قاتتىق سۇ ئىستېمال قىلىش سۇ تەركىبىدىكى كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى سۇنىڭ قاتتىق – يۇمشاقلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددا تەركىبى يۇقىرى بولغان قاتتىق سۇنى ئىستېمال قىلسا، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.
دائىم بېلىق ئىستېمال قىلىش بېلىق تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، يۈرەكنى قوغداش رولىغا ئىگە. ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30g ~50gبېلىق ئىستېمال قىلسا، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى %50 ئازايتقىلى بولىدۇ.
قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ياڭاق، بادام، ئۆرۈك مېغىزى، خاسىڭ قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەر يۈرەك ئاسراش رولىغا ئىگە. شۋېتسىيىلىك تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 30 مىڭ كىشى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن ئىپادىلىنىشىچە، ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەردە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلمايدىغانلارنىڭكىدىن %53 تۆۋەن بولىدىكەن.
سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېمىز كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ، قۇرساق سېلىپ زىيادە سەمرىپ كەتكەنلەردە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆكرەك ئەتراپىغا توپلانغان ياغلارنىڭ ئايلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ ، ئاسانلا قانغا كىرىپ يۈرەككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئىلمىي ئوزۇقلىنىپ، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، زىيادە سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
چىش ئاسراشنى كۈچەيتىش سوزۇلما خاراكتېرلىك چىش كېسىلى يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ ھېسابلىنىدۇ.
تەتقىقاتلاردا ئىپادىلىنىشىچە، سوزۇلما خاراكتېرلىك چىش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغانلاردا يۈرەك كېسىلى پەيدا بولۇش خەۋپى چىشى ساغلام كىشىلەرنىڭكىدىن %25 يۇقىرى بولىدىكەن.
ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلاش كەيپىياتنىڭ ناچارلىشىشى قاندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، كەيپىياتنى تەڭشەپ ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
مەنبەسى: جەسۇر تورى