىڭىزنى سىنايدىغان سىناق.بۇ بىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىمىزدا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان توسالغۇ بولغاندىكىن،بىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىشىمىز،ئۇنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇنى يېڭىشىمىز لازىم.بىز loser(يېڭىلگۈچى)بۇلۇپ قالماي،winner(مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى)بۇلۇش ئۈچۈن بىرلكىتە تىرىشايلى.ئاخىرىدا كۆپچىلىككە سۆزلۈك يادلاشنىڭ تەرتىپىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمەن:
تەرتىپ بۇيىچە يادلاش-ئارقىدىن ئالدىغا (تەتۈر) يادلاش-تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يادلاش-مەشق ئارقىلىق يادلاش
ئوقۇش ئىقتىدارى تاللاپ بوش ئورۇن تولدۇرۇش ۋە ئوقۇپ چۈشىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئوقۇپ چۈشىنىشتە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش بەك مۇھىم.ئوقۇپ چۈشىنىشنى GREنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە GREدىن سىرت ئوقۇپ چۈشىنىش دەپ ئىككىگە بۈلۈشكە بۇلىدۇ. GREدىن سىرت ماقالىلارنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنراقىنى TOEFLنىڭ ماقالىسىدىن باشلىسا بۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن TIMES ،
NEWS WEEKقاتارلىق قىيىنلىقى GRE بىلەن  TOEFLنىڭ ئوتتۇرىدىسدا تۇرىدىغان ماقالىلارنى ئوقۇسا بۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا <<بۈيۈك بېرىتانىيە ئېنسىكلوپىدىيىسى>> نى كۆرسە بۇلىدۇ.يۇقارقى ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپلەرنىڭ كىتابخانىسىدىن تاپقىلى بۇلىدۇ. GREنىڭ ئىچىدىكى ماقالىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بىز يەنە يېڭى شەرق مەكتىپى تۈزگەن   ماقالىلار تاللانمىسىنى ئوقۇپ باقساقمۇ بۇلىدۇ.ئوقۇپ چۈشىنىشنى مەشق قىلغاندا كۆپچىلىك ئەستە تۇتۇشقا تىگىشلىك 2 نۇقتا بار:
بىرىنچىسى،تۇنۇمىغان سۆزلەرنى ئىزدەشكە قەتئى بولمايدۇ.ناتۇنۇش سۆز ئۇچرىسا ئۈتۈپ كىتىش لازىم.چۈنكى ئەگەر سىز خام سۆزلارنى ئىزدەپ يۈرسىڭىز سىزنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزغا تەسىر يىتىدۇ. GREنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىگە كىرىشىشتىن بۇرۇن ،كۆپچىلىك بىر ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۈندە 1-2سائەتتىن ماقالە ئوقۇپ بىرىشى لازىم،ھەم ئوقۇيدىغان ماقالىلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بۇلىشى كېرەك.ئادەتتە ھىكايە ئوۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ،چۈنكى ھىكايىنىڭ جۈملە گىرامماتىكىسى GRE بىلەن ئوخشاشمايدۇ.ئىككىنچىسى،بىر ۋاقىتتا قايتىلاپ ئىككى قېتىم ئوقۇشقا بولمايدۇ،يەنى،بىر جۈملىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە بۇ جۈملىنى قايتىلاپ ئوقۇساق بولمايدۇ.بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ-دە،نەتىجىدە سىز ناچار بولغان ئوقۇپ چۈشىنىش ئادىتى يىتىلدۈرىۋالىسىز.لىكىن بىر نۇقتا بۇنىڭ سىرتىدا. ئوقۇپ چۈشىنىشنىڭ ھەر بىر ئابزاسنىڭ 1-جۈملىسىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇش لازىم،ھەتتا ئىككى قېتىم ئوقۇساقمۇ بۇلىدۇ،چۈنكى ئامىركىلىقلار Topic sentence(تېما جۈملە)نىڭ رولىغا ناھايتتى ئەھمىيەت بىرىدۇ.
2-قەدەمدىكى GRE دىن سىرت ئوقۇپ چۈشىنىش كۆپ مىقتاردىكى ئومۇميۈزلۈك ئوقۇشنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ،شۇڭا GRE نىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش مەشقىنى باشلىغاندىن كىيىن، ھەركۈنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ماتىرىيال ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەكرەش خارەكتىرلىك ئوقۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم.يەنە بىلىم قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتىشنىڭمۇ GRE ماقالىسىنى ئوقۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايتتى مۇھىم رولى بار.مەسىلەن خەنزۇچە <<بئوگىلىيەدىن ئومۇمى چۈشەنچە>>،<<ئەدەبىياتتىن ئومۇمى ساۋات>>قاتارلىق ئوقۇشلۇقلارنى چوقۇم ئوقۇش لازىم.سىزنىڭ بىلىم دائىرىڭىز قانچە كەڭ بولسا GRE ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىشىڭىز شۇنچە ئاسان بۇلىدۇ.
مەن يەنە ساۋاقداشلارنىڭ شارائىت بولسىلا چوقۇم بىر قېتىم GRE نىڭ كەسپى ئىنتىھانىنى بىرىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.ھازىر كۆپچىلىكنىڭ بىرىۋاتقىنى ئۇنۋىرسال ئىنتىھان،كەسپى ئىنتىھان كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنداق تەسمۇ ئەمەس،پەقەت يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆز تىلىمىزدا ياكى خەنزۇچە ماتىرىيال كۆرسەكلا ئادەتتە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.ئەگەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى ئوقۇغۇچى بولسا، A ئوقۇغۇچى پەقەت ئۇنۋىرسال ئىنتىھان بىرىپ2000ئالغان بولسا؛ B ئوقۇغۇچى ئىككىلىسىنى بىرىپ، ئۇنۋىرسال ئىنتىھاندا 1600نومۇر، كەسپى ئىنتىھاندا پەقەت ئوتتۇرا ھالدىن يۇقىرى بولسا،ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان پروففىسور B ئوقۇغۇچىغا بەكرەك قىزىقىدۇ.مەن يەنە كەڭ ئىنتىھان بەرگۈچىلەرگە قىلىدىغان بىر قانچە ئېغىز سۆزۈم بار.بۇ سۆزلەرنىڭ ئىنتىھان بىلەن بەك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ،لىكىن سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز ۋە ئۆگىنىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.1-جۈملە،”مۇنەۋۋەرلىك بىرخىل ئادەت“.بۇنى ئارىستوتىل ئېيتقان.سۆزلۈك يادلاشنى مىسالغا ئالساق،كىشىلەر بىلەن قىلىنغان ئالاقە، مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىسى بىرخىل ئادەت،سىز چوقۇم ئامالنىڭ بارىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىشىڭىز كېرەك.2-جۈملە،ئىش قىلغاندا ئالدى بىلەن مەلۇم بىر جەھەتتە نەتىجە يارىتىش لازىم. مەسىلەن، GREغا تەييارلىق قىلغاندا،ئالدى بىلەن سۆزلۈكتە نەتىجە يارىتىپ،ئاندىن ئوقۇپ چۈشىنىشكە ھوجۇم قىلسىڭىز بولىدۇ،بەزىدە بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشنى تۇتىۋېلىشنىڭ ئۆزى بىر ئازاب.“دۇنيادا نۇرغۇنلىغان 1-قېتىم بار.سىز ئۆزىڭىزنىڭ 1-قېتىم نىمە ئىش قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.بولمىسا سىز بىر ئىشتا نەتىجە قازىنالمىسىڭىز،بارلىق ئىشلاردا تېخىمۇ نەتىجە قازىنالمايسىز.“3-جۈملە،تۇرمۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىڭ.بۇ سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى خۇشال قىلىپ،ئۆگۈنىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئەڭ ئاخىرقى جۈملە،“بۈگۈنكى ئىشنى بۈگۈن قىلىش،ئەتىدىكى ئىشنى ئەتە قىلىش“دىگەن تەمسىلنى ھەممىمىز بىلىمىز،لىكىن مەن ئەتىدىكى ئىشنى ئەڭ ياخشىسى بۈگۈن قىلىش كېرەك،دەپ قارايمەن.بۇنداقتا ئەتىدە تېخىمۇ مۇھىم ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ.مەسىلەن،سىز بۈگۈن 100تال سۆز يادلىماقچى بولۇپ ناھايتتى تىزلا يادلاپ بولدىڭىز،بۇ چاغدا سىز يەنە داۋاملىق 100تال سۆز يادلاپ قويسىڭىز ھېچنىمە بولمايدۇ،ئەتىسى تېخىمۇ مۇھىم ئىشنى قىلالايسىز.
ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم: ئۈمىدسىزلىكتىن چىقىش يۇلى ئىزدىگەندىلا،كىشىلىك ھايات ئاندىن پارلاق نۇر چاچىدۇ.

ئاپتور: بەكتۇر مۇنبىرىدىن نەسمى

مەنبە: بەكتۇر تورى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro