كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ھامىلە تەربىيىسى دېگىنىمىز، ھامىلىنىڭ فزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىياتىنى ساغلام ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ھامىلىدارنىڭ ھامىلىدارلىق، تۇغۇت جەريانلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان روھى جەھەتتىن ، ئوزۇقلىنىش ، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېلىپ بارىدىغان ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
تار مەنىدىكى ھامىلە تەربىيىسى ، ھامىلىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىش ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا، ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھامىلىگە مۇۋاپىق غىدىقلاش ئۇچۇرى بېرىپ ، ھامىلىدە شەرتلىك رېالىكىس قوزغاش ئارقىلىق ، چوڭ مېڭە ، بەدەن ھەرىكەت ئىقتىدارى، سەزگۈ ئەزالار ھەمدە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ پىششىپ يېتىلىشىنى ئىلگىىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
ھامىلە تەربىيىسى دېگىنىمىز، ھامىلىدار بولۇپ 28 ھەپتە بولغاندا ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىتتىكى تەربىيىنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلە تەربىيىسى بولسا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مەنىۋى پائالىيىتى ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پسىخىكا ھالىتى ۋە روھىي كەيپىياتى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئازابلانسا، قايغۇرسا، غەزەپلەنسە، روھىي جەھەتتە بېسىم ھېس قىلسا، بەدەن ئىچىدىكى ئايلىنىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئانىنىڭ تېنى خەۋپكە ئۇچراپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بويىدىن ئاجراش، ئاي – كۈنى توشماي تۇغۇش، ھەتتا ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ