مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)

ۋاقتى: 2012-08-13 / ئاپتور: / سەھىپە: ساھابىلار / كۆرۈلۈشى:816 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاللاھ

بويى ئېگىز، قاۋۇل، چىرايى قارامتۇل كەلگەن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇرلىقى، بەستىلىك قامىتى ۋە ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن زامانداشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ تېخى مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپلا مۇھەممەد دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئىسمىدىنمۇ بىز ئۇنىڭ مەدىنىلىكلەر ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال مۇسۇلمان بولۇپ، بۈيۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگەشكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. (”مۇھەممەد“ دېگەن بۇ ئىسىم ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن قوللىنىلمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىسىمنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرغاندىن تارتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان ئىسىم بولۇپ قالغان).

مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە مەدىنىدىكى ئەۋس قەبىلىسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئەرەب ئەمەس ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇنجى تەشۋىقاتچى- مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولدى. ئۇ مەدىنىدىكى ئۇبەي ئىبنى ھۇدەير ۋە سەئد ئىبنى مۇئاز قاتارلىق ئابرۇيلۇق كىشىلەردىنمۇ ئىلگىرىراق ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا، مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەر بىر مۇھاجىرنى بىردىن ئەنسار بىلەن قىيامەتلىك دوست قىلىپ قويدى. بۇ چارە مۇھاجىرلارنىڭ ئۆي ۋە تاماق جەھەتتىكى زۆرۈر ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ، مۇستەھكەم مۇسۇلمانلار جامائەسىنى قۇرۇشتا زور رول ئوينىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ خارەكتىرى ۋە مىجەز- خۇلقىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئادەم بولۇپ، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، تەبىئىتى ۋە مىجەزى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلارنى بىر جۈپ قېرىنداش قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بىلەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى قېرىنداش قىلدى. ئەبۇ ئۇبەيدەگە ئوخشاشلا مۇھەممد ئىبنى مەسلەمەمۇ خىيالچان، ھەققانىيەتچى ۋە ئىخلاسمەن، شۇنداقلا جەڭ مەيدانىدا ناھايىتى باتۇر ۋە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ مەشھۇر چەۋەندازلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسلام يولىدا ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدى.

مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە تەبۇك غازىتىدىن باشقا بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان. تەبۇك غازىتى ۋاقتىدا، ئۇ ئەلى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىنى ساقلاشقا قالغان قوشۇنغا باشلىق بولۇپ قېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا، ئۆزىنىڭ 10 بالىسىغا دائىم ئەشۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ ھاياتىدا، ئۇنىڭ تۇلىمۇ ئىشەنچلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان مىساللار بار.

ئوھۇد غازىتى باشلىنىشتىن بورۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە 700 كىشىلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىر دالادا چىدىر تىكىپ كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئىشىنىپ 50 ئادەمگە قۇماندان قىلىپ، پۈتۈن كېچە چىدىر ئەتراپىدا كۆزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. ئۇرۇش رەسمى باشلانغان چاغدا، قۇرەيش قوشۇنى مۇسۇلمانلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى. 70 چە مۇسۇلمان شېھىت بولدى، نۇرغۇنلىرى تەرەپ- تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىمانلىق، باتۇر مۇسۇلمانلارلا تاكى ئۇرۇش ئاياغلاشقىچە ساباتلىق تۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدىدى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بىرەر غازاتقا چاقىرىلسىلا دەرھال ھازىر بولاتتى. بىر قېتىم ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا شەھەردىكى يەھۇدىي باشلىقلىرىنىڭ بەزى پېلانلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىدى. مەدىنىگە دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتلاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھەردىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇنداق كېلىشىم تۈزۈشكەن ئىدى: ”يەھۇدىيلار بىز بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشسە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھامىيلىقىمىزدا بولۇپ، ھۇقۇقتا بىز بىلەن ئوخشاش بولىدۇ… مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە مەدىنىنى قوغداپ، دۈشمەنلەرگە قارشى تەڭ ئۇرۇش قىلىدۇ… مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچمايدۇ ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باشقىلارغا ياردەم بەرمەيدۇ.“ يەھۇدىي باشلىقلىرى بۇ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىپ، قۇرەيشتىكى ۋە مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇلار يەنە ئىسلامنىڭ ئابرۇيىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، مەدىنىدىكى كىشىلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالماقچى بولدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ بەدىر غازىتىدىكى چوڭ غەلبىسىدىن كېيىن، مەدىنىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بەنۇ قەينۇقا ناھايىتى قەبىھلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ۋەھشىي بىر ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇلار مۇنداق دېدى:

- ئى مۇھەممەد! سەن بىزنى ئۆزەڭنىڭ ئادەملىرىڭگە ئوخشاش دەپ قارامسەن؟ سەن ئۇرۇشتىن قىلچە خەۋىرى يوق ئادەملەرنى باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىۋاتىسەن. سەن بىزگە قارشى تۇرۇپ ئۇرۇشساڭ، ئاندىن بىزنىڭ بوش ئەمەسلىكىمىزنى بىلىپ قالاتتىڭ.

ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلدى. قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەرگەر بولۇپ، مەدىنىدىكى بازارلارنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى خەزرەج قەبىلىسىنى ئۇرۇشتا ياردەمگە چاقىرغان بولسىمۇ، ئۇلار رەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنۇ قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنىڭ يەرلىرىنى 15 كېچە مۇھاسىرە قىلدى. قورقۇپ كەتكەن قەينۇقا ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولۇپ، مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشكە بىر يول چىقىرىپ بېرىشىنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ كېتىشىگە رۇخسەت بەردى. پۈتۈن قەبىلە ئەر- ئايال ۋە بالىلار ھېچقانداق زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىماي كېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ قورال- ياراقلىرى ۋە زەرگەرلىك ئەسۋاپلىرى غەنىمەت ئېلىندى. ئۇلار سۈرىيەدىكى ئەزرىئەت دېگەن جايدا ئولتۇراقلاشتى.

گەرچە بىر- بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى تېخىچە كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، قەينۇقا يەھۇدىيلىرىنىڭ كېتىشى باشقا يەھۇدىيلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىنى تۈگىتەلمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئۆچمەنلىك پۇزىتسىيەسىدە بولغان ھەمدە دۈشمەنلىكنى ئوچۇق ئاشكارىلىغان ئادەم – كەئب ئىبنى ئەشرەف ئىدى. كەئبنىڭ دادىسى ئەسلى ئەرەب بولۇپ، بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، مەدىنىگە قېچىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە بىر مۇھىم يەھۇدىي قەبىلىسى بەنۇ نەزىرنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئەقىلە بىنت ئەبۇل ھەقىق دېگەن بىر يەھۇدىي ئايالغا ئۆيلەنگەن ئىدى. ئۇ كەئبنىڭ ئانىسى ئىدى. كەئب ئېگىز ۋە كېلىشكەن ئادەم ئىدى. ئۇ تونۇلغان شائىر بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بايلىرىنىڭ ۋە ھىجازدىكى يەھۇدىيلارنىڭ مۇھىم باشلىقلىرىدىن ئىدى. ئۇ مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ بىر خورمىلىق بېغى بار بىر قۇرغاندا تۇراتتى. ئۇ نۇرغۇن يەھۇدىي ئۆلىمالىرىنى قوللاپ ياردەم بېرەتتى. كەئب ئىسلامغا ئاشكارە دۈشمەنلىك قىلدى. ئۇ شېئىر توقۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەجىۋىلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمان ئاياللارنى ھاقارەتلىدى. مەدىنىدىكى ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بەدىردىكى غەلبىسىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى غەزەپلىنىپ كەتتى. بولۇپمۇ قۇرەيشلەرنى ئەسىر ئېلىپ ماڭغان مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى كۆرۈپ، تۇلىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ غەزىپىنى قۇرەيشكە ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن، مەككىگە كەلدى ۋە ئۇلارنى قىساس ئېلىشقا كۈشكۈرتتى. ئاندىن ئۇ باشقا جايلارغا بېرىپ، قەبىلىمۇقەبىلە چېپىپ يۈرۈپ، كىشىلەرنى قوللىرىغا قورال ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىدى. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەن چاغدا، ئۇ دۇئا قىلىپ: ”ئى پەرۋەردىگارىم! ئەگەر خالىساڭ ئەشرەفنىڭ ئوغلىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغىن!“ دېدى. كەئب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان تېنچلىققا ۋە ئورتاق ئىشەنچ ئورنىتىشقا نىسبەتەن رېئال بىر خەۋپ بولۇپ قالدى. كەئب مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىل تەككۈزۈشنى ۋە مۆمىن ئاياللارنى ھاقارەتلەشنى داۋاملاشتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بولمىغۇر پائالىيەتلەرنى ۋە ۋەھشىي سۇيىقەستلەرنى تۈگىتىشكە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر ئىسيان قوزغىماقچى بولغان ئىدى. يۇقىرىقىدەك ئىشلار بىلەن كەئب ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوچۇق ئۇرۇش ئاچتى. ئۇ يېڭى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە نىسبەتەن تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن تولىمۇ غەزەپلىنىپ، مۇسۇلمانلارغا:

- كىم كەئب ئىبنى ئەشرەفنى جايلىۋېتىدۇ؟ ئۇ اللەنى ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرىنى غەزەپلەندۈردى، – دېدى.

- سېنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جايلىۋېتىمەن، ئى رەسۇلۇللا! – دېدى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنچىۋالا ئاددى ۋەزىپە ئەمەس ئىدى. بىر مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆيىگە بېرىپ، قانداق قىلىش توغرىلىق ئويلىنىپ، تا ئۈچ كۈنگىچە ئېغىزىغا گىياھ سالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي ئولتۇرغانلىقىنى سورىۋېدى، ئۇ:

- ئى رەسۇلۇللا! مەن ساڭا بىر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش توغرىلىق ۋەدە بەردىم، ئەمما مەن ئورۇنلىيالامدىم ياكى ئورۇنلىيالمامدىم ئۇقمايمەن، – دەپ جاۋاب بەردى.

- سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت شۇنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بار كۈچۈڭ بىلەن تېرىشىش، – دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. ئاندىن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بەزى ساھابىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قانداق ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەئب ئىبنى ئەشرەفنىڭ ئېمىلدەش ئىنىسى ئەبۇ نائىلەمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكچى بولۇشتى، ئاندىن ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، كەئبنى قۇرغىنىدىن ئالداپ ئېلىپ چىقىش پىلانىنى ئېيتىپ، رۇخسەت سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رۇخسەت بەردى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە كەئبنىڭ جىيەنى، ئەبۇ نائىلە بولسا ئۇنىڭ ئېمىلدەش قېرىندىشى ئىدى. ئۇلار كەئبنىڭ ئۆيىگە باردى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئالدى بىلەن سۆزلەپ:

- بۇ ئادەم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) بىزدىن تۇلا سەدىقە سوراپ، بىزدە يېگۈچىلىكمۇ بىر نەرسە قالمىدى. ئۇ بىزگە زومىگەرلىك قىلىپ بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن سەندىن ئازراق پۇل قەرز سوراپ كەلدىم، – دېدى.

- ئاللاھ! بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىۋاتىمەن، – دېدى كەئب. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئاندىن:

- بىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قاپتىكەنمىز، بۇ ئىش بىر ياقلىق بولغىچە بىز ئۇنى تاشلىۋەتمەي تورايلى، بىز سېنىڭ بىر ئىككى ۋەسسەق ئالتۇن بېرىپ تۇرۇشۇڭنى سورايمىز، – دېدى. كەئب ئالتۇننى بېرىشنى ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا:

- سىلەر تېخىچە ئۇنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئەگىشىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلمىدىڭلارمۇ؟ مەيلى، ئەمما سىلەر ماڭا بىر نەرسىنى گۆرۈگە قويۇشۇڭلار كېرەك، – دېدى، ئۇلار:

- نېمىنى گۆرۈگە قويىشىمىزنى خالايسەن؟ – دەپ سورىدى، كەئب:

- ئاياللىرىڭلارنى گۆرۈگە قويۇڭلار، – دېدى، ئۇلار:

- سەن ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئادەم تۇرساڭ، قانداقمۇ ئاياللىرىمىزنى گۆرۈگە قويىمىز؟ – دېدى.

- ئۇنداق بولسا بالىلىرىڭلارنى گۆرۈگە قويۇڭلار، – دېدى كەئب، ئۇلار:

- بىر- ئىككى ۋەسسەق ئالتۇن ئۈچۈن بالىلىرىنى گۆرۈگە قويدى دەپ باشقىلار بىزنى تىللىمامدۇ؟ بۇ بىز ئۈچۈن ئەيىب، ساڭا قوراللىرىمىزنى گۆرۈگە قويايلى، سەن بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىسەن، – دېدى. كەئب ئۇلارنىڭ قوراللىق كېلىپ ئۇنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار قوراللارنى كېيىنكى قېتىم ئېلىپ كېلىشكە ۋەدە بېرىشتى. شۇ چاغدا ئەبۇ نائىلە كەئبكە:

- ئى ئىبنى ئەشرەف، مەن سېنىڭ قېشىڭغا بىر گەپنى دېمەكچى بولۇپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما سەن مېنىڭ كېلىش سەۋەبىمنى سوراپمۇ قويمىدىڭ، – دېدى.كەئب ئۇنىڭ گەپلىرىنى دېيىشىنى ئېيتقان ئىدى، ئەبۇ نائىلە:

- بۇ ئادەم مەيدانغا چىقىپ، بىز ئەرەبلەرنىڭ ئادەتلىرىمىزنىمۇ ئاياغ- ئاستى قىلىۋەتتى، ئائىلىمىز ئاچلىقتا ۋە قىيىنچىلىقتا قالدى، ئائىلىمىزدىكىلەر ئاچلىقتىن بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ، – دېدى. كەئب جاۋاب بېرىپ:

- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى ئىبنى مەسلەمە، مەن ئىبنى ئەشرەف بۇرۇن ساڭا ئېيتقان، مانا ھازىر دەل مۆلچەرلىگىنىمدەكلا بوپتۇ، – دېدى. ئەبۇ نائىلە:

- بىزگە ئازراق يىمەكلىك سېتىپ بەرگىن، نېمىنى خالىساڭ شۇنى گۆرۈگە قويىمىز، بىزگە رەھىم قىلغىن، مېنىڭ يەنە بىر نەچچە دوستۇم بار، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئەھۋالدا، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قېشىڭغا باشلاپ كەلسەم، ئۇلارغىمۇ يېمەكلىك سېتىپ بېرىپ بىر ياخشىلىق قىلساڭ، بىز كەلگەندە قورال- ياراقلىرىمىزنى گۆرۈگە قويىمىز، – دېدى.

- قوراللىرىڭلارنى گۆرۈگە قويساڭلار مەن خاتىرجەم بولىمەن، – دېدى كەئب. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۆرۈگە قويىدىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، بولغان ئىشلارنى بايان قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە، ئەبۇ نائىلە، ئەبباد ئىبنى بىشىر، ھارىس ئىبنى ئەۋس ۋە ئەبۇ ئەبەسە ئىبنى جابىر قاتارلىقلار كەئبنىڭ ئۆيىگە ماڭدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يېقىن بىر يەرگىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارغا:

- اللەنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ ئىلگىرىلەڭلار، – دەپ تاپىلىدى، ئاندىن:

- “ ئى پەرۋەردىگارىم، ئۇلارغا ياردەم بەرگىن ”، – دەپ دۇئا قىلىپ قايتىپ كەتتى. بۇ ھىجرەتنىڭ 3- يىلى رەببىيۇل ئەۋۋەلنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قالغان تۆتەيلەن بىلەن بىللە كەئىبنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدى، ئۇلار ئۇنى چاقىردى، كەئىب چىقماقچى بولىۋىدى، ئايالى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ:

- سەن دۈشمەنلىك ئادەم، بۇنداق چاغدا سىرتقا چىقمىغىن، – دېدى.

ئۇلار مېنىڭ جىيەنىم مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە بىلەن ئىمىلداش قېرىندىشىم ئەبۇ   نائىلە…..، – دېدى ۋە كارىۋاتتىن چۈشۈپ قېلىچىنى ئېلىپ سىرتقا چىقتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن كۈچلۈك ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە:

- مەن بۈگۈنكىدەك خۇشبۇيلۇقنى كۆرمىگەن ئىدىم، بېشىڭنى پۇرىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭ، – دېۋىدى، كەئىب بېشىنى تۇتۇپ بەردى. ئۇ كەئىبنىڭ بېشىنى چىڭ تۇتىۋالغاندىن كىيىن، ھەمراھلىرىغا:

- اللەنىڭ دۈشمىنىنى چېپىڭلار! – دەپ توۋلىدى. (بۇ ۋەقە توغرىلىق ئوخشىمىغان خاتىرىلەر بار، بەزىلەر: چېپىش بۇيرىغىنى بەرگەن ئادەم ئەبۇ نائىلە، بۇ ئىش كەئب ئۆيدىن چىقىپ ئۇلار بىلەن خېلى ماڭغاندىن كىېىن بولغان دەپ قارايدۇ). كەئب ئىبنى ئەشرەفنىڭ يوقىتىلىشى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى سۇيىقەست پىلانلاۋاتقانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. كەئبنىڭكىگە ئوخشاش ئاشكارە دۈشمەنلىكلەر مەلۇم ۋاقىت ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي توختىمىدى.

ھىجرەتنىڭ 4- يىلىنىڭ باشلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن بەنۇ نەزىرگە بېرىپ، مەلۇم ئىش توغرىلىق ياردەم سورىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نەق مەيداندا ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى، ئۇ قەتئىي ھەرىكەت قوللانمىسا بولمايتتى. بەنۇ نەزىر يېراققا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال شەھەرگە قايتىپ كەتتى، ئاندىن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا خائىنلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن 10 كۈن ئىچىدە مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى مەدىنىدە ئۇچرىتىپ قالسا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ بەنۇ نەزىرگە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ئۇنىڭ بەستلىك قامىتىنى كۆرگەن ۋە جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان بەنۇ نەزىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەنلىرىنى يەنى خائىنلىق قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى بۇ ۋەزىپىنى بىجىرىشكە تاللىشى ئۇنىڭ ساداقىتىگە، غەيرىتىگە ۋە مۇستەھكەم ئىمانىغا ئىشەنچ قىلغانلىغى ئۈچۈن ئىدى.

بەنۇ نەزىرنىڭ مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىشى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى يەنى ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشى، ئاخىرى ئۇلارنىڭ تەسلىم بولۇشى، ئۇلارنىڭ خەيبەرنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ بېرىشى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى بۇ يەردە سۆزكەپ ئولتۇرىشىمىز ھاجەتسىز. گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، بەنۇ نەزىرنىڭ ئىككى ئادىمى – يەمىم ئىبنى ئۇمەير بىلەن ئەبۇ سەىد ئىبنى ۋەھب مۇسۇلمان بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەئب ئىبنى ئەشرەف ئۆلتۈرۈلۈپ دەل بىر يىلدىن كېيىن يۈز بەردى.

مەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن بولسۇن، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆزىگە بىرەر ۋەزىپە تاپشۇرۇلسىلا، ئۇنى شۇ بۇيىچە ئورۇندايتتى، ھەرگىزمۇ بۇيرۇلغاندىن ئارتۇق ياكى كەم قىلمايتتى. شۇڭلاشقا ئۆمەر ئۇنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن ئىدى ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ۋە يېتەكچىسى ھېسابلايتتى. ئەمىر ئىبنى ئاس مىسىرگە ھۇجۇم قىلغاندا، ياردەمگە ئەسكەر سوراپ ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر ھەر بىرسى مىڭ ئەسكەردىن تەركىب تاپقان تۆت قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ قوشۇنلارغا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام، ئۇبادە ئىبنى سامىت ۋە مىقداد ئىبنى ئەسۋەدلەر باشچىلىق قىلغان ئىدى. ئۇمەر ئەمىرگە بىر خەت قۇشۇپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: ”مەن مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى ساڭا غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىشقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتىم، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىن، ئۇنىڭ ساڭا قىلغان قۇپاللىقلىرىنى كەچۈرگىن“ دېيىلگەن ئىدى. ئىبنى مەسلەمە فۇستاتقا – ئەمىرنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى… ئۇ ئۈستەلدە ئولتۇرغان بولسىمۇ، تامىغىغا ئېغىز تەگمىدى. ئەمىر ئۇنىڭدىن:

- ئۆمەر سېنى مېنىڭ تامىقىمنى يېيىشتىن چەكلىدىمۇ؟ – دەپ سورىدى.

- ياق، – جاۋاب بەردى ئىبنى مەسلەمە – ئۆمەر مېنى سېنىڭ تامىقىڭنى يېيىشتىن چەكلىمىدى ھەمدە مېنى سېنىڭ تامىقىڭنى يېيىشكىمۇ بۇيرىمىدى. ئاندىن ئۇ ئۈستەلگە ناندىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى تۇز بىلەن قۇشۇپ يېيىشكە باشلىدى. ئەمىر ئاچچىقلىنىپ:

- اللە بىزنىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئىشلەيدىغان ۋاقتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بەرسۇن! مەن ئىلگىرى خەتتابنىڭ ۋە ئوغلى ئۆمەرنىڭ بەدىنىنىمۇ تۇلۇق يۆگىيەلمەيدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، كوچىدا تېنەپ يۈرگەنلىكىنى، ئاس ئىبنى ۋائىل (ئەمىرنىڭ دادىسى) نىڭ بولسا زەر يوللۇق يىپەك تون كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەنمەن…، – دېدى.

- سېنىڭ داداڭ ۋە ئۆمەرنىڭ دادىسى ھەر ئىككىلىسى دوۋزاختا، چۈنكى ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان. ئەمما ساڭا كەلسەك، ئەگەر ئۆمەر سېنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىسە، سەن پەقەت ئۇ ئىلگىرى ساڭا بەرگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشاللىنىشىڭ كېرەك. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئەمىرنىڭ مىسىرنىڭ ۋالىيسى بولغاچقا، ئېغىزىدىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق سۆزلەرنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈردى.

- ئىشلار ھەققانىيەت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، – دېدى ئەمىر بۇ ناچار ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن.

- شۇنداق، پەقەت ئۆمەر ھايات بولسىلا شۇنداق بولىدۇ، – دېدى. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆمەرنىڭ ھەققانىيەتچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپ. مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئەنە شۇنداق ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچى ۋە تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىدى.

يەنە بىر قېتىم ئۆمەر ئۆزىنىڭ خەلىپىلىكى ئاستىدىكى بىر ۋىلايەتتە، مەشھۇر سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ كۇفەدە بىر ساراي سالدۇرغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. مۇھەممەد كۇفەگە كېلىپ، دەرھال بۇ ساراينى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. كىشىلەر ئۆمەرنىڭ بۇيرۇقىدىن ئەجەپلىنىپ كەتتىمۇ ياكى داڭلىق باتۇر، قادىسسىيەنى ئىشغال قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئوھۇدتىكى قەھرىمانلىقلىرىنى مەدھىيىلىگەن سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسنىڭ قاتتىق ئىزا تارتىپ كەتكەنلىكىدىن ئەجەپلەندىمۇ، ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيتتى. سەئىد بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدىغان، ھەققانىيەت ۋە اللەغا، دىنغا بولغان ئىخلاس، تەقۋادارلىق ئاساسىغا قورۇلغان ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ۋە گۇناھىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىسلامى ئەخلاقنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۆمەرنىڭ ۋارىسى، خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلدى. كېيىن ئوسمان ئۆلتۈرۈلۈپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا، مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ئۇنىڭغا قاتناشمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بەرگەن، ئۇ دائىم ئىشلىتىدىغان قېلىچىنى قەستەن سۇندۇرىۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇ ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چەۋەندازى“ دەپ ئاتالغان ئىدى، مۇسۇلمانلارغا تىغ كۆتۈرۈشنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ نام- شەرىپىنى قوغداپ قالدى. كېيىن ئۇ ياغاچتىن بىر قېلىچ ياساپ، ئۇنى ئوبدان زىننەتلىدى، ئاندىن غىلاپقا سېلىپ ئۆيىگە ئېسىپ قويدى. باشقىلار ئۇ توغرىلىق سورىغاندا، ئۇ:

- مەن ئۇنى پەقەت كىشىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئېسىپ قويدۇم، – دەپ جاۋاب بەردى.

مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە ھىجرەتنىڭ 46- يىلى سەفەر ئېيىدا مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

 مەنبە: نۇر ئىسلام

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro