ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

ۋاقتى: 2012-08-13 / ئاپتور: / سەھىپە: ساھابىلار / كۆرۈلۈشى:798 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاللاھ

(ۋاپاتى ھىجرىيەنىڭ 13- يىلى)

ئىسمى: ئابدۇللاھ ئىبن ئەبى قەھافە ئوسمان ئىبن ئامىر ئىبن كەئب ئەلسسىديق ئەتتەمىمى ئەلقۇرەشى بولۇپ، ئەسسىديق ۋە ئەلئەتىيق دەپ لەقەبلەنگەن.

مەككىدە توغۇلۇپ، ئۆسكەن . قەبىلىلەرنىڭ نەسەپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرەيشلەرنىڭ كاتتىلىرىدىن بولۇپ، ئەرەبلەر ئۇلارنى قۇرەيشلەر ئالىمى دەپ ئاتايتتى.

تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىپ، مال- دۇنيا توپلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن چاغدا، ئۇنىڭغا تۈنجى ئىمان كەلتۈرگەن. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلغان. غاردىكى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى مەسجىد نەبەۋىگە يېقىن بىرگە ئولتۇراقلاشتۇرغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بەدر ۋە ئۇھۇد غازاتلىرىغا قاتناشقان، باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىق بەرگىنىدەك، مۇسۇلمانلار چېچىلىپ كەتكەندىمۇ سابىت قەدەم تۇرغان. تەبۇك غازىتىدا بايراقنى كۈتۈرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىسلامدىكى تۈنجى ھەجگە مەسئۇل قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا : «ئەبۇ بەكرىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن. دىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئىي، رەسۇلۇللاھ! ئەبۇ بەكىر كۆڭلى يۇمشاق كىشى، ئەگەر سىلى قىلىدىغان ئىشنى قىلسا، كىشىلەر ئۇنى ئاڭلىيالمايدۇ ـ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەبۇ بەكرىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن!… دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تېنى ئاجىزلاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان بىر چاغدا مەسجىدكە كىردى، ئەبۇ بەكىر ئۇنىڭ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، كىچىكتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: داۋاملاشتۈرىۋەر! دەپ ئىشارەت قىلدى ۋە ئەبۇ بەكرىگە ئىقتىدا قىلىپ، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقىدى. مانا بۇ، ئەبۇ بەكىرگە قىلىنغان ئىززەت- ئىكراملار قاتارىدىن بولۇپ سانىلىدۇ.

ەيغەمبەر ئەلە يھىسسالام ۋاپات بولغاندا مۇسۇلمانلار قالايمىقان بولۇپ كەتكەندىمۇ، ئەبۇ بەكىر مۇقىم مەيداندا، مۇستەھكەم تۇردى ۋە باشقىلارنىمۇ ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ كىلەلىدى.

ھىجىرىيەنىڭ 11- يىلى ئۇنى خەلىپە دەپ ئېتىراپ قىلىپ، مۇسۇلمانلار بەنى سەقىيفەدە بەيئەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھازىرلىغان ئۇسامىنىڭ قۇشۇنىنى يولغا سېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىنىڭ داۋامىنى ئىجرا قىلدى. مۇرتەدلەر ۋە زاكات بىرىشكە قارشى چىققۇچىلارغا قارشى جەڭ قىلدى. ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە شام ۋە ئىراقنىڭ كۆپ قىسمى فەتھى قىلىندى. ئۆزىدىن كېيىن، ئۆمەرنىڭ خەلىپە بولىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىدا ئىمامى، جۈمەلەر، ھېيىتلار ۋە مەۋسۇملاردا خەتىبلىرى ئىدى.

ئۇنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك ئەسلىمىلىرى بار، ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە ھاراقتىن ئۆزىنى چەكلىگەن، ئىسلامدىن كېيىن، بارلىق ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان، ئېغىرچىلىق ۋە مۇسىبەتلەرنى كۈتۈرگەن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا مەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مېلى ۋە جېنى بىلەن ئەمىن قىلغان ئەبۇ بەكرىدەك بىر كىشى يوق. ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر دوست تۇتىدىغان ئىش بولسا ئەبۇ بەكىرنى دوست تۇتقان بولاتتىم. لېكىن ئارىمىزدا ئىسلامنىڭ قېرىنداشلىقى ۋە مۇھەببىتى بار. مەسجىدتە ئەبۇ بەكىرنىڭ ئىشىكىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، باشقا ئىشىكلەرنى تاقىۋەتتى..

ئۇنىڭ: ئابدۇللاھ، ئەسما (زاتۇننىتاقەين) ، ئابدۇرراھمان، ئائىشە، مۇھەممەد، ئۇممۇ كۇلسۇملاردىن ئىبارەت پەرزەنتلىرى بار. (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)

خىلاپەت مۇددىتى ئىككى يىل، ئالتە يېرىم ئاي بولۇپ، ھىجىرىيەنىڭ 13- يىلى، 63- يېشىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ۋاپات بولغان.

ت- ئا. قارلۇقىي

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro