كاناداغا كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئامېرىكا قىتئەسى,ئۇچۇر / كۆرۈلۈشى:948 قېتىم ئوقۇلدى /

مىنىڭ كاناداغا كەلگىنىمگە 2 يىلدەك بولۇپ كالدى، بۇ جەرياندا ھاياتنى يىڭىدىن قايتىدىن باشلاش ،ئوقۇش خىزمەت ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى ، كونىلار دىگەندەك خۇشاللىققا داۋاملىق قايغۇ ھەمرا بولىدىكەن، نۇرغۇن تاتلىق ۋە ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى باشتىن كەچۇردۇم ، لېكىن بۇ يەرگە كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم، ئەكسىچە يىڭى ھايات تۇيغۇسى بارغانسىرى مىنى ۋە ئائىلەمنى خۇشاللىققا، بەخىتكە ئىنتىلدۇردى….
مەن كاناداغا ئۆزۈم ئولتۇراقلىشىش ئىلتىماسى سۇنۇپ ھەممەئىشلارنى ئۆزۈم قىلغان ، شىركەتلەرگە يۇقۇرى سوممۇلۇق بىجىرىش ھەققى تاپشۇرمۇدۇم، بارلىق چىقىملارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە كونتىرول قىلدىم .مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈمنىڭ كانادادىكى ئوتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشىش ،كاناداغا كىلىش ،خىزمەت ئىزلەش ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم ،بۇ يولدا مېڭىۋاتقان ياكى بۇ يولغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە ياكى كاناداغا چىقىىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇرمەنلەرگە ئاز تولا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.

كانادا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى باغچىسى

كانادا يەر زىمىن جەھەتتە شىمالى ئامرىكىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت، ئىقتىسادى جەھەتتە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئاھالىسى بولسا ئەڭ ئاخىرىدا …. پۇتۇن كانادا نوپۇسى 34 مىلليۇن بولۇپ شاڭخەي شەھرىنىڭ ئاھالىسىدىن سەل جىقراق . لېكىن شۇنچە ئاز كانادا پۇقراسىنىڭ ياراتقان قىممىتى بۇ دۆلەتنى دۇنيادىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان .بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا كانادا داۋاملىق ئادەمگە مۇھتاج….

كىتەرلىك ماتىرىياللار ۋە جەدىۋەللەرنى تەييارلاش ئۇسۇلى
يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك كىبەك كۆچمىنىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن فىرانسوزچە بىلىش كېرەك ، ئادەتتە ئوتتۇرا دەرىجە سەۋىيىسىدە سۆزلىشەلەيدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، كۆپۈنچە خەنزۇلار 500 سائەت ئەتراپىدا ئۆگەنگەندىن كىيىن بۇ سەۋىيىگە يىتەلەيدۇ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن فرانسوز تىلىنى ئۈگۈنۈش تېخىمۇ ئاسان توختايدۇ. مىنىڭ شەخسەن تەجرىبەم : 100 سائەت ئۈرۈمچى خۇڭسەندىكى يۈەنياڭ ياسى تىل مەركىزىدە فرانسوزچە ئۈگەندىم ،ئاندىن ئۆيدە ئۆزلىكىمدىن ئۈگەندىم(كۈندە دىگىدەك 2 سائەتتىن)، بۇنى قوشقاندا جەمى 1000 سائەت ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن، ئىنتېرۋىۋدا ئەلچىخانا خادىمى بىلەن بىمالال سۆزلىشەلىدىم ، شۇڭا بۇ سەۋىيەگە يەتمەك بەك تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن . ئېنتىرۋىۋدا ئاساسى تەلەپ—– سۇرىغان سۇئاللارنى چۈشۈنۈش ۋە شۇنىڭغا توغرا, قىسقا جاۋاب بېرىش. بەك ئەندىشە قىلىش بىھاجەت.
كۆچمەن ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ، تىل سەۋىيىڭىزگە قاراپ نومۇر قويىدۇ ، نۇمىرىڭىز يەتسە CSQ بېرىدۇ . بىر ئائىلە ئۈچۈن 63 نومۇر ، بويتاقلار ئۈچۈن 55 نومۇر ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ۋە شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە
1. تەربىيەلىنىش ئەھۋالى(ئەڭ يۇقۇرى نومۇر 28 ، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 2 ):
1.1 مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالى :
ئوتتۇرا مەكتەپ 2 نومۇر
كەسپى مەكتەپ 6 نۇمۇر
2 يىللىق ئادەتتىكى تېخنىكوم 4 نومۇر
1،2 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 6 نومۇر
3 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 8 نومۇر
جىددى كەسىپلەر تېخنىكومى 10 نومۇر
ئالى مەكتەپ 1 يىللىقى 4 نومۇر
ئالى مەكتەپ 2 يىللىقى 6 نومۇر
ئالى مەكتەپ 3 يىللىقى 10 نومۇر
باكلاۋېر ئۇنۋانى 12 نومۇر
1.2 كەسىپلەر بويىچە قوشۇمچە تەربىيەلىنىش ئەھۋالى :
A تۈردىكى كەسىپلەر 16 نومۇر ، B تۈردىكى كەسىپلەر 12 نومۇر
C تۈردىكى كەسىپلەر 6 نومۇر ، D تۈردىكى كەسىپلەر 2 نومۇر
2. خىزمەت تارىخى :
6 ئايغا توشمىسا 0 نومۇر ، 6- 23 ئايغىچە 4 نومۇر ،
24- 47 ئايغىچە 6 نومۇر ، 48 ئايدىن يۇقۇرىلار 8 نومۇر ،
3. ياش ( 43 ياشتىن يۇقۇرىلار 0 نومۇر)
18- 35 ياشقىچە 16 نومۇر، 36 ياش 14 نومۇر، 37 ياش 12 نومۇر ،
38 ياش 10 نومۇر ، 39 ياش 8 نومۇر ، 40 ياش 6 نومۇر ،
41 ياش 4 نومۇر ، 42 ياش 2 نومۇر.
4. تىل قابىلىيىتى :
فىرانسوز تىلى (ئېغىزچە ئىپادىلەش ۋە چۈشۈنۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن) 0- 16 نومۇر؛
ئىنگىلىز تىلى (ئېغىزچە ئىپادىلەش ۋە چۈشۈنۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن) 0- 6 نومۇر؛
5. كىبەكتە تۇرغان ئەھۋالى:
كىبەكتە 3 ئايدىن يۇقۇرى خىزمەت قىلغان بولسا 6 نومۇر
كىبەكتە 3ئايدىن يۇقۇرى تۇرغان بولسا: 2 نومۇر
6. كىبەكتە بىۋاستە تۇققانلىرى بولسا: 3 نومۇر
7. كىبەكتە ئاللىقاچان خىزمەت ئۇقۇشقان بولسا :
مونترېرىيال شەھرى : 6 نومۇر، باشقا شەھەرلەر 10 نومۇر،
8. بالىلارغا بېرىلىدىغان نومۇرلار:
12 ياشتىن تۆۋەن ھەر بالىغا 4 نومۇر، 12 -21 ياشقىچە 2 نومۇر؛
9. ئۈچ ئايغىچە ئۆزىنى باققىدەك ئىقتىسادى ئەھۋالى : 1 نومۇر؛
10. مۇھىتقا ماسلىشىش ئەھۋالى: (سۆھبەت جەريانىدا بەلگىلىنىدۇ ) 0- 6 نومۇرغىچە
11. قوشۇمچە كاندىداتقابىرىلىدىغان نومۇر؛
11.1 مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالى :
ئوتتۇرا مەكتەپ 1 نومۇر
كەسپى مەكتەپ 2 نۇمۇر
2 يىللىق ئادەتتىكى تېخنىكوم 1 نومۇر
1،2 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 2 نومۇر
3 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 3نومۇر
ئالى مەكتەپ 1 يىللىقى 1 نومۇر
ئالى مەكتەپ 2 يىللىقى 2 نومۇر
ئالى مەكتەپ 3 يىللىقى 3 نومۇر
باكلاۋېر ئۇنۋانى 3 نومۇر
11.2 كەسىپلەر بويىچە قوشۇمچە تەربىيەلىنىش ئەھۋالى :
A تۈردىكى كەسىپلەر 4 نومۇر ، B تۈردىكى كەسىپلەر 3 نومۇر
C تۈردىكى كەسىپلەر 2 نومۇر ، D تۈردىكى كەسىپلەر 1 نومۇر
12. ياش ( 43 ياشتىن يۇقۇرىلار 0 نومۇر)
18- 35 ياشقىچە 3 نومۇر، 36 – 39ياشقىچە 2 نومۇر، 40 -42 ياشقىچە 1 نومۇر ،
13. تىل قابىلىيىتى :
فىرانسوز تىلى (ئېغىزچە ئىپادىلەش ۋە چۈشۈنۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن) 0- 6 نومۇر؛

كىتەرلىك ماتىرىياللار تۆۋەندىكىچە
بۇنىڭ ئىچىدە 1. جەدىۋەل فىرانسوز تىلىدا توشقۇزىلىدۇ ، قالغانلىرىنى ئىنگىلىز تىلىدا تولدۇرۇشقا ياكى تەييارلاشقا بولىدۇ:
1. CSQ تەلەپ قىلىش جەدىۋىلىDemande de certificat de sélection (ئەڭ ياخشىسى فىرانسوزچە توشقۇزىلىدۇ) چۈشۈرۈش ئادرىسى تۆۋەندىكىچە ، ئالدى بىلەن چۈشۈرۈپ ،بىۋاستە توشقۇزسا بولىدۇ، ئاساسى كاندىدات ۋە 18 ياشتىن يۇقۇرى ئائىلە ئەزالىرى بىر نۇسخىدىن توشقۇزىدۇ. http://www.immigration-quebec.go … t-selection-dyn.pdf
2. كىبەككە كەلگەندىن كىيىن 3ئايغىچە ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش توختامنامىسىContract respecting financial self-sufficiency، ئاساسى كاندىداتلا تولدۇرىدۇ. چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.immigration-quebec.go … ns/en/dcs/D21-A.pdf
3. ئىلتىماس قىلىش ھەققى:
ئاساسى كاندىدات 390 دوللار
يولدىشى ياكى ئايالى 150 دوللار
ھەر بىر بالا 150 دوللار
دىمەك ئەگەر بىر جۈپ ئەر خوتۇن 2 پەرزەنت بىلەن جەمى 390+150+150+150=840 دوللار بولىدۇ. تەييەرلاش ئۇسۇلى : بۇنى پەقەت ئۈرۈمچى دۇڭ فېڭ يولىدىكى جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۇبە باكىسىنىڭ 2- قەۋىتىگە چىقىپ شۇ يەردە بىجىرىشكە بولىدۇ، بىجىرگەندە كىملىكنى ئېلىپ بېرىش كېرەك ، ئەگەر ھەممىسىنى بىر چەك قىلىپ قويۇلسا ئۇنىڭغا ئادەم سانى ۋە سوممىسىنى كىچىك بىر جەدىۋەل تۈزۈپ قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇ ، ئايرىم-ئايرىم بىجىرسىمۇ بولىدۇ . چەك تاپشۇرىۋالغۇچى دىگەن يەرگە le ministre des finances du Québec (كىبەك مالىيە مىنىستىرى )دەپ يېزىلىشى كېرەك .
4. يولدىشى ياكى ئايالى قەسەمنامىسى Declaration by spouse or de facto spouse،چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.immigration-quebec.go … laration-spouse.pdf
بۇ جەدىۋەل ئەر-خوتۇن بىرلىكتە تولدۇرىدۇ.
5. كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئوتۇراقلىشىشنى تەلەپ قىلىش جەدىۋىلى Application for a permanent residence in Canada چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/imm0008egen.pdf
ئاساسى كاندىدات تولدۇرىدۇ.
6. قىسقىچە ئارقا كۆرىنىشش Background/Declaration چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/imm0008_1e.pdf
7. ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇنچە كاندىدات تولدۇرىدۇ
8. ئاساسى ئىقتىسادى ۋە خىزمەت ئەھۋالى Economic Classes چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/imm0008_3e.pdf
ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇنچە كاندىدات تولدۇرىدۇ.
9. قوشۇمچە ئائىلە ئەھۋالى Additional Family Information چۈشۈرۈش ئادرىسىhttp://www.cic.gc.ca/english/pdf/kits/forms/IMM5406E.PDF
ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇنچە كاندىدات تولدۇرىدۇ.
10. بەزى كىبەكتە باشقۇرىلىدىغان كەسىپلەردىكى خادىملار توشقۇزۇشقا تىگىشلىك
قوشۇمچە جەدىۋەللەر ئىنجىنىر ۋە باشقا يۇقۇرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر چۈشۈرۈش ئادرىسى http://www.immigration-quebec.go … s/en/dcs/D02-A.pdf. باشقۇرىلىدىغان كەسىپلەر تىزىملىكى لازىملار تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرىۋالسا بولىدۇ:http://www.immigration-quebec.go … essional-order.html
ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن : http://www.immigration-quebec.go … ns/en/dcs/D19-A.pdf
دوختۇرلارغا نىسبەتەن : http://www.immigration-quebec.go … ns/en/dcs/D04-A.pdf

يۇقارقى جەدىۋەللەرنى ئۆز كەسپىڭىزگە ئاساسەن تاللاپ تولدۇرىسىز.
11. كېبەكتە توققانلىرى بارلارغا نىسبەتەن: http://www.immigration-quebec.go … ns/en/dcs/D13-A.pdf
بۇ جەدىۋەلنى كىبەكتە بىۋاستە توققانلىرى بارلارغا قارىتا تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئەگەر توققانلىرى بولسا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
12. باشقا دۆلەتتە تۇرىۋاتقان بولسىڭىز ، شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ھوقۇق ئىسپاتىنىڭ فوتۇ كوپىسى تاپشۇلىرىدۇ. ئىناۋەتلىك ۋاقتى چوقۇم ئىنىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
13. ئىناۋەتلىك دىپلوم ياكى ئۈنۋان كىنىشكىلىرىنىڭ نوتەرى نوسخىسى ، ئوتتۇرا مەكتەپ ، كەسپى تېخنىكوم ، ئالى تېخنىكوم ۋە ئالى مەكتەپ دىپلوملىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسى كاندىدات ۋە قوشۇمچە كاندىدات تەييارلايدۇ.
14. ئالى مەكتەپ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ نوتەرى نۇسخىسى ، ئەگەر مەكتەپتىن بىۋاستە ئىنگىلىز تىلىدا چىقىرىپ بېرىلسە ، نوتەرى قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئارخىپتىن چىقىرىپ فوتۇ كوپى قىلىنغان بولسا چوقۇم نوتەرى قىلىش كېرەك .
15. خىزمەت ئىسپاتى ۋە خىزمەت ئەھۋالى نۇتۇشتۇرۇلمىسى (خەنزۇچە تۈي جىيەن شىن دىيىلىدۇ) : بۇ ئالدىنقى 5 يىل ئىچىدە ئىشلىگەن شىركەت ياكى ئورگانلاردىن چىقىرىپ بېرىلىدۇ . بۇنى ئۆزىڭىز تەييەرلاپ شىركەت ياكى ئىدارە ئورگانلاردىن تامغا باستۇرسىڭىز بولىدۇ. قەغەزنىڭ ئۈستىگە شىركەت نامى يېزىلىدۇ .
16. تىل ئىسپاتنامىسى : ئەگەر Test d’évaluation du français adapté pour le Québec ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كىنىشكە ئالغان بولسىڭىز تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر نومۇر يۇقۇرى بولسا ، ئىنتېرۋىۋغا چاقىرىتماي بىۋاستە CSQ بېرىشى مۇمكىن.
ئىناۋەتلىك ئىنگىلىز تىلى كىنىشكىلىرىڭىز بولسا فوتو كوپى نۇسخىسىنى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
17. سالاھىيەت كىنىشكىسى ۋە نوپۇس دەپتەر نىڭ نوتەرى نۇسخىسىنى تەييالاش كېرەك ؛
18. تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى نوتەرى قىلىپ بىر نۇسخىسىنى تاپشۇرىسىز. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىلگىرى تۇغۇلغان ، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى يۇقلار :كىملىك ۋە نوپۇس دەپتەرنى ئېلىپ نۇپۇس دەپتەر قاراشلىق ئائىلە كومىتىت ئىشخانىسىغا(جىيې داۋ بەنشىچۇ) بېرىپ شۇ يەردە بىرجىرىلىدۇ . مەزمۇمى شۇ كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ، تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى ، تۇغۇلغان جايى يېزىلىدۇ ، كومىتىت ئىشخانا تامغۇسى بېسىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى نوتەرى قىلىشقا بولىدۇ.
تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى بارلار بىۋاستە نوتەرى قىلسا بولىدۇ.
19. بالىلارنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى نوتەرى قىلىپ بىر نۇسخىسىنى تاپشۇرىسىز ؛
20. توي خىتى كىنىشكىسىنى نوتەرى قىلىپ بىر نۇسخىسىنى تاپشۇرىسىز(بىرسىنى نوتەرى قىلسىلا بولىدۇ)؛
21. قىسقىچە تارىخى cv بۇ ئىنگىلىز تىلى ياكى فىرانسۇز تىلىدا تەييارلىنىدۇ.
22. رەسىم ، يېقىندا چۈشكەن 2 سۇڭلۇق رەسىمدىن 6 پارچىدىن ، رەسىملەرنىڭ ئاقا تۆۋەن تەرىپىگە شۇ كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى يېزىپ قويۇلىدۇ. رەسىم جوڭگو پاسپورتىدىكى رەسىمگە ئوخشىمايدۇ ،تەلىپى باشقىچە بولۇپ لازىملارغا ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ.
23. تىزىس ؛ غەرىپلىكلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ماتىرىيالللارنى يۇقارقى تەرتىپ بويىچە تىزىملىك قىلىپ ئىلتىماسنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قوشۇپ قۇيىلىدۇ، ئىنگىلىز تىلى ياكى فرانسوز تىلىدا تەييارلانسا بولىدۇ.
يۇقۇرقى جەدىۋەللەرنىڭ تولدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاۋاز ھۆججىتى شەكىلدە تەييارلىغان ، لازىملار تەلەپ قىلسا ئىلخەت ئارقىلىق ياكى QQ ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىمەن . ئىلخەت ئادرىسىم klmxx@hotmail.com
ئىلتىماسقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا ئەۋەتىسىز:
Bureau d'immigration du Québec à Hong Kong
c/o Consulate General of Canada
10th Floor, Tower 1, Exchange Square
8 Connaught Place, Central
Hong Kong
Telephone : (852) 2810.7183

كىبەك كۆچمىنى ئىلتىماسىدىن بۇرۇن چوقۇم فرانسوز تىلى ئۈگۈنىشىنى باشلاش كېرەك ،ئىلتىماسنى ئەڭ ياخشىسى فىرانسوز تىلى ئۈگۈنۈپ 50 -100 سائەت دەرس تۈگىگەندە ئاندىن يوللىسا مۇۋاپىق بولىدۇ،يوللاپ بولغاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ئۈگۈنۈش كېرەك ، تۆۋەندە قىسقىچە فىرانسوز ئىنتېرۋېۋ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن ھەم بىر تەقلىدى ئىنتېرۋېۋ سۇئاللىرىنى تەمىنلەيمەن ئادەتتە شۇنچىلىك سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگىدەك بولسا بولىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تورى 
ئاپتورى :KLMXX

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro