دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلار_ TOYOTA

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: كارخانىلار / كۆرۈلۈشى:713 قېتىم ئوقۇلدى /

TOYOTA شېركىتى دۇنيادىكى ئون چوڭ ئاپتۇموبىل سانائىتى كارخانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،1933-يىلى قۇرۇلغان. بۇرۇن تويوتا، imperial crown皇冠،   COROLLA花冠 دەك داڭلىق ماشىنىلار دەۋر سۈرگەن بولسا ھازىر雷克萨斯” Lexus ، COROLLA卡罗拉 دەك داڭلىق ماركىلىق ماشىنلىرى بار. تويوتا ماشىنا سېتىلىش مىقدارى، سېتىش سوممىسى ۋە نام-ئاتاق جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىدىكى شېركەتلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.  تويوتا ئادەتتە ماشىنىلار ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار، كاتتا ماشىنىلار، بولكىۋاي ماشىنىلار، بەيگە ماشىنىلىرى، دالا ماشىنىلىرى، ئادەتتە ھەيدىلىدىغان ماشىنىلارنى  ئىشلەپچىقىرىدۇ. تويوتانىڭ قۇرغۇچىسى
丰田喜一郎 Kiichiro Toyoda

بولۇپ 1895-يىلى ياپۇنىيەدە تۇغۇلغان، توكيو ئىمپىرىيە ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ماشىنىسىازلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن.ئۇ 1929-يىلى ياۋروپا-ئامېرىكىنىڭ ئاپتۇموبىل سانائەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە بارغان ۋە 1933-يىلى گىرمانىيەدىن DKW ماركىلىق ماشىنىدىن بىر سېتىۋېلىپ ئىككى يىل چۇۋۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 1935-يىلى 8-ئايدا GI ماركىلىق ماشىنىنى ياساپ چىققان. بۇ ماشىنا ئىككى ھالقىلىق، قوش سىلىندىرلىق بولۇپ، ماشىنا قېپى ياغاچتىن ياسالغان، ماشىنا ئۈستى بولسا خۇرۇم تېرە بىلەن يېپىلغان. 1934-يىلى كىچىرو.تويوتا ئاپتۇموبىل زاۋۇتى قۇرۇش قارارىغا كەلگەن. 1937-يىلى شېركەت قۇرۇلغان.دەسلەپتە 12مىليون يىن مەبلەغ سېلىنىپ،300دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىشلىگەن.1936-1937-يىللىرى ئاپتۇموبىلنىڭ بازىرى تازا ياخشى بولمىغان.ياپۇنىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى زور مىقداردا يۈك ماشىنىسىغا ئىھتىياجلىق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ، نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن. 1950-يىلى چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن 4.6مىليارد يىنلىق سودا توختامى تۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن تويوتا شېركىتى تېز تەرەققىي تاپقان. 1952-يىلى كىچىرو . تويوتا ۋاپات بولغان. 1974-يىلى تويوتا، 日野، 大发 قاتارلىق16 شېركەت بىرلىشىپ تويوتا گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 280 ئارتۇق ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق تورى شەكىللەندۈرگەن.1982-يىلى 7-ئايدا تويوتا ئاپتۇموبىل سانائىتى شېركىتى بىلەن تويوتا ئاپتۇموبىل سېتىش شېركىتى قايتىدىن بىرلىشىپ نامىنى « تويوتا ئاپتۇموبىل شېركىتى» گە ئۆزگەرتكەن.
تويوتا شېركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى  ئاپتۇموبىل، پولات-تۆمۈر، سىتانوك، ئېلكتىرون، توقۇمچىلىق ماشىنىلىرى،تالالىق ماتىرىياللار، ئائىلە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە قۇرۇلۇش سانائىتى قاتارلىقلار. 1993-يىلى ئومومىي سېتىش سوممىسى 85.283 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، دۇنيادىكى سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە 5-ئورۇندا تۇرغان. يىللىق ماشىنا سېتىلىش سانى 4.45  مىليون بولۇپ، دۇنيا ماشىنا بازىرىنىڭ 9.4% ئىگىلىگەن.2006-يىلى سېتىلىش سانى 8.808 مىليونغا يەتكەن.تويوتا ھازىر  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتۇموبىل ياساش شېركىتى. 2006-يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 500 ماركا» نىڭ ئىچىدە 1-ئورۇنغا ئۆتكەن. 2008-يىلى «دۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانا» ئىچىدە 5-ئورۇندا تۇرغان.

تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق    قوشۇق بلوگى
كېلىش مەنبەسى: بەيدۇ

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro