سۈت،قېتىق،پۇرچاق سۈتى
بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغانلىقتىن ، ئۇنى ئاچ قورساق ئىستېمال قىلغاندا ، ئاقسىل خوراپ كېتىپ ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ.
چاي
ئاچ قورساققا چاي ئىچكەندە ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تېخىمۇ سۇيۇلدۇرىۋېتىپ ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ،يەنە يۈرەك ئېغىش ،باش قېيىش ، باش ئاغرىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىچى تىتىلداشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شېكەر
شېكەر ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە سۈمۈرۈلىدىغان يېمەكلىك بولسىمۇ ، ئاچ قورساققا شېكەر ئىستېمال قىلسا ، كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ ، قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
مەنبەسى:ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر گېزىتى