چۈرۈك يۇمشاق پىشۇرۇلغان پۈتۈن تو، سۇ ،
سۇ يېغى، زەنجىۋىل 《 生姜 》، غول پىياز ، جاڭيۇ، ئۇن ،
يۇمشاق پىشۇرۇلغان پۈتۈن توخۇ < 香酥全鸡 > تەييارلاش
ئاساسى ماتىرىيال : بىر تال توخۇ 1.2 كىلوگىرام ئەتىراپىدا
قوشۇمچە: تۇز، سەككىز بۇرجەك 《 八角 》، قوۋزاق دارچىن 《 桂皮 》،تىرىك
كاۋاۋىچىن 《 花椒粒 》،پۇراقلىق يوپۇرماق 《香叶 》، ئوت غوزىكى
《 草果 》،ماندارىن شۆپىگى 《 橙皮 》،ئارىپبەديان 《 回想 》، سۇ ،
سۇ يېغى، زەنجىۋىل 《 生姜 》، غول پىياز ، جاڭيۇ، ئۇن ،
ئىشلەش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن توخۇنى پاكىزە يۇيۇپ تازلاپ قازانغا سۇ ئېسىپ
تۇزنى تېتىغۇدەك سېلىپ تۆۋەندكى پۇراقلىق ماتىرياللارنى سېلىپتوخۇنى
سالىمىزدە قايناپ كۆپىگى چىققاندا كۆپۈگىنى سۈزىۋىتىپ ئوتنى پەس قىپ قاينىتىپ
دورا -دەرمەكلەرنىڭ پۇرىغى < تەمى > توخۇغا سىڭىپ 70 پىرسەنىتپىشقاندا سۈزۈپ
ئالىمىز ، كەينىدىن قازانىغا توخۇ چىلاشقۇدەك ماي ئېسىپ 6-7 دەرىجە ھارارەتكە
كەلگەندە توخۇنىڭ كۆكىرەك يۈزىگە بوينىدىن پاچىغىغا كەلگۈچە جاڭيۇ سۈرۈپ
ئۇنىڭ ئۈستىگە نىپىز بىر قەۋەت ئۇن سىپىپ قازاندىكى مايغا سېلىپ
قوڭۇر سارغۇچ ھالەتكە كەلگۈچە پىشۇرۇپ سۈزىمىز. ئاندىن چوڭىراقتەخسىگە
پۈتۈن توخۇنىڭ شەكلىنى چىقرىپ پارچىلاپ ئۈستىگە ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ
ئارلاشما دەرمەك تەييارلاپ سىپىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
قېنى ئەمىسە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز؟!!!!!!
ئەسكەرتىش: توخۇنى تازلىغاندا قۇيرۇق قىسمىدىن گەجگىسىگە كەلگۈچە پىچاق
ئۇرۇپ يېرىۋىتىمىز .
ئارلاشما دەرمەك دىگىنىمىز ھەر خىل بولۇپ : تۇز ، زىرە ، ئۇۋاق لازا بىرىكىشى
ياكى تۇز، كاۋاۋچىن تالقىنى بىرىكىشى ۋە ياكى تۇز، ئاقمۇچ تالقىنىنىڭ
بىرىكىشىنى كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: ئاشپەز تورى