چەتئەلدە ئوقۇشتا كەسىپنى قانداق تاللايمىز؟

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى,مەكتەپ ھاياتى / كۆرۈلۈشى:820 قېتىم ئوقۇلدى /

ئىلاۋە: بۇ يازما ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان ، توربېكىتىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئالىم ئەپەندىمنىڭ  يازمىسى . بۇنىڭدىن كىيىن توربېكىتىمىزدە ئاپتورنىڭ باشقا يازمىلىرى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. چەتئەلدە ئوقۇش ، چەتئەل مەكتەپلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاپ ، مەسلىھەت سوراش  ئويىدا بولۇۋاتقان تورداش دوستلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر قىيىن مەسىلە كەسىپ تاللاشتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا كەسىپ تاللاش ئۈچۈن نېمىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك؟ مېنىڭچە ئالدى بىلەن قايسى كەسىپنى تاللايمەن؟ شۇ كەسىپنىڭ ئەگەر ۋەتەنگە قايتسام ئىستىقبالى قانداق؟ ئەگەر شۇ دۆلەتتە قېلىپ ئىش ئىزدىسەم ئۇنىڭ ئىستىقبالى قانداق؟ شۇ خىلدىكى كەسىپنى ئوقۇغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلەمدۇ يوق؟ شۇ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى يۈزلىنىشى نېمە بولىدۇ؟ دېگەن بىر قاتار سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.


ئالدى بىلەن سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چوقۇم ۋەتەنگە قايتىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز ئۆزىڭىز تاللاپ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ئېھتىياجى قانچىلىك؟ بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭدا خىزمەت تېپىش پۇرسىتى قانچىلىك دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ، ئىزدىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار چەتەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز كەسپىدە مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماسلىق،  ئۆز كەسپىدە ئېھتىياج بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن باشقا كەسىپلەردە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. شۇڭا بۇ ھەقتە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كەسىپنى چوقۇم ۋەتەن ئىچىدىكى ئېھتىياج ۋە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ئاساسىدا تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، نۆۋەتتە ۋەتەندىن چەتەللەردە ئوقۇپ  ۋەتەنگە قايتقان ئوقۇغۇچىلار يىلسېرى كۆپەيمەكتە. شۇ سەۋەبتىن رىقابەتمۇ ماس ھالدا كۈچەيمەكتە. قايسى خىل كەسىپنى ئوقۇپ قايتىپ كەلسەم ئىستىقبالى ياخشى بولىدۇ دېگەن نۇقىتىنى چوقۇم ياخشى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك.


ئەگەر سىزنىڭ چەتەلگە چىققاندىن كېيىن شۇ يەردە قېلىش ئارزۇيىڭىز بولسا ئۇنداقتا چوقۇم كەسىپنى شۇنىڭغا ماس ھالدا تاللىشىڭىز كېرەك. يەنى سىز ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان دۆلەتتە زادى قايسى كەسىپ ئەڭ ئېقىۋاتقان كەسىپلەر ، قايسى كەسىلەرنىڭ خىزمەت تېپىش نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا ۋە شۇنداقلا قايسى خىلدىكى كەسىپلەرگە ئېھتىياج ئەڭ يۇقىرى دېگەنلەرنى نۇقىتىلارنى چۆرىدەپ تۇرۇپ شۇ ئاساستا كەسىپ تاللىسىڭىز مېنىڭچە ئوقۇغان كەسپىڭىزدە ئۆز ئىستىقبالىڭىزنى يارىتالايسىز. قايسى خىلدىكى كەسىپلەرنىڭ شۇ سىز ئوقۇماقچى بولغان دۆلەتتە ئەڭ قارشى ئېلىنۋاتقان كەسىپلەر ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئىنتىرنىتتا شۇ ھەقتىكى ئۇچۇلارنى ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەقتە ياخشى ئۇچۇرلارنى بېرىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتى ، تۇرسۇنجاننىڭ جەك بىلوگى ۋە شۇنداقلا گېرمانىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان قۇربانجاننىڭ تورى قاتارلىق تور بەتلەرگە كىرىپ كۆرسىڭىز ۋە شۇ قېرىنداشلىرىمىزدىن بىۋاسىتە ئىخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.


كەسىپ تاللاش تولىمۇ مۇھىم. يەنى بىر قىسىم ئاتاقلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ خېلى كۆپ ئوقۇغان ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماي كۆپ جاپا تارتىپ قېلىپ ئارماندا قالغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئوقۇغان كەسپىمىزنىڭ ئىقتىساسلىقلار بازىرىدا ئېھتىياجىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تاللىماقچى بولغان كەسپىڭىزنىڭ سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى يۆلىنىشى ، يەنى ئېھتىياجىنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ تاللىشىڭىز تولىمۇ زۆرۈر.


ئىنتېرنېتتا كەسىپ تاللاشقا دائىر ئۇچۇلارنى كۆرۈپ، سىز تاللىماقچى بولغان كەسىپتىكە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئاخىردا مۇۋاپىق قارار چىقىرىش يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق. بۇ يولدا كۆپرەك ئىزدىنىش سىزنىڭ ئاخىرقى تاللىشىڭىزغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن مۇۋاپىق نىشان بېكىتىپ، ئىستىقباللىق كەسىپتە ئوقۇشىڭىزنى ۋە شۇنداقلا ئاخىردا مىللىتىمىز ئۈچۈن ياراملىق بولغان ئىختىساسلىق كەسىپ ئىگىسىگە ئايلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

مەنبە: بەكتۇر تورى

رەسىملەر بىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro