قەشقەردىن كۈچۈپ چىقىپ ئىلى قورغاس ناھىيە لەنگەر يېزىسىدا ئولتۇرغىنىغا 30 يىل بولغان تۇرجان ئىسمايىل (دېھقان) ئائىلىسىدە 5 جان باربولۇپ، تېرىيدىغان يېرى يوق ، پەقەت بىرلا ئاتىنىڭ ئۇششاق چۈششەك تىرىكچىلىكى بىلەن جان بىقىپ كىلىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ ئاتىنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى بولماي ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى. دوختۇرخانىغا كۆرسىتىپ داۋالىتىشقا قۇدرىتى يەتمەيۋاتقاندا، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن كىچىك قىزى مېھرىنىسا مېڭە ئۆسمە كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئەھۋالى كۈندىن – كۈنگە ناچارلاپ ھەرقىتىم تۇتقاقلىقى تۇتقاندا ھېچنىمىنى سەزمەي چىشلىرى كىرىشىپ ، پەيلىرى تارتىشىپ يىقىلىپ قالىدۇ، ھەتتا چوڭ – كىچىك تەرىتىنىمۇ قىلالمايدۇ. كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 7 يىل بولغان ، بۇ خىل شارائىتتا بۇ قىزنى دوختۇرخانىغا كۆرسىتىش مۇمكىن بولمىدى، كېسەل كارۋىتىدا ياتقان بۇ قېرىندىشىمىز سىز ۋە بىزلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج.
شۇڭا ھەرقايسى ساھەدىكى ۋە جەمئىيەتتىكى مېھرىبان ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ
ياردەم قولىنى سۇنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەنگە
ئاسايىشلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ھەمدە ھەممەيلەن بىردەك ئۇلۇغ ۋە كەرەملىك
ئاللاھدىن ئابدۇسالام ئاكىمىزغا سالامەتلىك تىلەيلى!
خالىس ياردەم قىلغۇچى تېلىفۇن نومۇرى :13999265674
يېزا ئىگىلىك كارتىسى: 6228480890677610416
جۇڭگو بانكىسى : 621661830000282397