دۇنيا مەدىنيەت مۆجىزىلىرى_ ئېروسالىم قەدىمقى شەھىرى

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: ئاسىيا قىتئەسى / كۆرۈلۈشى:845 قېتىم ئوقۇلدى /

ئورنى: ئوتتۇرا دېڭىز شەرقى قىرغىقىدىكى يۇدىئا تېغىدا
ياسالغان ۋاقتى: مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىر
باھا: ئەڭ داڭلىق قەدىمقى شەھەرلەرنىڭ بىرى، يەھۇدى دىنى، خىرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس جايى.
ئېروسالىم قەدىمى شەھىرى ۋە شەھەر سېپىلى_ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يەنى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى يۇدىئا تېغىغا جايلاشقان. ئېروسالىم دۇنيادىكى ئەڭ مەشھور قەدىمقى شەھەرلەرنىڭ بىرى، دېڭىز يۇزىدىن ئىگىزلىكى 790مېتىر ، كۆلىمى108كۇۋادىرات كىلومېتر. ئۇ يەھۇدى، خرىستىئان، ئىسلام دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس جايى. ئېروسالىمنىڭ قەدىمقى ئاتىلىشى «ئىبوس»، بۇگۇنگىچە 5000يىللىق تارىخقا ئىگە، كېيىنچە ئەرەپلەر بۇ جاينى «قۇددۇس» دەپ ئاتىدى ، مەنسى مۇقەددەس دىگەننى بىلدۇرىدۇ. ئىبرايلار بۇ جاينى ئېروسالىم دەپ ئاتىدى. «ئېرو» دىمەك شەھەرنى، «سالىم» دىگىنى تىنچلىق دىگەننى بىلدۇرىدۇ. يەنى تېنچلىق شەھىرى دىگەن مەنىدە. ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ئېروسالىم نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1049-يىلى قەدىمقى ئىسرائىلىيە پادىشاھى داۋىد(داۋۇت ئەلەيھىسسالام) مۇشۇ جاينى پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى يېڭى بابىلون پادىشاھى نىبوچادنىززار ئېروسالىمغا تاجاۋۇز قىلىپ بويسۇندۇردى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 532-يىلى بۇيەر پىرسىيە پادىشاھى دارىئوس تەرپىدىن ئىگەللىۋېلىندى.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردىن كېيىن بۇ يەرگە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ماكىدۇن، تولىمى،سېلىئوتسىد سۇلالىلىرى ھۆكۇمرانلىق قىلدى.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 63-يىلى رىملىقلار ئېروسالىمنى بېسىۋالدى. مىلادى 636-يىلى ئەرەپلەر رىملىقلارنى مەغلوپ قىلىپ ئېروسالىمغا ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۇمرانلىق قىلدى. مىلادى 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ رىم پاپاسى ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەل ھۆكۇمرانلىرى «مۇقەددەس شەھەرنى قايتۇرۇۋېلىش» مەقسەت قىلىنغان «ئەھلى سەلب» نىڭ يۇرۇشلىرىنى ئېلىپ باردى.1099-يىلى ئېروسالىمنى ئىگەللىۋالدى ۋە ئېروسالىم دۆلىتىنى قۇردى. 1517-يىلىدىن 1-دۇنيا ئۇرشىغىچە بۇ يەر تۇرك ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۇمرانلىقىدا بولدى. بۇ مەزگىللەردە ئېروسالىمنىڭ شەھەر سېپىلى قايتا-قايتا 18 قېتىم ياسالدى.
مۇقەددەس شەھەرنىڭ كېلىپ چىقىشى
ئەيسا (ئەيسا ئەلەيھىسسالام) ئېروسالىمنىڭ جەنوبىدىكى كىچىك بازار بېلىخىمدا تۇغۇلغان. كېيىنچە ئەيسا ئېروسالىم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا دىن تارقاتقان. كېيىن يەھۇدىلار تەرپىدىن كىرسىتقا مىخلاپ ئۆلتۇرۇلگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئەيسا 3كۇندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ،40كۇندىن كېيىن ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن. مىلادى 335-يىلى رىم ئىمپىراتورى كونىستانتىن1 نىڭ ئانىسى خېلىنا ئەيسانىڭ قەبرىسى يېنىغا بىر چېركاۋ سېلىپ، «تىرىلىش چېركاۋى»(پاسخا چىركاۋى دىسەك بولارمۇ-يا) دەپ نام قويغان. شۇندىن كېيىن خرىستىئانلارمۇ ئېروسالىمنى مۇقەددەس جاي دەپ تونىغان. قۇرئاندىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) 52يېشىدا ،ئۇيقۇدىن ئويغۇتۇلۇپ، كۇمۇشرەڭ ئاتقا مىنىپ،ئېروسالىمغا كەلگەن، ئۇ بىر تاشقا دەسسەپ 7قات ئاسمانغا چىقىپ ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسنى ئاڭلىغان. سۇبھى مەزگىلىدە مەككىگە قايتىپ كەلگەن. ئېروسالىم شۇندىن تارتىپ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان. ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئېروسالىم نۇرغۇن بوران چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۇزۇپ،نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇردى. ھازىرقى سېپىل تېمى400يىل ئىلگىرى تۇرك ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى تەرپىدىن ياسالغان.ئىگىزلىكى 12مېتىر،جەمئىي 34قورغان ۋە 8 قوۋۇقتىن تەركىپ تاپقان. ئىنجىلدا خاتىرلەنگەن ئىسىم، ۋەقە، ئورۇنلارنىڭ شەھەر ئىچىدە ھەممىسىنىڭ ئىزلىرى بار.غەربى ئېروسالىمدىكى سىئان تېغىدا پادىشاھ داۋىد نىڭ قەبرىسى بار.كەچلىك غىزا ئۆيى_ ئەيسا ئازاپقا ئۇچىراشتىن ئىلگىرىكى 12مۇرىتى ئەڭ ئاخىرىقى كەچلىك غىزا قىلغان ئورۇن ئىكەن. شەھەرنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغى خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى يەھۇدىلارنى گۇللەندۇرۇش ئۇچۇن كەلگەن يېرى ۋە ئەيسا ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن يېرى ئىكەن. قەدىمقى شەھەرنىڭ شەرقىدە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى 26مىڭ كۇۋادىرات مېتىر جاينى ئىگىلىگەن تۆت بۇرجەك ھويلا ئىچىدىكى ھەيۋەتلىك ئەقسا مەسچىتى ۋە قۇببەتۇسسەخرە( سەخرە گۇمبىزى)، تۆت ئىگىز پەشتاق،كۇتۇپخانا ۋە بىر ئىسلام مۇزىيى بار.
قايغۇ تېمى
قايغۇ تېمى مۇقەددەس تاغ بولسا يەھۇدى مۇرتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان مۇقەددەس جايى. تارىختىكى داڭلىق قوغدىلىدىغان مۇقەددەس ساراينى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 37-يىلى   سالومى1 بۇرۇنقى زاماندا پادىشاھ سۇلايمان تەرىپىدىن ياسالغان بىرىنچى ساراينىڭ خارابىلىرى ئۇستىگە قايتا سالدۇرغان. سالۇمى سارىيى رىم ماتىتۇس ئارمىيىسى تەرپىدىن مىلادى 70-يىلى ۋەيران قىلىنغان. قىلىپ قالغىنى 12مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئۇل تام بولۇپ،بۇ ئادەتتە ئېيتىلدىغان قايغۇ تېمىدۇر. قايغۇ تېمى تۇرۇشلۇق كونا كوچىلار 1967-يىلى چېقىلىپ كەڭ مەيدانغا ئايلاندۇرۇلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەر قايغۇ تېمىنى تاشلىۋەتمەسلىكنى قەسەم قىلغان. سادىق يەھۇدى مۇرتلىرى قايتىدىن بىر ساراي سېلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ. بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۇنكى بۇ يەردە كېينكى دەۋرىلەردا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن سېلىنغان مۇقەددەس جاي بار.ساراي ئۇلى يېنىدا بىر يەھۇدى چېركاۋى،بىر راببىنلار( يەھۇدىلارنىڭ مىسسىئونىرلىرىنىڭ ئاتىلىشىغۇ دەيمەن) ئوقۇتۇش سارىيى بار.
مۇقەددەس جاي
مۇقەددەس جاي _ يەھۇدىلار تەرپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان ئىگىزلىك-مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس يېرىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادى 636-يىلى ئېروسالىم خەلىپە ئۆمەر تەرپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ۋارىسى ئابدۇلمەلىك شۇ خارابىيلىق ئورنىغا سەككىز تەرەپلىك بىر مەسچىت سالدى. بۇ ئەينى زاماندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەسسىگەن ھېلىقى تاشنى يېپىپ تۇراتتى. قۇببەتۇسسەخرە( سەخرە گۇمبىزى)ھازىر كىشلەرگە ئېچىۋېتىلدى. پەقەت جۇمەكۇنى،مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدەكۇنلىرى، بايراملىرى يەنى مەسىلەن مەۋلۇت ئېيى، رامىزان ئيېى قاتارلىق ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقتىلاردا. بىراق بۇ مەسىچىتتە پائالىيەت ئۆتكۇزۇلمەيدۇ. باشقا پائالىيەتلەر يېندىكى ئەقسا مەسچىتدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەسچىتمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سېلىنغان. شۇڭلاشقا ئەقسا مەسچىتىمۇ ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئىسلام مۇرتلىرىنى جەلپ قىلماقتا. ئۇلار ئەتىگەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىن ۋە گازا رايونىدىن كەلگەن پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.


تەرجىمە قىلغۇچى :   قوشۇق.    قوشۇق بلوگى
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro