ئىشداشلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشتىكى سېھىرلىك 4 سۆز

ۋاقتى: 2012-08-28 / ئاپتور: / سەھىپە: پىسخىكا / كۆرۈلۈشى:710 قېتىم ئوقۇلدى /

 

خىزمەت تائىپىسىدىكىلەرگە مەلۇمكى ، ئىشخانا بەئەينى كىچىكلىتىلگەن بىر جەمئىيەت، بۇيەردە ھەرخىل ئادەملەر بار. لېكىن ئورتاقلىق ھامان مەۋجۇت، مەسىلەن ؛ ياخشى سۆزنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، شۇڭا باشقىلارنى مەدھىيىلەش ۋە باشقىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى جايىدا ئىشلىتىشنى بىلىش ئىشخانا جەمئىيىتىدىكى زۆرۈر بولغان  ياشاش تەلىپى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زىددىيەت پەيدا بولغاندا، خاتالىق سادىر بولغاندا ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.يەنە كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك بولسا كەچۈرۈم سوراش، قائىدە سۆزلەشكە توغرا كەلسە قائىدە سۆزلەشمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش.
ئەڭ مۇھىمى ئىشخانىدا باشقىلار بىلەن بىرگە ياشاش سەنئىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، مەن سىزنىڭ سەمىڭىزگە ئىشداشلاربىلەن ئەپ ئۆتۈشتىكى سېھىرلىك 4 سۆزنى تەۋسىيە قىلىمەن ،سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

1. ئىشداشلىرىڭىزنى مەدھىيلەشتىكى ئەڭ تەسىرچان سۆز : «سىز بەك قالتىس !»

2.ئىشداشلىرىڭىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىكى ئەڭ تەسىرچان سۆز: «سىز ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ چوڭ بىر ئىشىمغا ياردەم قىلدىڭىز»

3.ئىشداشلىرىڭىز بىلەن ئاراڭلاردىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ تەسىرچان سۆز : «سىز بىلەن پاراڭلىشىپ باقسام دەيمەن»

4.ئىشداشلار ئارا ئەپۇ سوراشتىكى ئەڭ تەسىرچان سۆز : «مەن سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن ناماقۇل بولدۇم، قۇبۇل قىلىڭ»

خوش، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى سىز بىلىدىغان سۆزلەر، ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئاددىي ئىستىلنى يېتىلدۈرەلمىگەنلىكىمىز تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يۈدۈپ يۈرىمىز.سىناپ بېقىڭ، شۇنى بايقايسىزكى خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس.

 مەنبە: ۋەتەن بلوگى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro